بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىلىشىڭىز كېرەككى: بالاغەت باسقۇچى ئىنسان بېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچلاردىن بىرىدۇر، بۇ باسقۇچتا ئىنساننىڭ جىسمى، ئەقلى، جىنسى ۋە تۇيغۇلىرىدا ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ، شەيتان بۇ باسقۇچتا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ۋە چارىلەر بىلەن ئازدۇرۇشقا ئۇرىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر قىز-يىگىت بەك دىققەت قىلىشى ئۆزىگە ئاگاھ بولۇشى زۆرۈر، بىز بۇ باسقۇچتىكىلەرگە تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىمىز:
بىرىنچى: پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەت دېگەندەك تائەت-ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشقا، ھارام، مەكرۇھ، شەكلىك ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ھېرىسمەن بولۇڭ.
ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن يىراق بولىدىغان ۋە شەيتاننىڭ ھىلى-مىكىرلىرىگە چۈشۈپ قىلىشتىن قۇرتىلىدىغان ۋاسىتىلەردىن:
-يالغۇز قالغاندا ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ۋە ھەر دائىم كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆڭلىڭىزگە كەلتۈرۈڭ. بۇ توغرىدا بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ: كۈنلەردىن بىر كۈنى يالغۇز قالساڭ، مەن يالغۇز قالدىم دېمىگىن، لېكىن مېنى ھەر دائىم كۆزەتكۈچى بار دېگىن، ئاللاھ تائالانى غاپىل قالىدۇ ۋە بەزى ئىشلار مەخپى قالىدۇ دەپ ئويلىمىغىن.
يەنە بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ: سەن قاراڭغۇ-زۇلمەتتە شەكلىك جايدا يالغۇز قالغاندا، نەپسىڭ ئاسىيلىققا چاقىرغاندا، ئىلاھى نەزەردىن ھايا قىلغىن، نەپسىڭگە: قاراڭغۇ-زۇلمەتنى ياراتقان زات مېنى كۆرىدۇ دېگىن.
-شەيتاننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ماسلىشىپ ماڭماسلىق. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لاَ تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ وَمَن يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ وَالْمُنكَرِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ سۆز ـ ھەرىكەتلەرگە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ». [سۈرە نۇر 21-ئايەت.]
شەيتاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىپ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ.
ھەربىر كۆرسەتمىسى بۇرۇنقىدىن كاتتا بولىدۇ، لېكىن ئىنسان بۇنىڭدىن قول ئۈزۈش ۋە تەۋبە قىلىش بىلەن بۇنىڭدىن قۇتۇلىدۇ.
-بارلىق گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش. مۇسۇلماندىن بەزى ۋاقىتتا گۇناھ سادىر بولىدۇ، لېكىن ئۇ ۋاقىتتا گۇناھتىن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ھەرگىزمۇ گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَن يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَى مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ». [سۈرە ئال ئىمران 135 -ئايەت.]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىلىرىنىڭ ھەممىسى خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر». [ ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4251 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن. ]
-ئۆلۈمنى ۋە ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ئەسلەڭ. ئۆلۈمنىڭ تۇيۇقسىز كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىپ قىلغان ئەمەللىرىدىن سوئال قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسلىگەن كىشى گۇناھتىن دەرھال قايتىدۇ.
-ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، يامان ئىشلارنى تەرك قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىش كېرەك، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُم يَرْشُدُونَ تەرجىمىسى: «مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن(يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)». [سۈرە بەقەرە 186 -ئايەت.]
ئىككىنچى: ياخشىلار بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشقا، ناچار-ئەسكىلەردىن يىراق تۇرۇشقا ھېرىس بولۇڭ، چۈنكى ھەمراھ ھەمراھنى سۆرەيدۇ، خۇددى ھۆكۈمالار ئېيتقاندەك: ئىنساننىڭ ئۆزىدىن سورالمايدۇ بەلكى ئارىلاشقان ھەمراھلىرىدىن سورىلىدۇ، ھەر قانداق دوست، ئۆزىنىڭ دوستىغا ئەگىشىدۇ.
ئۈچىنچى: ۋاقتىڭىزنى دىن ۋە دۇنيالىق پايدىلىق، مەنپەئەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىڭ، بىكارچىلىقتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بۇ باسقۇچتا بىكارچىلىق ئىنساننى بەك كېرەكسىز قىلىۋېتىدۇ.
تۆتىنچى: كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئىگە بولاي دېسىڭىز، ئۇلارغا گۈزەل-ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ، ئۇلار بىلەن بولغان ئەخلاقىڭىزنى ياخشىلاڭ، ئۇلارغا ياردەم بېرىڭ، ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىڭ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇلارنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قادىر بولالايسىز. شائىرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز: كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ قەلىپلىرىگە ئىگە بولغىن، ئىنسانغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز بار: «خالىغان كىشىگە ياخشىلىق قىلغىن، سەن ئۇنىڭ ئەمىرى بولىسەن، خالىغان كىشىگە ئېھتىياجلىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ ئەسىرى بولىسەن، خالىغان كىشىدىن بىھاجەت بولغىن، سەن ئۇنىڭ ئوخشىشى بولىسەن».
بىز سىزگە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئىگە بولۇشتا ۋە ئۇلارنىڭ سۆيگۈسىنى جەلىپ قىلىشتا ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان سۆزنى دەيمىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ الرَّحْمَنُ وُدًّا تەرجىمىسى: « ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ». [سۈرە مەريەم 96 -ئايەت].
قەتادە رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق دەيدۇ: ” يەنى ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دىلىدا ئۇلارغا قارىتا مۇھەببەت، سۆيگۈ قىلىدۇ”.
بىزگە ھىرەم ئىبنى ھەيياننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى زىكىر قىلىندى: “بەندى ئۆزىنىڭ دىلى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى يۈزلەندۈرىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىگە ئۇلارنىڭ دوستلۇقى، مېھرى-شەپقىتىنى رىزىق قىلىپ بېرىدۇ”. [“تەپسىر تەبەرى” 18 -توم 266 -بەت.]
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ياخشى كۆرگەندە، جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنى چاقىرىپ: مەن پالانى بەندەمنى ياخشى كۆردۈم، سەنمۇ ياخشى كۆرگىن دەيدۇ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن ئاسمان ئەھلىگە نىدا قىلىپ: ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پالانى كىشىنى ياخشى كۆردى، سىلەرمۇ ياخشى كۆرۈڭلار دەيدۇ، ئۇ كىشىنى ئاسمان ئەھلى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشى كۆرۈش زېمىن ئەھلىگە قۇيىلىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ياقتۇرمىسا-ئۆچ كۆرسە، جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنى چاقىرىپ: مەن پالانى بەندەمنى ئۆچ كۆردۈم، سەنمۇ ئۆچ كۆرگىن دەيدۇ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئاندىن ئاسمان ئەھلىگە نىدا قىلىپ: ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پالانى كىشىنى ياقتۇرمىدى-ئۆچ كۆردى، سىلەرمۇ ئۆچ كۆرۈڭلار دەيدۇ، ئۇ كىشىنى ئاسمان ئەھلى ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆچ كۆرۈش زېمىن ئەھلىگە قويىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 7485 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2637-ھەدىس].
ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! كىشىلەرنىڭ دىلىغا قانداق ئىگە بولۇشنى، ياخشى كۆرۈشىگە قانداق ئېرىشىشنى كۆردىڭىزمۇ؟!، بۇ سىز قادىر بولالايدىغان ئىش ئەمەس ياكى ئىنسانلاردىن باشقا بىرى قادىر بولايدىغان ئىشمۇ ئەمەس، ھەقىقەتەن بۇ يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ قولىدىكى ئىشتۇر، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە يىراق قىلىدۇ، ئۇ زات بېرىدۇ ۋە چەكلەيدۇ، مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ ۋە تۆۋەن قىلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان پەرۋەردىگارلىقىنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئەمما مۆمىن بەندىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەڭ كاتتا ئىش ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ۋە ياخشى كۆرىشىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشتۇر، مۇشۇ كاتتا مەقسەتكە يېتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». [سۈرە ئال ئىمران 31 -ئايەت.]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىمنى دۈشمەن تۇتقان كىشىگە ھەقىقەتەن مەن ئۇرۇش ئىلان قىلىمەن، بەندەم ماڭا مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرەلگۈچى بىر ئىش بىلەن يېقىنلاشمىدى، بەندەم ماڭا دائىم نەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىش بىلەن يېقىنلىشىدۇ ھەتتا مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇ بەندەمنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى ، مەندىن بىر نەرسە سورىسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا سورىغىنىنى بىرىمەن، ئەگەر مەندىن پاناھلىق تەلەپ قىلسا ئەلۋەتتە ئۇنى پاناھلىقىمغا ئالىمەن، مەن بىر ئىشنى قىلىشتا مۆمىننىڭ جېنىنى ئىلىشتىن ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمىگەن، ئۇ ئۆلۈمنى ياقتۇرمايدۇ، مەن ئۇنى ۋاپات تاپتۇرۇش بىلەن بىئارام قىلىشنى ياقتۇرمايمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 6502 -ھەدىس].
ئەمما قالغان كىشىلەر يامانلىق، پاساتچىلىق تېرىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر ئارىسىدا ناچار ئىشلارنى تارقىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سىزگە يامانلىقنى مەقسەت قىلىدۇ، سىزدىن ئۆزلىرىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشىڭىز، تائەت-ئىبادەتكە ھېرىسمەن بولىشىڭىز، ئىماندا مۇستەھكەم بولىشىڭىز، ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ.
ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! سىز بۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭ، توغرا يولدا يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىدىن بولۇڭ: ئەتراپىمدىكى ئېسىل كىشىلەر مەندىن رازى بولسا، پەسكەش كىشىلەر ھازىرغىچە ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.
بىز بۇيەردە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا سىلە رەھىم قىلىشنى تەكىتلەيمىز، چۈنكى ئۇلار ئىنسان ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ھەقلىق بولغانلىرى ۋە دىللىرى مايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشقا ئەڭ لايىق بولغانلاردۇر، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنى دەپ نەزەر سىلىشلىرىغا سەۋىر قىلىڭ، سىز ھەرقانچە چوڭ بولسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھامان كېچىك ھېساپلىنىسىز.
ئاندىن ئاتا-ئانا ئۈچۈن سىزنى باشقۇرۇش، كۆڭۈل بۆلەش، تەربىيىلەش ۋە سىزگە ئەدەپ-ئەخلاق ئۈگىتىش ھەققى بار، ئۇلار سىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىلەر، دۇنيا-ئاخىرەتتە سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزدىن ئۇلار سورىلىدۇ، سىزنى ئەدەپلىك بولۇشقا ۋە دىنى ھۆكۈملەرگە رىئايە قىلىشقا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە زىت كەلمەيدىغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئېھتىرام قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۇلارنىڭ ھەققى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بالاغەتكە يېتىش ئالدىدا تۇرغان ياشلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىغا ياقمايدۇ. بۇ سىزنىڭ سۈپەتلىگەن ھالىتىڭىزگە سەۋەپ بولىدۇ، ئۇنى قىيىنچىلىق دەپ ھېس قىلىسىز، يەنى سىزنىڭ بالاغەت يېشىدىكى ھالىڭىز ۋە ھاۋايى-ھەۋەس، كۆڭۈل خائىشىڭىزغا ئەگىشىش تەلەپ قىلىنىدىغان نەرسە بىلەن ئەدەپ-ئەخلاق مەجبۇرىيىتى سىزدىن تەلەپ قىلغان نەرسىنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش دېمەكتۇر. بۇ سىزگە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بۇيرۇقىغا، كۆڭۈل بۆلۈشىگە رىئايە قىلىشنى كەلتۈرىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن قالغان سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى بىلەلەيسىز، ئەگەر مۇشۇ دوستىڭىز ياخشى كىشىلەردىن بولسا، ئۇنى يېقىن دوست تۇتۇشقا ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىغا ھېرىسمەن بولۇڭ، ئەگەر ئۇ ناچار، بۇزۇق كىشىلەردىن بولسا، ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلىڭ، ئۇنى ھەرگىز ئۆزىڭىزگە يېقىن تۇتماڭ شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ سىزدىن يىراقلىشىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الْخَبِيثَاتُ لِلْخَبِيثِينَ وَالْخَبِيثُونَ لِلْخَبِيثَاتِ وَالطَّيِّبَاتُ لِلطَّيِّبِينَ وَالطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَاتِ أُولَئِكَ مُبَرَّأُونَ مِمَّا يَقُولُونَ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ تەرجىمىسى: «يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن، (نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىكى) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ». [سۈرە نۇر 26 -ئايەت. ]
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.