شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ گۈزەللىك ئۈچۈن ساغرىسىنى كىچىكلىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بۇ سوئال ئورۇقلىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش توغرىسىدا بولۇپ، ئاياللارنىڭ ساغرىسىنى، كاسىسىنى ۋە كۆكسىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشى چەكلىنەمدۇ ياكى توغرا بولامدۇ؟ئەگەر زۆرۈرەت بولسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

گۈزەللىك ئوپېراتسىيىنىڭ دۇرۇس بولغانلىرى ۋە چەكلەنگەنلىرى بار، ئۇ مۇشۇ ئوپېراتسىيىنى قىلىشقا تۈرتكە بولغان ئامىل-سەۋەپ بويىچە بولىدۇ، ئەگەر بۇنى قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەپ چىرايلىق بولۇش ۋە گۈزەللىكنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن بولسا، بۇ تۈردىكى ئوپېراتسىيىنى ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋە ئۇنى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نەپسى-خاھىشى بويىچە قىلىدىغان، قىلىش توغرا بولمايدىغان ئوپېراتسىيىنىڭ تۈرىدىن دەپ قارايدۇ، شەيخ مۇھەممەد مۇختار شەنقىتىي ئۆزىنىڭ "ئوپېراتسىيىنىڭ ھۆكۈملىرى" ناملىق كىتابىدىمۇ شۇنداق بايان قىلغان.

   بۇنىڭ دەلىللىرى:

   بىرىنچى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولغان ئىبلىسنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللّهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن.» [سۈرە نىسا 119-ئايەت].

   ئىككىنچى: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «چىرايلىق بولىمەن دەپ، ئاللاھنىڭ ياراتقان تەبى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، قاشلىرىنى تەردۈرگەن ۋە چىشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىتقان ئاياللارغا لەنەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى4507-ھەدىس].

   ئۈچىنچى: مۇشۇ تۈردىكى ئوپېراتسىيىنى پەقەت يەنە باشقا بىر چەكلەنگەن ئىشنى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىن: ناركوز قىلدۈرۇش، ناركوز قىلدۇرۇش بولسا داۋالىنىش ئۈچۈن جىددى ھاجەت بولمىغاندا قىلىش چەكلەنگەن-ھارام قىلىنغان ئىشلاردىندۇر.

    چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئەۋرىتىنى ئېچىش ۋە سىلاشقا رۇخسەت قىلىش، مۇشۇنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن ئىشلاردىن بولۇپ، شەرىئەتتە ئۇنداق قىلىشقا رۇخسەت بېرىلىدىغان قوبۇل قىلىنىدىغان بىر سەۋەپ يوقتۇر.

    ئەگەر بۇ شەكىلدىكى ئوپېراتسىيىدىن بەدىنىدە بار بولغان ئەيىب-نۇقساننى يوق قىلىۋېتىش بولسا يەنى ئۇ ئايالنىڭ ساغرىسى ۋە كۆكسى ئادەتتىن تاشقىرى بەك چوڭ بولغان بولسا، ئوپېراتسىيىدىن بولغان مەقسەت، ئۇ ئەزانى ئەسلى تەبىئىتىگە قايتۇرۇش بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ شەكىلدىكى ئوپېراتسىيىنى قىلدۇرسا توغرا بولىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 47694- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «مەڭ چەككۈچى ۋە مەڭ چەكتۈرگۈچى ئاياللارغا لەنەت قىلدى» دېگەن ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چىشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلغانلىقى» ئۇ ئاياللارنىڭ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىندۇر. بۇ ھەدىستە، چىرايلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىپ قىلدۇرۇشنىڭ چەكلەنگەن-ھارام ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما چىشىدا بىرەر ئەيىب نۇقسان بولسا ياكى داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەيىب-نۇقساننى يوق قىلىش توغرا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئۇرۇشتا بۇرنى كېسىلىپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن ئالتۇندىن بۇرۇن قاپلىۋېلىشقا رۇخسەت قىلغان، بۇ مەسىلىدە كەڭىرچىلىك بار، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش مەسىلىسىنىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ، ئەگەر بۇ ئىش ئەيىب-نۇقساننى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسا توغرا بولىدۇ، بۇرنىدا قىڭغىرلىق بولسا بۇنى تۈزلەش ياكى قارا داغلار بولسا ئۇنى يوق قىلىش بولسا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئەيىب-نۇقساننى يوق قىلىشتىن باشقا مەڭ چەكتۈرۈش ۋە قاش تەردۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 93-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى