سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەمئىيىتى زاكاتنى قانداق ئايرىدۇ؟

سۇئال

ئۆز-ئارا چەك تاشلاش گۇرۇپپىسى بولۇپ بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىش توغرا بولامدۇ؟ بۇ گۇرۇپپا بىرقانچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، گۇرۇپىدىكى ھەر بىر كىشى ھەر ئايدا مەلۇم مىقداردا مال-پۇل بېرىدۇ، ئاينىڭ ئاخىرىدا چەك تاشلاپ چەك قايسى كىشىگە چىقسا شۇ ئايدا توپلانغان پۇلنى شۇ كىشىگە بېرىدۇ، گۇرۇپىدىكى ھەر بىر كىشى ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالىدۇ، بۇنىڭدىن ئېرىشكەن مالغا زاكات كېلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: بۇ خىلدىكى مۇئامىلە "ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەمئىيىتى" دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغان، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنى توغرا دەپ قارايدۇ.

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر بۆلۈك ئوقۇتقۇچىلار ئاي ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن مەلۇم مىقداردا توپلاپ ئۇنى ئارىسىدىن مەلۇم بىر كىشىگە بېرىدۇ، ئىككىنچى ئايدا يەنە بىر كىشىگە بېرىدۇ، بۇ شەكىلدە داۋاملىشىپ ئاخىرقدا ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالىدۇ، بۇنى بەزىلەر: جەمئىيەت دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭدا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، بۇ ئارتۇق مەنپەئەت شەرت قىلىنمىغان قەرز ھېسابلىنىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ كۆپچىلىك ئەزالىرى بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىپ، بۇنىڭ كۆپچىلىككە زېيىنى يوق، بەلكى پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا بولىدۇ دەپ قارىغان. ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 413-بەت].

     ئىككىنچى: ئۇنىڭغا زاكات بېرىش بولسا بۇ قائىدىلەرنى تونۇش بىلەن بولىدۇ:

    1-كىمكى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكىدەك مالغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭغا يىل توشىدىكەن، ئۇ مالنىڭ زاكىتىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ، مالنىڭ ئۆلچىمى: ئالتۇندىن 85 گىرام، كۈمۈشتىن 595 گىرام بولىدۇ، مال مۇشۇ ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن بىر يىل بولۇش كېرەك بولىدۇ.

    2-بىر كىشى يىل ئوتتۇرسىدا مەلۇم مالغا ئېرىشكەن بولسا، ئۇ دەسلەپتە ئېرىشكەن مالنىڭ مەھسۇلاتىدىن بولمىسا، يەنى ئۇ مال مىراس، ھەدىيە، ياكى قەرىز يولى بىلەن كەلگەن بولسا، ئۇ كىشىگە يىل شۇ مالغا ئېرىشكەندىن كېيىن باشلىنىدۇ، يىل توشقاندا زاكاتنى ئايرىدۇ، ئۇ كىشى ئۇ ماللارغا يېنىدا بار بولغان ماللارنىڭ ھەممىسىنى قېتىپ بارلىق ماللىرىنىڭ زاكاتىنى بىرلا ۋاقىتتا ئادا قىلىدۇ، بۇ ۋاقىت دەسلەپتە ئېرىشكەن مالغا يىل توشقان ۋاقىت بولىدۇ، ئىككىنچى قېتىم ئېرىشكەن مالنىڭ زاكىتىنى يىل توشۇشتىن بۇرۇن ئادا قىلغان بولىدۇ، بۇنداق قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ.

   3-بىر كىشىنىڭ باشقىلاردا ئىلىشى بولسا، قەرىزدار كىشى قەرىزنى ۋاقىتىدا ئادا قىلىدىغان بولسا، ئالىدىغان قەرىز بىرقانچە يىل داۋاملاشسىمۇ ئۇ كىشى ھەر يىلدا بىر قېتىم قەرزىنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىدۇ.

   4-بىر كىشىنىڭ باشقىلارغا قەرزى بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەلۇم مىقداردا مېلى بولسا، ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە، يىل توشقاندا قەرىزنى چىقىرىۋەتمەستىن ھەممە مالنىڭ زاكاتىنى ئايرىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ زاكىتى مۇنداق بولىدۇ:

   ئا-كىمكى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ئۇ مالنى يېنىدا ئىلگىرى بار بولغان مالغا قېتىپ ئىلگىرى بار بولغان مال بىلەن بىرگە زاكاتنى ئايرىسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۇ مالنى ئالغاندىن باشلاپ يىلنى ھېسابلاپ يىل توشقاندا قولىدا بۇ مالدىن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك بولسا زاكاتنى ئايرىدۇ، ئەمما بۇ مالنىڭ ھەممىسىنى تەسەررۇپ قىلغان بولسا ياكى زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىن كېمىيىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مالغا زاكات كەلمەيدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشىنىڭ يېنىدا رامىزان ئېيىدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك مال بولسا، ئۇ كىشى شەۋۋال ئېيىدا جەمئىيەتتىن بېرىلىدىغان مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ئۇ كىشى يەنە بىر رامىزاندا بارلىق ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ ياكى رامزاندا ئۆلچەمگە يەتكەن مالنىڭ زاكىتىنى رامىزاندا، باشقىسىنىڭ زاكىتىنى شەۋۋالدا ئايرىدۇ.

   ب-ئەگەر جەمئىيەتتىن ئالىدىغان ھەققى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ياكى ئۇ كىشىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك مېلى بولسا، جەمئىيەتتىن مالنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىغا ھىجىرىيە ھېسابىدا بىر يىل بولغان بولسا-جەمئىيەتتىن ئالغان مال يىگىرمە مىڭ بولۇپ، يىل توشقاندىمۇ جەمئىيەتتىن بۇ مالنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسا-ئۇ كىشى ئۇ مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىدۇ، چۈنكى ئۇ مال ئۆزىنىڭ ئورتاق بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ قەرزىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

    ئەمما جەمئىيەتتىن ئالغان مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە، ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئۆلچەمنى تولۇقلايدىغان باشقا مال بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا يىل جەمئىيەتتىن مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن تارتىپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى