پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

شاھادەت كەلىمىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ سوئالىم بىر خۇتبىنىڭ تېمىسىغا ئالاقىدار بولۇپ، ئىمام شاھادەت كەلىمىسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئالىملار ئۇنىڭ ئۈچۈن توققۇز تۈرلۈك  شەرتلەرنى بايان قىلغانلىقىنى زىكىر قىلدى، ھەتتا ئىنساننىڭ جەننەتكە كېرىشى ئۈچۈن ئۇنى بىلىشى كېرەكلىكىنى، پەقەتلا شاھادەت كەلمىسىنى ئېيتىپ قويۇشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى سۆزلىدى، مەن بۇ شەرتلەرنى بىلىشكە قىزىقىپ قالدىم، ئىمام ئۇ شەرتلەرنىڭ بەزىسىنى زىكىر قىلدى. بىرىنچى: ئۇ سۆزنى بىلىش. ئىككىنچى: ئىشەنچ قىلىش. بۇ توغرىدا بىر نەرسە بىلەمسىز؟ قالغان شەرتلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن

سوئالىڭىزغا كۆرە سىز (ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر) تەۋھىد كەلىمىسى يەنى ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى مەقسەت قىلىدىكەنسىز، جۈمەدە ئىمام خۇتبىدە شۇنى سۆزلەپتۇ، بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ بىر قانچە شەرتلىرى بار.

ئۇ شەرتلەرنىڭ بىرىنچىسى: ئىلىم. ئۇ بولسىمۇ: شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىش. ئۇ سۆزدىن مەقسەت قىلىنغان رەت قىلىشنى، بىلمەسلىككە زىت كېلىدىغان ئىسپاتلاشنى بىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ تەرجىمىسى: «بىلگىنكى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر.» [سۈرە مۇھەممەد 19-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِلَّا مَن شَهِدَ بِالْحَقِّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لائىلاھە ئىللەللاھ دېگەن، تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن)ھەقىقىي بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا » [سۈرە زۇخرۇپ 86-ئايەت].

ئوسمان ئىبنى ئەپۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېگەن سۆزنى ھەقىقى بىلىپ ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كېرىدۇ» [سەھىھ ھەدىس].

ئىككىنچىسى: ئىشەنچ. ئىشەنچ دېگەن شەكنىڭ زىتى بولۇپ، شاھادەت كەلىمىسىنى دېگەن كىشى مۇشۇ كەلىمە ئىپادىلەيدىغان ئىشنى كەسكىن، ئىشەنچ بىلەن دېيىش كېرەك. ئىشەنچ بىلەن بىلگەن ئىمان ئىنساننى بىھاجەت قىلىدۇ، ئەمما گۇمان بىلەن بولغان ئىمان كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنداقتا شەك بىلەن بولغان ئىمان قانداق بولىدۇ؟، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 15-ئايەت].

ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولغان ئىماندا ئىككىلىنىپ قالماسلىق، شەك قىلماسلىق ۋە سەمىمى-سادىق بولۇش شەرت قىلىنىدۇ. ئەمما شەك قىلغۇچى بولسا مۇناپىق بولىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ شاھادەت ئېيتىمەن، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ھەر قانداق بەندە بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى شەك قىلماستىن چىن ئېتىقاد قىلىدىكەن، جەننەتكە كېرىشتىن توسۇلۇپ قالمايدۇ». [سەھىھ ھەدىس].

ئۈچىنچى: قوبۇل قىلىش: ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ شاھادەت كەلىمىسى تەقەززا قىلغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى دىلى بىلەن ۋە تىلى بىلەن قوبۇل قىلىش، ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ ،‏ أُولَٰئِكَ لَهُمْ رِزْقٌ مَّعْلُومٌ ‎، فَوَاكِهُ ۖ وَهُم مُّكْرَمُونَ‎،‏ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ تەرجىمىسى: «پەقەت ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ، ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ، ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ» [سۈرە ساپپات 40-43-ئايەتكىچە].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَن جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِّنْهَا وَهُم مِّن فَزَعٍ يَوْمَئِذٍ آمِنُونَ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىش قىلغانلار قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ» [سۈرە نەمل 89-ئايەت].

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مېنى ئەۋەتكەن ھىدايەت ۋە ئىلىمنىڭ مىسالى بولسا، زېمىنغا كۆپ ياققان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، زېمىندىن مۇنبەت سۇنى قوبۇل قىلىپ كۆپ ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەرنى ئۆستۈردىغانلىرى بار، زېمىندىن ئىنسانلارنىڭ  ئېچىشى، زىرائەت تېرىشى ۋە مال-چارۋىلىرىنى سۇغىرىدىغانغا سۇنى ساقلاپ بېرىدىغانلىرى بار، زېمىندىن تۈز بولۇپ سۇنىمۇ ساقلىيالمايدىغان ۋە ئوت-چۆپلەرنىمۇ ئۈندىرەلمەيدىغانلىرى بار، بۇ ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگىنىپ چۈشىنىپ ئاللاھ تائالا مېنى ئەۋەتكەن ھىدايەت ۋە ئىلىم بىلەن كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزگەن، بىلىم ئۆگەتكەن كىشىگە ۋە ئاللاھ تائالا مېنى ئەۋەتكەن ئىلىم ۋە ھىدايەتنى قوبۇل قىلماي گەردەنكەشلىك قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ». [سەھىھ ھەدىس].

تۆتىنچى: بويسۇنۇش، ئۇ بولسىمۇ شاھادەت كەلىمىسى بىلدۈرگەن ئىشقا بويسۇنۇش. بۇ، ئۇ ئىشنى تەرك قىلىشقا زىت كېلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَنِيبُوا إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ تەرجىمىسى: « سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار» [سۈرە زۇمەر 54-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ أَحْسَنُ دِينًا مِمَّنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ تەرجىمىسى: «ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان)، باتىل دىنلاردىن بۇرالغان ھالدا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىن دىنىي جەھەتتە ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟» [سۈرە نىسا 125-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ ۗ وَإِلَى اللَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ تەرجىمىسى: « ياخشى ئىش قىلغۇچى بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان يەنى تەۋھىد كەلىمىسىگە چېڭ ئېسىلغان مۇۋەھھىد بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر» [سۈرە لوقمان 22-ئايەت].

بەشىنچى: سەمىمىيلىك-راستچىللىق، ئۇ بولسىمۇ يالغانچىلىقنىڭ زىتى بولغان راستچىللىقتۇر. يەنى چىن دىلىدىن راست گەپ قىلىدۇ، دىلى بىلەن تېلى ئوخشاش بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الم ‎، أَحَسِبَ النَّاسُ أَن يُتْرَكُوا أَن يَقُولُوا آمَنَّا وَهُمْ لَا يُفْتَنُونَ ‎،‏ وَلَقَدْ فَتَنَّا الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۖ فَلَيَعْلَمَنَّ اللَّهُ الَّذِينَ صَدَقُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْكَاذِبِينَ تەرجىمىسى: «ئەلىف، لام، مىم، ئىنسانلار«ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا)راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ» [سۈرە ئەنكەبۇت 1-3-ئايەتكىچە].

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىس].

ئالتىنچى: ئىخلاس، ئۇ بولسىمۇ  ئەمەللەرنى شېرىكنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن ساپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا توغرا نىيەت بىلەن قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ تەرجىمىسى: «بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر» [سۈرە زۇمەر 3-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ تەرجىمىسى: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى» [سۈرە بەييىنە 5-ئايەت].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن سۆزنى چىن دىلىدىن دېگەن كىشى ئىنسانلار ئارىسىدا مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن بەخىتلىك بولغان كىشىدۇر» [سەھىھ ھەدىس].

يەتتىنچى: ياخشى كۆرۈش، ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ كەلىمىنى ۋە بۇ كەلىمە تەقەززا قىلغان ئىشلارنى، مۇشۇ كەلىمىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئەمەل قىلغان ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى لازىم تۇتقان كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈش. بۇ كەلىمىگە زىت بولغان ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّهِ تەرجىمىسى: « بەزى ئادەملەر ئاللاھدىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ).مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر» [سۈرە بەقەرە 165-ئايەت].

بەندىنىڭ رەببىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن: رەببىنىڭ سۆيگۈسىنى گەرچە ئۆزىنىڭ خاھىشىغا زىت كەلسىمۇ ھەممىدىن ئىلگىرى قىلىش. رەببى ياقتۇرمايدىغاننى گەرچە كۆڭلى ئۇنىڭغا مايىل بولسىمۇ ئۆچ كۆرۈش. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى دوست تۇتقاننى دوست تۇتۇش. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى دۈشمەن تۇتقاننى دۈشمەن تۇتۇش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىش، ھىدايىتىنى قوبۇل قىلىش. مۇشۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرۈشنىڭ شەرتلىرىدىندۇر. بۇ شەرتلەر تىپىلماي تۇرۇپ ياخشى كۆرۈشنىڭ بولىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق كىشىدە ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت تېپىلىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئىماننىڭ ھالاۋېتىنى تاپىدۇ. بىرىنچى: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن سۆيۈملۈك بولىشى كېرەك. ئىككىنچى: بىر ئىنساننى ياخشى كۆرسە، ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش. ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا ئىنساننى كۇپىردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن قايتىدىن يەنە كۇپىرغا قايتىشنى ئوتقا تاشلىنىشنى ئۆچ كۆرگەندەك ئۆچ كۆرىشى كېرەك». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

بەزى ئۆلىمالار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يەتتە شەرتكە سەككىزىنچى شەرتنى زىيادە قىلدى، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى ئىنكار قىلىش، (تاغۇتلارنى ئىنكار قىلىش). بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان مەبۇدلارنى ئىنكار قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ مېلىغا، جېنىغا قەست قىلىش ھارام بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىنساننىڭ جېنىنىڭ ۋە مېلىنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق» دېگەن سۆزنى دېيىش بىلەن بىرگە، كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان مەبۇدلارنى ئىنكار قىلىشى كېرەك.

مەنبە: مۇھەممەد ئىبنى سەئىيد قەھتانىينىڭ" مەئارىجىل قۇبۇلنىڭ قىسقارتىلمىسى" 119-122-بەتلەر.