پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسىنى ئۆزىنىڭ ھاممىسىغا بەرسە توغرا بولامدۇ؟

93845

تارقاتقان ۋاقىت : 04-06-2019

كۆرگۈچىلەر : 2161

سۇئال

ھاممىسى تالاق قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى يوق، قىزلىرى ياتلىق قېلىنغان، ئۇنىڭ پەقەت يېرىم مو تېرىلغۇ يېرى بار، ئۇنىڭدىن باشقا كىرىمى يوق، ئۇنىڭغا پىتىر سەدىقىسىنى بەرسە بولامدۇ ياكى ئۇنى باشقا كەمبەغەلگە بېرىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئۆلىمالار پىتىر سەدىقىسى بەرسە توغرا بولىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، كۆپچىلىك ئۆلىمالار: پىتىر سەدىقىسىنى زاكات بەرسە توغرا بولىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ قايسىسىغا بەرسە توغرا بولىدۇ دەيدۇ، بەزى ئۆلىمالار زاكات بېرىش كېرەك بولىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك دەيدۇ، يەنە بەزى ئۆلىمالار: پىتىر سەدىقىسىنى پەقەت پىقىر-مىسكىنلەرگە بېرىمىز دەيدۇ.

   "پىقھى توپلاملىرى" 23-توم 344-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئۆلىمالىرى پىتىر سەدىقىسى بېرىلىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك قاراشتا بولدى: كۆپچىلىك ئۆلىمالار پىتىر سەدىقىسىنى زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرا بولىدۇ دەيدۇ، مالىكى مەزھەپ ئۆلىمالىرى: پىتىر سەدىقىسىنى پەقەت پىقىر-مىسكىنلەرگىلا تەقسىم قېلىپ بېرىش كېرەك دەيدۇ، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەت بار، ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان. شاپىئىي مەزھەب ئۆلىمالىرى: پىتىر سەدىقىسىنى زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر تۈرلۈك كىشىگە بېرىش كېرەك دەيدۇ".

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار توپلىمى" 25-توم 73-78-بەتتە بىرىنچى قاراش بىلەن ئۈچىنچى قاراشتىكى ئۆلىمالارنىڭ دەلىلىگە رەت قايتۇرۇپ، پىتىر سەدىقىسىنىڭ ئىنساننىڭ مېلىغا ئالاقىدار بولماستىن بەلكى ئۆزىگە-جىسمىغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا كاپارەت بېرىشكە يېمەكلىك بېكىتكەندەك، پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈنمۇ يېمەكلىك بېرىشنى بېكىتتى، شۇنىڭغا ئاساسەن: كاپارەت سەدىقىسىنى ئالسا توغرا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئېلىشىمۇ توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھاجىتىنى ئالىدۇ، پىتىر سەدىقىسىنى قۇل ئازاد قىلىش، باشقىلارنىڭ دىلىنى مايىل قىلىش قاتارلىق باشقا تۈرلەرگە بېرىشكە بولمايدۇ. مانا بۇ دەلىلى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قاراشتۇر.

    قاراشلارنىڭ ئەڭ ئاجىز-زەئىپ بولغانلىرى: مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئون ئىككى ياكى ئون سەككىز ياكى يىگىرمە تۆت ياكى  ئوتتۇز ئىككى ياكى قىرىق سەككىز بۆلەك قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش يەنى: پىتىر سەدىقىسىنى زاكات بېرىش كېرەك بولغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش دېگەن قاراشتۇر، بۇ قاراش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەر ۋە باشقا ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە ياشىغان ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەكسىدۇر، ئۇ دەۋرىدە ياشىغان ھېچ بىر مۇسۇلمان بۇنداق قىلمىغان، بەلكى مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بىر كىشىگىلا بىرەتتى، ئەگەر بىر كىشىلىك پىتىر سەدىقىسىنى ئون نەچچىگە بۆلۈپ ھەر بىر كىشىگە بىر سىقىمدىن بېرىۋاتقان كىشىنى كۆرسە، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى كەسكىن ئىنكار قىلاتتى ۋە قىلغان ئىشىنى ئەڭ ناچار بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئادا قىلىنىدىغان پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارىنى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى بۇغدايدىن بىر سا(ئۈچ كىلو) ياكى يېرىم سا(بىر يېرىم كىلو) ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتتى، بۇ بىر كەمبەغەلنىڭ ھېيت-بايرام كۈنىدە ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قىلىشتىن بىھاجەت قىلىشقا كۇپايە قىلىدۇ، ئەمما كەمبەغەل كىشى بىر سىقىمدىن بىر نەرسە ئالسا، بۇ نەرسە ئۇ كىشىنىڭ ھاجىتىگە يەتمەيدۇ ۋە پىتىر سەدىقىسىمۇ ئۆز ئورنىغا يەتكۈزۈلگەن بولمايدۇ، شۇنىڭدەك قەرىزدار ۋە سەپەر ئۈستىدە كەمبەغەل بولۇپ قالغان مۇساپىرمۇ بىر سىقىمدىن بۇغداي ئالسا، بۇنىڭدىن  ئۇلار پايدىلىنالمايدۇ.. ئىسلام شەرىئىتى ئۈممەتنىڭ ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلىرى، يول باشچى ئىماملىرىدىن ھېچبىرى قىلىپ باقمىغان، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەر رازى بولمىغان بۇنداق ئېتىبارسىز ئىشتىن ئادا-جۇدادۇر".

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: پىتىر سەدىقىسى مىسكىنلەرگە يىمەكلىك دېگەن سۆزى، بۇنىڭ مىسكىنلەرنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. ئاللاھ تائالا زىھارنىڭ كاپارىتى توغرىسىدىكى ئايەتتە: كاپارەتنى مىسكىنلەرگە يېمەك قىلىپ بېرىڭلار دېدى، كاپارەت سەدىقىسىنى سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرا بولمىغاندەك، پىتىر سەدىقىسىنىمۇ شۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ".

   شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك قاراشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى: پىتىر سەدىقىسىنى پەقەت پىقىر-مىسكىنلەرگە بېرىش دېگەن ئىككىنچى قاراش بولۇپ، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ "شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 117-بەتتە بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرغان.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا زاكات ۋە پىتىر سەدىقىسىگە ھەقلىق بولغان كىشىلەر بولىدىكەن، ئۇنى باشقا يات كىشىلەرگە بەرگەندىن ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا بەرسە بۇ ھەم زاكات بولىدۇ ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىقىنى ئۇلاش بولىدۇ، لېكىن بۇ ئۇرۇق-تۇغقانلار سەدىقە بەرگۈچى كىشى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلەردىن بولماسلىقى شەرت ئېتىلىنىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: پىتىر سەدىقىسىنى كەمبەغەل ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىشنىڭ ھۆكمى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "زاكات ۋە پىتىر سەدىقىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ كەمبەغەل ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا بەرسە توغرا بولىدۇ، بەلكى بۇنى يات كىشىلەرگە بەرگەندىن ئۇلارغا بەرسە ياخشى بولىدۇ، بۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلارغا بېرىش سەدىقە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇنىڭ شەرتى ئۇلارغا بېرىشتىكى مەقسىتى مېلىنى باشقىلارغا كېتىپ قىلىشتىن قوغداش بولماسلىقى كېرەك، شۇنىڭدەك سەدىقە بەرگەن تۇغقانلىرى ئۇ كىشى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلەردىن بولماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولۇپ قالسا زاكات مېلىدىن ئۇلارنىڭ ھاجىتىگە يەتكۈدەك بىر نەرسە بېرىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا، زاكات بېرىش بىلەن ئۆزىنىڭ مېلىنى يەنە تولۇق ساقلاپ قالغان بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، شەرىئەتتە چەكلىنىدۇ، ئەگەر تۇغقانلىرى زاكات بەرگۈچى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەك بولمايدىغان تۇغقانلاردىن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنى يات كىشىلەرگە بەرگەندىن بەلكى ئۇلارغا بېرىش ياخشى بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يېقىن تۇغقانلىرىغا قېلىنغان سەدىقە ھەم سەدىقە بولىدۇ ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىقىنى ئۇلاش بولىدۇ. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"301-نومۇرلۇق 17-سۇئال"].

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئەگەر ھاممىڭىز كەمبەغەل بولسا، ئۇ گەرچە يېرىم مو يېرى بولسىمۇ، زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولسا ئۇنىڭغا بەرسىڭىز بولىدۇ.

    مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى تەرك قىلىپ ھەتتا رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىپ قالغىچىمۇ ھالىدىن خەۋەر ئالماستىن، ئۇنىڭغا سەدىقە بېرىش ئۈچۈن بىر قانچە كىلو نەرسىنى ئىلىپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ بەلكى ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ پىقىر-مىسكىنلەرنى پات-پات يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكتىن بولغان ئېھتىياجىنى قامداپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ، بولۇپمۇ باي كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كەمبەغەل تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشى بەك مۇھىمدۇر".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى