شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەيزدىن پاك بولغاندىن كىيىن سېرىقلىق كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    بىر ئايالدىن دەسلەپتە تۆت كۈن ھەيز كېلىدۇ، ئاندىن بەشىنچى كۈنىدە ھەيز ئۈزۈلىدۇ، ئالتىنچى كۈنى ئازراق كېلىدۇ، يەتتە، سەككىز ۋە توققۇزىنچى كۈنلىرى پەقەت چۈش ۋاقتىدىلا ھەيزنىڭ قېنىغا ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىلەر كېلىدۇ، ئون بىرىنچى كۈنى سېرىق بىر نەرسىلەر كېلىدۇ، بىلىشىمچە ئۇ ئايال ئاق-سۈزۈك بىر نەرسىنى كۆرمەيدۇ ياكى قويغان پاختىنى ئاق ھالەتتە كۆرمىسە، ئۇنداق ئەھۋالدا ئون بىرىنچى كۈنى تۇتقان روزىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئايال بەزى ۋاقىتتا ئون بىر كۈن ھەيز كۆرىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت يەنى ئون بەش كۈنگىچە ھەيز كۆرىدۇ، بۇ كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر، يەنە بەزى ئالىملار، ئايالنىڭ كۆپ ھەيز كۆرۈشىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق، لېكىن بىر ئاينىڭ ھەممىسىدە ياكى كۆپ ۋاقىتلىرىدا ھەيز كۆرۈپ قالسا، بۇ ئىستىھازە(ئاياللار كېسىلى) دېيىلىدۇ.

    ئىككىنچى: ھەيزدىن پاك بولغانلىق ئىككى ئالامەتنىڭ بىرى بىلەن بىلىنىدۇ: بىرى: ئاق-سۈزۈك نەرسىنىڭ كېلىشى، ئۇ بولسىمۇ، ئاياللارغا تونۇشلۇق بولغان ئاق سۇدىن ئىبارەتتۇر.

    يەنە بىرى: ھەيز ئورنىنىڭ تولۇق قۇرىشى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئورۇنغا پاختا ياكى باشقا بىر نەرسىنى قويغاندا، ئۇ نەرسىگە قىزىل ياكى سېرىق نەرسىنىڭ ئىزى چىقماستىن قۇرۇق چىقسا بۇمۇ پاك بولغانلىقنىڭ بەلگىسىدۇر.

    ئۈچىنچى: ھەيزگە ئۇلىنىپ كەلگەن سېرىقلىق ۋە دۇغلۇق بولسا، ئۇ ھەيزنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ، ئەگەر ھەيزدىن پاك بولغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كىيىن كەلگەن بولسا، ئۇ پاكىزلىق ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىنمايدۇ، بۇ توغرىدا ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «بىز پاكىز بولغاندىن كىيىن كەلگەن سېرىقلىق ۋە دۇغلۇق نەرسىلەرگە پەرۋا قىلمايتتۇق»، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 307-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

شۇنىڭغا ئاساسەن بىز مۇنداق دەيمىز:

    1-ھەيزنىڭ بەشىنچى كۈنى ئۈزۈلگەنلىكىگە كەلسەك، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ھەيز ئورنى تولۇق قۇرۇپ ھېچ نەرسە بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا سىز پاكىز بولغان بولىسىز،  يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇيسىز ۋە روزىنى تۇتىسىز، ئەگەر تولۇق قۇرىمىغان بولسا، سىز پاك بولمىغان، ھەيز داۋاملىشىۋاتقان بولىدۇ.

    2- يەتتىنچى كۈندىن ئون بىرىنچى كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەيزنىڭ ئورنى تولۇق قۇرىمىغان بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى ھەيز ھېسابلىنىدۇ، ئون بىرىنچى كۈنى كۆرۈلگەن سىرىقلىقمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھەيز ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ تولۇق پاكىز بولغاندىن كىيىن كەلمىدى بەلكى ھەيزنىڭ ھۆكمىگە ئۇلىنىپ كەلدى، ئەگەر بۇ كۈنلەردە، ھەيزنىڭ ئورنى بىرەر سائەت بولسىمۇ تولۇق قۇرىغان بولسا، بۇ پاكىزلىق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئايال يۇيۇنۇپ نامازلىرىنى ئوقۇيدۇ.

   3- ئون بىرىنچى كۈننىڭ روزىسىغا كەلسەك،ئۇنىڭ ھۆكمى ئىلگىرى بايان قىلىنغان قائىدىگە ئاساسەن توختىتىپ تۇرۇلىدۇ، ئەگەر ئون بىرىنچى كۈنى كۆرگەن سېرىقلىق تولۇق پاك بولغان ۋە قۇرىغاندىن كېيىن بولغان بولسا، بۇ پاكىزلىق ھېسابلىنىدۇ، ھەيز ھېسابلانمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئون بىرىنچى كۈنى تۇتقان روزا توغرا بولىدۇ. ئەگەر ئون بىرىنچى كۈنىدىن بۇرۇن پاك بولغانلىقنىڭ ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بولسا بۇ ھەيز بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئون بىرىنچى كۈننىڭ روزىسى توغرا بولمايدۇ. ئۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى