شەنبە 27 شەۋۋال 1446 - 26 ئاپرىل 2025
Uygur

غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنى بىلەن ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدا

97827

تارقاتقان ۋاقىت : 04-04-2025

كۆرگۈچىلەر : 572

سۇئال

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەڭلىك-باراۋەرلىك، ئادىل بولۇش، زۇلۇمنى چەكلەش، كىشىلەرگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، ئىنسانلار قايسى تۈردىن، قايسى مىللەتتىن ۋە رەڭدىن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى قوغداش دېگەندەك ئالى چاقىرىقلارنى قىلىدۇ، بۇ يەردە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن چەكلەيدىغان بىرەر چەكلىمە بارمۇ؟ ئەگەر بولسا: بۇ ئالى چاقىرىققا قارشى چىقىشنىڭ يولى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر،

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: مۇسۇلمان غەربنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ ئىنسان ھەقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دېگەندەك ئىسىملىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقى كېرەك، گەرچە ئۇنىڭ كۆرۈنىشى ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش، زالىمنىڭ قارشىسىدا تۇرۇش، تۇرمىلاردا ۋە ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلىق ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق گۈزەل شوئارلار بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ باشقا خىزمەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى بار، ئۇلار بۇ پرىنسىپلار ئارىسىدىن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش، ئىسلامغا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە تەنە قىلىش، بۆھتان چاپلاشقا يول ئاچىدۇ، زىناخورلارنى تاش-چالما قىلىش، مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش، ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش قاتارلىق شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە قارشى تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان پرىنسىپلىرىنى بەك ئاز ۋە يوق دېيەرلىك شەكىلدە ئىجرا قىلىدۇ، بۇ تەشكىلاتلار ئايالنىڭ تويىغا ۋەلىسىنىڭ مۇۋاپىق كېلىشى، ھىجاپلىق بولۇشقا بۇيرۇشى، يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن چەكلىشى قاتارلىق ئاياللارغا ئالاقىدار بولغان ئىشلار ۋە ئۇنىڭدىن سىرت ئىنساننى شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىدىن ئازات قىلىش، خالىغانچە ئىز-ھەرىكەتلەرنى قىلىش، ئارتۇقچە ئىبادەتلەرگە ۋە ئىلاھى شەرىئەتلەرگە باغلانماسلىق دېگەندەك  ساختا پرىنسىپى  بىلەن شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە قارىشى تۇرىدۇ.

بۇ تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرغان چاقىرىقىنىڭ خۇلاسىسى: ئىنسان ئەخلاقى ئاشقۇنلۇقتىن، پەسكەشلىكتىن ۋە رەزىللىكتىن خالىغاننى قىلىدۇ،  ھەم لەمبۇرگىنىزىم قىلىش ياكى ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇش، لەۋاتەت قىلىش ياكى ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇش، ئۈچىنچى بىر جىنستىكىلەر بىلەن تۇرۇش، دىنى ئاشقۇنلۇق، ئىنساننىڭ خالىغان دىنلارغا كاپىر بولۇش ھەققى بولىدۇ، گەرچە پەيغەمبەرگە ئالاقىدار ئىش بولسىمۇ ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكىر-قارىشىنى قورقماستىن خىجىل بولماستىن ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭدەك، ئاياللارنى ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا ۋە دىنى ئالاقىلاردىن (ئەركىنلىك شۇئارى ئاستىدا)  چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئىككىنچى: بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 1948 -يىلى 12 -ئاينىڭ 10 -كۈنى ئىلان قىلغان ئاساسلىق ماددىلارنىڭ بەزىسى بولۇپ بىز بۇنى ئۇلارنىڭ تور بەتتىن نەقىل قىلدۇق:

1-ماددا: ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن مۇشۇ ئېلاندا زىكىر قىلىنغان بارلىق ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمان بولۇش ھەققى بولىدۇ، ھېچقانداق تۈر ئايرىلمايدۇ، بولۇپمۇ ئىرقچىلىق سەۋەبىدىن، رەڭ سەۋەبىدىن، ئەر-ئاياللىق جىنس سەۋەبىدىن، تىل، دىن، پىكىر-قاراش، سىياسى جەھەتتىن ۋە سىياسى بولمىغان جەھەتتىن دۆلەتنىڭ ئەسلى پۇقراسى بولۇش ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇش، ئىجتىمائىي، بايلىق تۇغۇلغانلىق ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قانداق بىر سەۋەبلەردىن بولمىسۇن كەمسىتىلىشكە ۋە ئايرىمچىلىققا ئۇچرىمايدۇ.

18-ماددا: ھەر بىر ئىنساننىڭ پىكىر، ۋىجدان، دىن ئەركىنلىكى بولىدۇ، بۇ ھەق-ھوقۇق: دىنىنى ئۆزگەرتىش، ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكى، ئۆزى يالغۇز ياكى جامائەت بىلەن، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ياكى يالغۇز ئورۇندا ئۆزىنىڭ دىنىنى ياكى ئېتىقادىنى ئىبادەت بىلەن، دىنى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن تەلىم-تەربىيە بىلەن ئاشكارا قىلىش-نامايەندە قىلىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

19-ماددا: ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىپادىلەش ۋە پىكىر بايان قىلىش ھەققى بولىدۇ، بۇ ھەق-ھوقۇقلار: قىينالماستىن ھەر قانداق پىكىرنى قوبۇل قىلىش، خەۋەر، پىكىرلەرنى تەلەپ قىلىش، ئۇنى قوبۇل قىلىش، چەك-چېگرا ئايرىماستىن ھەرقانداق ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارغا يۆتكەش ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

ئىنسان ھەقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كىشىلەرنىڭ دىنىغا قارىماستىن ئۇلارنى مەنپەئەتلىنىدۇ دەپ خىيال قىلىپ چاقىرغان ئەركىنلىك ۋە ھەق ھوقۇقلار: بۇ ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردە ئاللاھنى بىر بىلىدىغان ئىنسان بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان ئىنساننى تەڭ باراۋەر قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان مۆمىن بىلەن شەيتانغا چوقۇنىدىغان ئىبلىسنى بىر تاياقتا ھەيدەيدۇ، ھەرقانداق بۇتقا چوقۇنىدىغان، تاشقا سېغىنىدىغان، ئۆزىنىڭ كاپىرلىقى ۋە دىنغا ئىشەنمەسلىكى بىلەن مەنپەئەتلىنىدىغان كامىل ئەركىنلىك ھەققى بېرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە يولغا قويغان شەرىئىتىدە رەت قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَفَنَجْعَلُ الْمُسْلِمِينَ كَالْمُجْرِمِينَ. مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ تەرجىمىسى: «بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟، سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر!». [سۈرە قەلەم 35-36 -ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَمْ نَجْعَلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَالْمُفْسِدِينَ فِي الْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ الْمُتَّقِينَ كَالْفُجَّارِ تەرجىمىسى: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟». [سۈرە ساد 28 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَفَمَنْ كَانَ مُؤْمِناً كَمَنْ كَانَ فَاسِقاً لا يَسْتَوُونَ تەرجىمىسى: «مۆمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتلىك ساۋابتا) باراۋەر ئەمەس». [سۈرە سەجدە 18 -ئايەت.]

بۇ مۇرتەدنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىق، بۇ كاپىر، دىنسىزلىق شۇئارىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىق، بۇ ئىسلامنى، ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆكۈش ۋە تەنقىت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىشىكنى كەڭرى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىق، ئۇ ئىنسان ئۈچۈن چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن، سىقىلماستىن ئىپادىلەش ۋە سۆكۈش-تەنقىت قىلىش ئەركىنلىكى بېرىدىغان چاقىرىقتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ بۇزۇق پرىنسىپ ئۇلارنىڭ ھاياتى ئەخلاق-قارىشى ۋە دىنىغا مۇۋاپىق كەلسىمۇ ئۇ بىزگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ، ئۇ بىزنىڭ پاك شەرىئىتىمىزگە، شەخسلەر ۋە جەمئىيەت ھاياتىنى تۈزەش، ئېسىل ئەخلاقلارنىڭ ئاساسىنى قۇرۇش، بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى، يۈز-ئابرۇيىنى، بەدىنىنى، مال-مۈلكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ھۆكۈملەرگە زىتتۇر، بۇ ھۆكۈملەر ئىنسانلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان دىن، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدىغان  ئەمەلگە يېتەكلەيدۇ.

2-ماددا 3-تارماق: ھەر بىر شەخس ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىنچلىقى، ئەركىنلىكى ۋە ھاياتى ئۈچۈن ھەققى بولىدۇ.

مۇشۇ ماددىدىن:  ئاشۇ تەشكىلاتلارنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشتىن ھىمايە قىلىش، ئاللاھنىڭ زىناخورلارنى تاش-چالما قىلىش، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش ئاچقانلارنى ئۆلتۈرۈش دېگەندىن ئىبارەت شەرىئەت قانۇنىنى تۇرغۇزغان دۆلەتلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ، بۇ تەشكىلاتلار ھازىر كۆپ دۆلەتلەرنى ئادەم ئۆلتۈرگەن، باسقۇنچىلىق قىلغان، ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغانلارغا بېرىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قانائەت قىلدۇرغان، بۇ ئىنساننىڭ ساغلام تەبىئىتى، ئەقلى، شەرىئەت قانۇنىغا زىت كېلىدۇ، بۇ ئاشۇ بىر ئوچۇم جىنايەتچىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چەكتىن ئاشقان قىلمىشى ئۈچۈن ھاياتىغا تىنچلىق-خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدىغان بىر چاقىرىقتۇر، بۇ زېمىندا بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

ئۇلار ھەر شەخس ئۈچۈن ھەر قانداق ھاياتتا ۋە ئەركىنلىكتىن ھەققى بولىدۇ دەپ چاقىرىق قىلىدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ ھاياتى چارۋىلارنىڭ ھاياتىدەك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بۇزۇقچىلىق، كېسەللىك، ئائىلىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇشقا ئىلىپ بارسىمۇ مەيلى.

3-ماددا 16 -تارماق:

1-قىز-يىگىتلەر توي قىلىشتا ۋە ئائىلە قۇرۇشتا ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەر-رايوندىكى ئۆلچەملىك ياشقا يەتسە، مىللى، جىنسى، ۋە دىنى چەكلىمىسىز توي قىلىش ئالدىدا، توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ۋە ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ھەق-ھوقۇقتا باراۋەر بولىدۇ.

بۇ ماددا توي قىلىدىغاندا ئايالنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان، قىزى بىلەن ۋە ھەمشىرىسىنىڭ گۈزەل شەكىلدە تاللىشىغا ياردەم بېرىدىغان، توي تەكلىپى قويغان يىگىتنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقىدىن سوراشقا ياردىمى بولىدىغان قىز تەرەپنىڭ ۋەلىسىنىڭ رولىنى بىكار قىلىۋېتىشتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشتىكى ھېكمىتىدىن: ئەگەر توي قىلىش ھوقۇقى ۋەلىسىنىڭ رازىلىقىسىز قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغاندا، نۇرغۇن قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى يوق قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىلىچىكىنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن چىشىنى بىلەپ تۇرغان ئىنسانىي بۆرىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز.

ئۇلار ئەرنىڭ ھەققى بولغان تالاقنى ئايالنىڭ ھەققى قىلىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ھەددىدىن ئېشىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولىشىغا ھەسسە قوشىدۇ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ تەبىئىتىنى بىلگەن كىشىنىڭ بۇنداق چۈشكۈنلۈككە قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئەسلىدە گۈللەنمەيدۇ، ھەتتا بىز: قاراڭلار قانداق ۋەيران قىلدى؟ دەيمىز، كىمكى ئوخشاش جىنسىدىكىلەرنى توي قىلىشقا، ئايالنىڭ يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىش ھەققى بار، ئايالنىڭ توي قىلىش ۋە تالاق قىلىش ھەققى بار دېگەن بۇ چاقىرىققا  دەۋەت قىلىدىغان تۇرسا، قايسى ئائىلە مۇشۇنداق ئېتىبارسىز پرىنسىپ ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ؟ !،  قايسى ئائىلە بۇ شەكىلدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ؟.

شۇنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش كېرەككى:  بۇ تەشكىلاتنىڭ قارارى دۇنيا سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەخلاق-پەزىلەت، ئەدەپ-ھاياغا رىئايە قىلىدىغان ياكى پۈتۈنلەي شەرىئەت ئەھكامىنى تەتبىقلايدىغان ياكى مەلۇم بىر قىسمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئىسلام دۆلەتلىرىگە بېسىم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، بۇنىڭ بىلەن بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، قىز-ئوغۇللارنىڭ كېچىك توي قىلىشىغا قاتتىق قارشى تۇردى، خۇلئى ۋە نەپىقە ئىشلىرىدا ۋە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىشلاردا ئايالنىڭ تەرىپىگە كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئايال تەرەپتە تۇردى، بۇ ھاياتنىڭ كۆپ تەرەپلىرىدە بۇزۇقچىلىق، ئەسكىلىك، ناچارلىق ۋە ئاياللارنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىغا سەۋەپ بولدى.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى