جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كەبىنىڭ ياكى باشقا ئۇلۇغ جايلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن جەينىمازلاردا ناماز ئوقۇش توغرىسىدا

سۇئال

جەينىمازغا چۈشۈرۈلگەن كەبە ۋە ياكى باشقا ئۇلۇغ جايلارنىڭ سۈرىتىنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ قىلىش چەكلىنەمدۇ؟ بۇ يەردە بىر بۆلۈك كىشىلەر ئۇلۇغ ئورۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن جەينىمازلارغا دەسسەپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ شەكىلدىكى جەينىمازلارنى سېتىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇ ئىش ئىسلام پرىنسىپىغا كۆرە توغرىمۇ؟. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى بولمىغان نەرسىلەرنى تەسۋىرلەش خاتالىق ھېسابلانمايدۇ، كەبە ۋە باشقا مۇقەددەس ئورۇنلارمۇ جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىدىن خالى بولسا بۇنى تەسۋىرلەپ سۈرەت قىلىش خاتا بولمايدۇ.

لېكىن  ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جەينىمازلىرىدا ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان سۈرەتلەرنىڭ بولىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  يىپەكتىن ياكى يۇڭدىن بولغان نەقىشلىك رەختنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇۋېتىپ، رەختنىڭ نەقىشلىرىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: بۇ نەقىشلىك رەختنى ئەبۇ جەھىمگە ئاپىرىپ بېرىپ، ماڭا ئۇنىڭ يېنىدىن نەقىشسىز رەختنى ئېلىپ كېلىڭلار، بۇ رەختنىڭ نەقىشلىرى-سېزىقچىلىرى مېنى نامازدا مەشغۇل قىلىپ قويدى، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 373-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 556-ھەدىس].

    ھىشام ئىبنى ئۇرۋە دادىسىدىن، دادىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن نامازدا تۇرۇپ بۇ رەختنىڭ نەقىشلىرىگە قاراپ سېلىپ، دۇنيانىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىردىم دېگەن.

    نەقىشلەنگەن، بىزەلگەن جەينامازلاردا ناماز ئوقۇشنى ياقتۇرماسلىق، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك مۇقەددەس-ئۇلۇغ ئورۇنلارنىڭ سۈرىتىگە دەسسەپ ھۆرمىتىنى چۈشۈرگەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى ناماز ئوقۇغۇچىنى خۇشۇ-ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ۋە دىققىتىنى يېغىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويغانلىق سەۋەبىدىندۇر. مېنىڭچە ناماز ئوقۇغۇچى جەينىمازغا دەسسىگەندە ھەرگىزمۇ مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ سۈرىتىگە دەسسەپ كۆزگە ئىلماس ھالەتلىرىدە بولمايدۇ، بەلكى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇ سۈرەتلەرگە دەسسەپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مەسچىتلەرنىڭ شەكلى-سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن جەينىمازلاردا ناماز ئوقۇش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ قارىشىمىزچە: ئىمام ئۈچۈن ئالاھىدە نەقىشلەنگەن جايناماز سېلىپ بېرىش  توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سۈرەت-نەقىشلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ ۋە نەزىرىنى ئوغۇرلايدۇ، بۇنداق قىلىش نامازنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ يوللۇق-نەقىشلىك رەخت ئۈستىدە ناماز ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ يوللىرى-نەقىشلىرىگە قاراپ سېلىپ، ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: بۇ نەقىشلىك رەختنى ئەبۇ جەھىمگە ئاپىرىپ بېرىپ، ماڭا ئۇنىڭ يېنىدىن نەقىشسىز رەختنى ئېلىپ كېلىڭلار، بۇ رەختنىڭ نەقىشلىرى-سېزىقچىلىرى مېنى نامازدا مەشغۇل قىلىپ قويدى دېدى.ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ھەدىسىدىن، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

ئەگەر ئىمام ئەما بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمىگەنلىكتىن بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولمايدىغان بولسا ياكى بۇنداق ئىش كۆپ تەكرارلىنىپ بۇنداق نەرسىلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان بولسا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇنداق جاينامازدا ناماز ئوقۇسا توغرا بولىدۇ ۋە خاتالاشقان بولمايدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. "شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"12-توم 362-بەت.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى 6-توم 181-بەتتە مۇنداق سوئال بايان قىلىنغان: "ھازىر مەسچىتلەردە كەڭ تارقالغان جەينىمازلارغا ئوخشاش ئىسلام قۇرۇلمىلىرىنىڭ شەكلى-سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن جەينىمازلاردا ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟، شۇنىڭدەك كرېست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن جاينامازدا قانداق بولىدۇ؟ ئىككى تەرىپى باراۋەر بولسىمۇ ئەمما ئاستىن تەرىپى ئۇزۇن ۋە تۆۋەن تەرىپى قىسقا بولغان شەكىللەرنى كرېست بەلگىسى دېسەك بولامدۇ ياكى چوقۇم كرېست بەلگىسىنى مەقسەت قىلىپ بېكىتىلگەن سېزىقنىمۇ؟ بۇ مەسىلە جەمئىيەتكە كەڭ تارقالغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدا ئوچۇق ھۆكۈم بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز؟ ئاللاھ سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلسۇن ۋە ئاسرىسۇن؟.

جاۋاپ: بىرىنچى: مەسچىد دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئىبادەت قىلىش، سەمىمىيلىك، خۇشۇ-كەمتەرلىك، يېلىنىش ۋە ئاللاھدىن قورقۇش بىلەن ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورۇندۇر. مەسچىتلەرنىڭ جەينىمازلىرى ۋە تاملىرىنى تۈرلۈك نەقىش، بېزەكلەر بىلەن بىزەش، زىننەتلەش بولسا ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىلىنى ئاللاھنى  كۆپ زىكىر قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، خۇشۇ-تۆۋەنچىلىكنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىركى سەلەپ ئۆلىمالىرى بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايتتى، مۇسۇلمانلار مەسچىتلىرىنى زىننەت-نەقىشلەردىن خالى قىلىشى، ئىبادەتنىڭ مۇكەممەل بولىشىنى ساقلىشى، نامازنىڭ توغرا بولىشى، ئەجىر-ساۋابنىڭ كاتتا بولىشىنى ئۈمىت قىلىپ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئورۇنلارنى دىلنى مەشغۇل قىلىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇتۇش كېرەك بولىدۇ.

     ئىككىنچى: كرېست بەلگىسى بولسا خرىستىئانلارنىڭ چېركوۋلاردا تىكلەپ قويىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان، مەسىھ ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنى دارغا ئاسقانلىقنىڭ سېموۋۇلى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان باتىل ئېتىقاد ۋە يالغان ئويدۇرمىنىڭ بەلگىسىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا يەھۇدى، ناسارالارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى توقۇلمىلىرىنى يالغانغا چېقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: "وما قتلوه وما صلبوه ولكن شبه لهم تەرجىمىسى: ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلەرگە ۋە مەسچىتكە سالىدىغان جەينىمازلارغا ئۇنداق بەلگىلەرنى قېلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنداق ئالامەتلەر بولسا، مۇنكەردىن يىراق بولۇش، ئومۇمى ئىشلاردا خىرىستىئانلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن، خۇسۇسى ئىشلاردا ئۇلار مۇقەددەس بىلگەن نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك، كرېست بەلگىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپى ئوخشاش بولسۇن ياكى ئاستى تەرىپى ئۇزۇن، ئۈستى تەرىپى قىسقا بولسۇن يەنى قايسى شەكىلدە بولسۇن بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى