شەنبە 27 سەپەر 1446 - 31 ئاۋغۇست 2024
Uygur

نومۇرلۇق سوئال

سۇئال

   تەۋبە نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟، قانچە رەكەت بولىدۇ؟، ئۇنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئوقۇسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۇممەتكە قىلغان رەھمىتىدىن بۇ ئۇممەت ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ئېشىكىنى ئېچىۋەتتى، بۇ جان ھەلقۇمغا كەلمىگۈچە ياكى كۈن مەغرىبتىن چىقمىغۇچە ئۈزۈلمەيدۇ.

    شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۇممەتكە قىلغان رەھمىتىدىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغان بىر ئىبادەتنى يولغا قويدى، گۇناھكار بەندە بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئۆتۈنىدۇ، تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ "تەۋبە نامىزىدۇر"، تۆۋەندە بۇ نامازغا ئالاقىدار بولغان بەزى مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

   1-تەۋبە نامىزىنىڭ يولغا قويۇلىشى: بارلىق ئالىملار تەۋبە نامىزىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «گۇناھ قىلىپ سالغان بەندە، تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىپ ئاندىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَى مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھدىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ.» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1521-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «كىمكى مۇكەممەل تاھارەت ئىلىپ ئاندىن ئىككى رەكەت ياكى تۆت رەكەت ناماز ئادا قىلسا، نامازدا زىكىر، خۇشۇلارنى مۇكەممەل قىلسا، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىىتى 26998-ھەدىس. مۇسنەد تەتقىق قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ھەسەن دېگەن. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 3398-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   2-تەۋبە نامىزىنىڭ سەۋەبى: تەۋبە نامىزى سەۋەبى بولسا، مۆمىن ياكى مۇسۇلمان كىشى چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن خاتالىق سادىر قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە تىزدىن قىلغان خاتالىقى ئۈچۈن تەۋبە قىلىش، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن تەۋبە قىلغان ۋاقىتتا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش كېرەك، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى بولسا بۇ نامازدىن ئىبارەتتۇر، بۇ ناماز بىلەن ئاللاھ تائالادىن ئۆتۈنۈپ يالۋۇرۇپ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنى، گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   3-تەۋبە نامىزىنىڭ ۋاقتى: تەۋبە نامىزىنىڭ ئادا قىلىش ئىنسان ئۆزى سادىر قىلغان گۇناھدىن تەۋبە قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەندە، گۇناھدىن كېيىنلا بولسۇن ياكى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بولسۇن، ئادا قىلىشى مۇستەھەپ بولىدۇ، گۇناھكار كىشىگە تەۋبىگە ئالدىراش ۋاجىپ بولىدۇ، لېكىن كېچىك قالسىمۇ ئاللاھ تائالا تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى تەۋبە تۆۋەندىكى چەكلىمىلەر يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بولسا قوبۇل قېلىنىدۇ:

   1-جان ھەلقۇمغا يەتكەندە: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى جان ھەلقۇمغا كەلمىسىلا قوبۇل قىلىدۇ» [شەيخ ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا 3537- ھەدىستە كەلتۈرگەن]. 

   2-كۈن مەغرىپتىن چىققاندا: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى كۈن مەغرىپتىن چىقىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2703-ھەدىس].

   بۇ ناماز ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن (ئەسىردىن كېيىنگە ئوخشاش) ۋاقىتلاردىن ھەممە ۋاقىتلاردا ئادا قىلىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ سەۋەپكە ئالاقىدار ناماز بولغانلىقى ئۈچۈن سەۋەپ تېپىلغاندا ئادا قىلىش يولغا قويۇلغان.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەجدە تىلاۋېتى، تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى، كۈن تۇتۇلۇش نامىزى، تاھارەتتىن كېيىن ئادا قىلىدىغان ئىككى رەكەت ناماز، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، ئىستىخارە نامىزىغا ئوخشاش، نامازنى كېچىكتۈرسە ئىستىخارە قىلىشنىڭ ۋاقتىنى يوق قىلىدۇ، بۇ نامازلارنى ئادا قىلىش چەكلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈلسە، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ، تەۋبە نامىزىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسان گۇناھ سادىر قىلسا، تىزدىن تەۋبە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش ياخشى بولىدۇ. ئاندىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك تەۋبە قىلىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 23-توم 215-بەت].

  4-تەۋبە نامىزىنىڭ سۈپىتى: تەۋبە نامىزى  ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئىككى رەكەتتۇر.

    تەۋبە قىلغۇچى ئۈچۈن نامازنى يالغۇز ئادا قىلىش يولغا قويۇلغان، چۈنكى ئۇ جامائەت بولۇپ ئادا قىلىنمايدىغان نەپلە نامازدۇر، نامازدىن كېيىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە كەلگەندەك، ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ نامازدا مەخسۇس بىر سۈرىلەرنى ئوقۇش توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامازنى ئادا قىلغۇچى قايسى سۈرىنى ئوقۇسا بولىدۇ.

    تەۋبە قىلغۇچى مۇشۇ نامازنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحاً ثُمَّ اهْتَدَى  تەرجىمىسى: «تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن» [سۈرە تاھا 82-ئايەت].

    تەۋبە قىلغۇچى قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئىشلاردىن بىرى: سەدىقە قىلىش، سەدىقە دېگەن گۇناھقا كاپارەت بولىدىغان ئەڭ كاتتا ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنْ تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ وَإِنْ تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ وَيُكَفِّرُ عَنْكُمْ مِنْ سَيِّئَاتِكُمْ﴾‏  تەرجىمىسى: «سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.» [سۈرە بەقەرە 271-ئايەت].

   كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى تەۋبە قىلغان ۋاقتىدا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ تەۋبەمنىڭ جۈملىسىدىن بارلىق مېلىمنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېلىڭنىڭ بەزىسىنى ئېلىپ قالغان ئۇ سەن ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ» دېدى، كەئەب: ئۇنداقتا مەن خەيبەردە ئېرىشكەن نېسىۋەمنى تۇتۇپ قالاي دېدى». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى:

   1-بۇ ناماز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس بىلەن بېكىتىلگەن.

   2- بۇ نامازنى مۇسۇلمان چوڭ-كېچىك ھەر قانداق بىر خاتالىق-گۇناھ سادىر قىلغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان، بۇ نامازنى خاتالىق سادىر قىلىپ بولۇپلا ئادا قىلسۇن كېيىن ئادا قىلسۇن ئوخشاش.

   3-بۇ نامازنى ھەممە ۋاقىتتا ئادا قىلىش توغرا بولىدۇ، ھەتتا ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ.

   4-تەۋبە قىلغۇچى بۇ نامازنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە سەدىقە قىلىش دېگەندەك بەزى ياخشى ئىشلارنى بىرگە قىلىشى ياخشى بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى