جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كۈچىنىڭ يېتىشچە سىلە-رەھىم قىلىش زۈرۈردۇر

سۇئال

مېنىڭ توي قىلغان ھەمشىرىلىرىم بار، دادام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاناممۇ ياتلىق بولغان، مەن ئەسكىرى خىزمەت ئۆتەيمەن، ئۇلارنى يوقلاپ بارغۇم بولسىمۇ لېكىن ۋاقتىم يېتىشمەيدۇ، مەنمۇ توي قىلغان، مەن ئۇلارنى يوقلاپ ئائىلەمنى قويۇپ قويۇپ كەتسەم، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاز بولغاندا ئۈچ كۈن تۇرۇشۇم كېرەك بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئائىلە بالىلىرىم بىلەن بولۇپ قالىمەن، مەن ئۇلارنى يوقلىمىغىلى ئون ئايغا يېقىن بولدى، مەن سىلە-رەھىمنى ئۈزگەن بولىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تۇغقانلارنىڭ يېقىنلىق دائىرىسىدە كۈچىنىڭ يېتىشچە سىلە-رەھىم قىلىش زۈرۈر بولىدۇ، ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق ۋە پايدا-مەنپەئەت بار، ئۇنى ئۈزۈش چەكلەنگەن چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ تَوَلَّيْتُمْ أَنْ تُفْسِدُوا فِي الأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ أُولَئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَى أَبْصَارَهُمْ  تەرجىمىسى: سىلەر ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟، ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى. [سۈرە مۇھەممەد 22-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سېلە-رەھىمنى ئۈزگەن كىشى جەننەتكە كېرمەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلار ئارىسىدا مېنىڭ ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمغا كىم بەك ھەقلىق؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاناڭ، دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دېگەنتى: ئاناڭ، دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دېگەنتى: يەنە ئاناڭ، دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دېگەنتى: داداڭ، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5626-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2548-ھەدىس].

   سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ۋە رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشىدىن خۇرسەن بولىدىغان كىشى سىلە-رەھىمنى ئۇلىسۇن.

    بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ، سىزگە كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە سىلە-رەھىم قىلىشڭىز زۆرۈر بولىدۇ، مۇمكىن بولسا ئۇلارنى زىيارەت قىلىڭ، تىلېفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراڭ، تۇغقانلىرىڭىز كەمبەغەل بولسا پۇل-مال بىلەن ياردەم قىلىپ سىلە-رەھىم قىلىڭ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ  تەرجىمىسى: كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئاللاھدىن قورقۇڭلار.

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا  تەرجىمىسى: ئاللاھ تائالا ھېچ كىشىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ.

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   ئاللاھ ھەممەيلەننى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: ["ئىبنى باز پەتىۋالىرى"9-توم 414-بەت]