چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقى پەقەت ۋەھىي بىلەن بىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن بەزى ئالىملاردىن: قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقى پەقەت ئىلاھىي ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش بولسا ئاللاھ تائالا ئۆز ئىلمىگە خاس قىلغان غەيبى ئىلىملەردىن بولۇپ، بۇنى يېقىن پەرىشتىمۇ ۋە ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمۇ بىلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَسْأَلونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي لا يُجَلِّيهَا لِوَقْتِهَا إِلَّا هُوَ ثَقُلَتْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لا تَأْتِيكُمْ إِلَّا بَغْتَةً يَسْأَلونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنْهَا قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللَّهِ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لا يَعْلَمُونَ  تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ. گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى بىلمەيدۇ.» [سۈرە ئەئراپ 187-ئايەت].

    سەھىھ مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قىيامەت توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇ توغرىدا سوئال سورالغۇچى سوئال سورىغۇچىدىن بەكراق بىلگۈچى ئەمەس»دېگەن.

    لېكىن ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەرنى قىلدى، بۇ ئالامەتلەرمۇ ئاللاھدىن باشقا كىشى بىلمەيدىغان غەيبى ئىلىملەردىن بولۇپ، بۇنىڭدىن پەقەت  ئاللاھ بىلدۈرگەننى بىلەلەيمىز، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرئەلەيھسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرى بايان قىلىندى، مانا بۇ بىز ئىشەنچ قىلىدىغان ۋە تايىنىدىغان ئالامەتلەردۇر. سەھىھ بولمىغان ئاجىز-زەئىپ ھەدىسلەردە ۋە بەنى ئىسرائىل خەۋەرلىرىدە كەلگەن مەلۇماتلارغا تايانغىلى ۋە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ قالسا، ئۇ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن قالغان ۋە ئۆزگەرتىلمىگەن خەۋەرلەردىندۇر.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆزىگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئۈگىنىشكە، پايدىسىز بولغان خىيالى پەرەزلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىيگىلا تايىنىش ۋە ئىشەنچ قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى