شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئامىللار

سۇئال

   يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىشلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىشلار ئالتە تۈرلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بىرى سادىر بولسا مۇسۇلمانغا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئەر ياكى ئايالنىڭ جىنسى يولىدىن مەنىينىڭ چېقىشى يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدۇ، مەنىي ياكى ئويغاق ھالەتتە چىقىدۇ ياكى ئۇخلىغان ھالەتتە چىقىدۇ، ئەگەر ئويغاق ھالەتتە چىقسا، مەنىي چىقىش بىلەن لەززەتلىنىش شەرت قېلىنىدۇ، ئەگەر لەززەتسىز چىقسا بۇنىڭ بىلەن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، بۇ خۇددى كېسەللىك سەۋەبىدىن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن چىققانغا ئوخشاش، ئەمما ئۇخلىغان ھالەتتە چىقسا، بۇ ئېھتىلام بولۇش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدا تۇيغۇلىرى يوقالغانلىقى ئۈچۈن مۇتلەق يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇيقۇلۇق ھالەتتە لەززەتنى ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن، ئۇخلىغان كىشى ئويغانغاندا كىيىمىدە ياكى بەدىنىدە مەنىينىڭ قالدۇقلىرىنى تاپسا ئۇ كىشىگە يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر چۈشىدە ئېھتىلام بولۇپ ئۇ كىشىدىن مەنىي چىقمىسا، مەنىينىڭ قالدۇقلىرى تېپىلمىسا ئۇ كىشىگە يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولمايدۇ.

   ئىككىنچى: يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئامىل: ئەرلىك ئەزانى ئايالنىڭ جىنسى يولىغا كىرگۈزۈش بولۇپ گەرچە مەنىي چىقمىسىمۇ يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىمام مۇسلىم ۋە ھەدىس ئالىملىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە: «تۆت شاخنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغاندا-يەنى ئىككى پۇت بىلەن ئىككى قولنىڭ ئارىسىدا-ئىككى خەتنىگاھ بىر-بىرىگە سۈركەلسە، يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ» دېگەن. جىنسى ئەزانى كىرگۈزۈش بىلەن يۇيۇنۇش ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىگە ۋاجىپ بولىدۇ. گەرچە مەنىي چىقمىسىمۇ، بۇ مەسىلىگە مۇشۇ ھەدىس ۋە ئالىملارنىڭ بىرلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ.

     ئۈچىنچى: بىر تۈرلۈك ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئامىل: كاپىر ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغاندا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كاپىرلاردىن مۇسۇلمان بەزى كىشىلەرنى يۇيۇنۇشقا بۇيرىغان، كۆپلىگەن ئالىملار كاپىرنىڭ مۇسۇلمان بولغاندا يۇيۇنۇشنى مۇستەھەپ، ۋاجىپ ئەمەس دەپ قارىغان، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەر ۋاقىت مۇسۇلمان بولغان كىشىنى يۇيۇنۇشقا بۇيرۇغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان، دەلىللەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەندە يۇيۇنۇش ئىشى مۇستەھەپلىككە قارىتىلىدۇ.

    تۆتىنچى: يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئۆلۈم; مېيىتنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما ئۇرۇش مەيدانىدا شېھىت بولغان كىشىنىڭ جەسىتى يۇيۇلمايدۇ.

    بەشىنچى ۋە ئالتىنچى: يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىشلاردىن: ئاياللاردىكى ھەيز ۋە نىپاس. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئايلىق ئادىتىڭىز ئاخىرلاشقاندا يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇڭ»، ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاياللار پاكىز بولغان ۋاقىتتا» دېگەن سۆزى: يەنى ھەيزدىن كېيىن يۇيۇنۇپ پاك بولغان ۋاقىتتا» دېگەنلىكتۇر.

    شەيخ سالىھ پەۋزاننىڭ"مۇلەخخەس پىقھى" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى