پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

كىشىلەرنىڭ ئەڭ شەقىيلىرى قالغاندا قىيامەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

91794

تارقاتقان ۋاقىت : 15-06-2023

كۆرگۈچىلەر : 370

سۇئال

    قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى زېمىندا مۇئ‍مىن قالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم، بۇ ئىش قىيامەت بولۇشتىن بۇرۇنلا بولامدۇ ياكى مەسىھ دەججال ئاشكارا بولۇشتىن ئىلگىركى ۋاقىتتا بولامدۇ؟، مەن مۇشۇ نۇقتىلار سەۋەبىدىن ھەيرانلىقتا قالدىم، مەن ئاخىر زاماندا موئ‍مىنلەرنىڭ نىسبىتىنىڭ زىيادە بولىدىغانلىقىنى ۋە يەنە بىر قېتىم ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى تەتبىقلاشقا قايتىدىغانلىقىنى بىلىمەن، بۇ قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا،  ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   سەھىھ ھەدىسلەر : كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى قالغاندا قىيامەت بولىدىغانلىقى، ئۇ ۋاقىتتا زېمىندا:  ئاللاھ دېيىلمەيدىغانلىقى، ئاشۇ دۇنيانىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ئىكەنلىكى، بۇ مەسىھ دەججال ئاشكارا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقى، ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى، زېمىندا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى!  يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىبنى مەريەم ئادىل ھۆكۈمدار بولۇپ چۈشىدۇ، كرېست بەلگىلىرىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيە قويىدۇ ياكى جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، پۇل-مال كۆپ بولۇپ كېتىدۇكى، ھەتتا ئۇنى ھېچكىشى قوبۇل قىلمايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى2222 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى155-ھەدىس].

    مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئەلۋەتتە ئاراڭلارغا ئىبنى مەريەم ئادىل ھۆكۈمدار بولۇپ چۈشىدۇ، كرېست بەلگىلىرىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيە قويىدۇ ياكى جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، تۆگىلەرنىڭ بوتۇلاقلىرىنى تەرك قىلىدۇ، ياكى مال كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۆگىلەرگە بەك ئېھتىمام بەرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك، غەزەپ ۋە ھەسەتخورلۇق كېتىپ قالىدۇ، مالنى بېرىش ئۈچۈن كىشىلەرنى چاقىرىدۇ ئەمما ھېچ كىشى مالنى قوبۇل قىلمايدۇ».

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ مەنىسى:  بوتۇلاقلارغا قىزىقمايدۇ، مال كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رىغبىتى بولمايدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدلەر ئاز بولىدۇ، ھاجەت بولمايدۇ، قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقى بىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن بوتۇلاقلار زىكىر قىلىندى، چۈنكى ئۇ ئەرەبلەرنىڭ نەزىرىدىكى ماللارنىڭ ئەڭ ئېسىلىدۇر، بۇ مەنا جەھەتتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگە ئوخشايدۇ: «بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەندە» بۇنىڭ مەنىسى: ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئەھمىيەت بەرمەيدۇ". 

    بۇ باسقۇچتا ياخشىلىق، ئىمان ۋە غەلىبە ئىسلام ئەھلى ئۈچۈن بولىدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە بىر باسقۇچ كېلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مۆمىنلەرنىڭ سانى ئازلايدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالا بىر شامالنى ئەۋەتىدۇ، شامال ئۇلارنىڭ روھلىرىنى قەبزى قىلىدۇ، زېمىندا پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى قالىدۇ، شۇلارنىڭ ئۈستىگە قىيامەت بولىدۇ.

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زېمىندا ئاللاھ، ئاللاھ دېيىلمىگەن ۋاقىتتا قىيامەت بولىدۇ.» [مۇسلىم  رىۋايىتى 148-ھەدىس].

    ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم دەيدۇ: «قىيامەت بولغاندا ھايات ياشىغان كىشىلەر ۋە قەبرىستانلىقنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغانلار، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ شەقىيلىرىدۇر.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 3844-ھەدىس. شەيخ ئەرناۋۇت مۇسنەدنى تەھقىقلىغاندا نۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن].

    بۇ باسقۇچنىڭ تەپسىلاتى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بايان قىلىنغان، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دەججال چىقىدۇ، ئۈممىتىمنىڭ ئارىسىدا قىرىق كۈن تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇغا ئوخشايدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن ئىنسانلار يەتتە يىل بىر-بىرىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت يوق ئىناق ياشايدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا شام تەرەپتىن سوغۇق بىر شامال ئەۋەتىدۇ، زېمىن يۈزىدە دىلىدا زەررە مىقدارى ياخشىلىق ياكى ئىمان بار كىشى بولسىلا قەبزە روھ قېلىنىدۇ، ھەتتا سىلەرنىڭ بېرىڭلار تاغنىڭ غارىغا كېرىۋالسىمۇ شامال شۇ يەرگە كېرىپ جېنىنى ئالىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىنسانلار نىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى يامانلىققا يۈزلىنىش، شەھۋەتلىرىنى ئادا قىلىش ۋە بۇزۇقچىلىق قىلىشتا چېپىپ يۇرۇپ قۇشتەك يەڭگىل بولىدۇ، بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىش، زۇلۇم قىلىشتا يىرتقۇچلاردەك ۋەھشى بولىدۇ، ئۇلار ياخشىلىقنى بىلمەيدۇ، يامانلىقنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئاندىن شەيتان بىر شەكىلدە كېلىپ ئۇلارغا: چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشامسىلەر؟دەيدۇ، ئۇلار: بىزنى نېمىگە بۇيرۇيسەن؟ دەيدۇ، شەيتان ئۇلارنى بۇتقا چوقۇنۇشقا بۇيرىدۇ، ئۇلار شۇ دىياردا رىزىقلىنىپ ياخشى تۇرمۇشتا بولىدۇ، ئاندىن سۈر چېلىنىدۇ». [ مۇسلىم  رىۋايىتى 2940-ھەدىس].   

    نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئەتتىگىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە دەججالنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلىدى، ئاندىن ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىككى ئالقىنىنى ئىككى پەرىشتىنىڭ قانىتىغا قويۇپ دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى ئاق مۇنارىنىڭ يېنىغا چۈشىدۇ، مەسىھ دەججالنى ئىزدەيدۇ، ئۇنى بابۇ لۇد دېگەن جايدىن تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  يەجۇجە ۋە مەجۇجەنىڭ چېقىشى ۋە ھالاك بولىدىغانلىق ئەھۋالىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن زېمىنغا:  مېۋىلىرىڭنى ئۈندۈرگىن، بەركىتىڭنى قايتۇرغىن دېيىلىدۇ، ئۇلار شۇنداق تۇرغاندا، ئاللاھ تائالا تۇيۇقسىز خۇشبۇي بىر شامالنى ئەۋەتىدۇ، شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقىنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدۇ، ھەر بىر مۇئ‍مىن ۋە مۇسۇلماننىڭ روھىنى قەبزى قىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى قالىدۇ، ئۇلار كوچىلاردا ئېشەك بىر-بىرىگە ئارتىلغاندەك پاھىشە ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قىيامەت بولىدۇ». [ مۇسلىم رىۋايىتى2937-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىزنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى