دۇشەنبە 24 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 25 نويابىر 2024
Uygur

ئىستىراخۇانىيەنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ھۆكمى

سۇئال

بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئومۇملىشىۋاتقان سۇغۇرتا تىجارىتىنىڭ ھۆكمى نېمە؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
1-بارلىق تىجارەت سۇغۇرتىلىرى شەك-شۈبھىسىز جازانىدۇر. ئۇ بولسا پۇلنى پۇلغا سېتىش بولۇپ، سۇغۇرتا پۇلىغا ئۇنىڭدىن كۆپرەك ياكى ئازراق پۇلنى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن سېتىۋېلىش بولىدۇ. يەنى بۇ بولسا شەرىئەت چەكلىگەن جازانىدۇر، كۆپلىگەن ئايەتلەردە جازانىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنغان.
2- بارلىق تىجارەت سۇغۇرتىلىرى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلغان قىمار شەكىلدە بولىدۇ (يەنى شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار). بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئېچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش، شەيتاننىڭ ئېشى، پاسكىنا قىلىقتۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، شەيتاننىڭ ئېشىدىن يىراق بولۇڭلار، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى ھاراقتىن، قىماردىن يانمامسىلەر؟ سۈرە مائىدە 90- ئايەت.
بارلىق شەكىلدىكى سۇغۇرتىلار قىسمەتلەر بىلەن ئويناشقانلىق بولىدۇ، سۇغۇرتا شىركەتلىرى بىلەن سەن ئەگەر مۇنچىلىك پۇل تۆلىسەڭ ناۋادا ساڭا بىرەر ھادىسە كەپ قالسا مۇنچىلىك پۇل بىرىمىز دەپ توختام تۈزىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ قىمار ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك پاكىت. ساغلام ئەقىل ئىگىسى قىمار بىلەن سۇغۇرتىنىڭ ماھىيىتىنىڭ بىر ئىكەنلىكىدىن شەك قىلمايدۇ.
3- بارلىق تىجارەت تۈسى ئالغان سۇغۇرتىلار ئالدامچىلىقتۇر. كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئالدامچىلىقنىڭ ھاراملىقى ئىسپاتلانغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى بايان قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سودىدا ئالدامچىلىق قىلىشتىن چەكلىگەن دەيدۇ. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بارلىق تىجارەت سۇغۇرتىلىرى ئالدامچىلىققا تايىنىدۇ، پۈتۈن سۇغۇرتا شىركەتلىرى ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ھادىسىنىڭ قاچان ۋە قانداق بولىشىنى بىلمەيدۇ، بۇ ئىشلار ئالدامچىلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ.
4- بارلىق تىجارەت سۇغۇرتىلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل-مېلىنى ناھەق يول بىلەن يەۋېلىش بولۇپ( يەنى شەكلى ئۆزگەرگەن شىركەتلەشكەن زامانىۋى ئالدامچىلىق) ئاللاھ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قۇرئاندا چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن
يەۋالماڭلار» سۈرە نىسا 29- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
بارلىق تىجارەت سۇغۇرتىلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل-مېلىنى يەۋېلىشتىكى ئەمەلىي ھىيلە-مىكىردۇر. گېرمانىيەلىك بىر ئالىمنىڭ ستاتىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتتا بىلدۇرۇلىشىچە، سۇغۇرتا شىركەتلىرى خېرىدارلاردىن ئالغان پۇلنىڭ، ئۇلارغا قايتۇرۇلۇش نىسبىتى 2.9% كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. سۇغۇرتا بولسا، ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن چوڭ بىر مەنىۋى زىيان بولۇپ غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى بىزگە ھۆججەت بولالمايدۇ. يۇقىرىقىلار بولسا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ شەرىئەت چەكلىگەن يوللارغا تايىنىدىغانلىقىنڭ بىر ئاددى مىسالىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تەرەپلىرى بولۇپ بۇ يەردە توختالمايمىز. بەلكى يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر ئۇ ئىشنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلىمە قويۇلغانلىقىغا ئىسپات قىلىش ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بىر قىسىم سۇغۇرتا شىركەتلىرى ھەمكارلىق سۇغۇرتىلىرى ياكى كاپالەت سۇغۇرتىسى ياكى ئىسلام سۇغۇرتىسى دېگەن ناملار بىلەن ئاتاپ خەلقنى ئالدايدۇ. بىراق بۇ ئارقىلىق سۇغۇرتىنىڭ باتىل ھەقىقىتىدىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئۆلىمالار پەتىۋا بەرگەن دېگەن داۋاسى يالغان ۋە بۆھتاندۇر، بۇ ئۇقۇشماسلىقنىڭ سەۋەبى بىر قىسىم سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۆلىمالاردىن ساختىپەزلىك بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىپ ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى دەپ ئىسىم قويۇپ بۇنىڭدىكى مەقسەتنى خەير-ئېھسان قىلىش، ئىنسانلارغا تەبىئى-ئاپەتلەردە ياردەمدە بولۇش، يوقسۇللارغا ئاتىدارچىلىق قىلىش دەپ تونۇشتۇرۇپ پەتىۋا ئالغان، ئەمەلىيەتتە ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى دەپ ئاتالغان بۇ سۇغۇرتىنىڭ باشقا سۇغۇرتىلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇنىڭدىكى ئوخشاشماسلىق، بۇنىڭ ماھىيتىدە بولماستىن بەلكى شەكلى ۋە ئىسىمدە بولغان، بۇ بولسا خەير-ئېھسان قىلىش، ياخشىلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىش بولماستىن بەلكى گۇناھ ۋە ئاداۋەتكە ياردەملەشكەنلىكتۇر، بۇنىڭدىكى مەقسەت تەبىئى- ئاپەتلەرگە ياردەم بېرىش بولماستىن، خەلقىنىڭ مال-مۈلكىنى ناھەق يوللار بىلەن يېيىشتۇر.
ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى باشقا سۇغۇرتىلارغا ئوخشاشلار ھارامدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆلىمالاردىن سۇغۇرتا توغرىسىدا سورىغان پەتىۋاسى ئىنكار قىلىنىدۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سۇغۇرتىنىڭ خەير-ئېھسان تەرەپلىرىنى ئېيتقانلىقى ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ۋە سۇغۇرتىنى جازانىدىن، قىماردىن، ئالدامچىلىقتىن، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ناھەق يول بىلەن يېيىشتىن، ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. بۇ پەقەت كىشىلەرنى ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېشىنىدىغان ھەر بىر مۆمىن ئاللاھغا تەقۋالىق قىلىپ ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مال-مۈلكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈردىكى ئالدامچىلىق سۇغۇرتىلىرىدىن يىراق بولىشى باشقىلارنىمۇ بۇنىڭدىن توسۇشى لازىم.
(يۇقىرىدىكى سۆزلەنگەن مىساللار ئىسلام ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىدە بولۇۋاتقان سۇغۇرتىغا ئائىت مىساللاردۇر. ئەمما غەيرى مۇسلىم دۆلەتلىرىدە ياكى كاپىرلار ئارىسىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار، دۆلەت تەرىپىدىن سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلانمىسا، ھەر تۈرلۈك سۇغۇرتىلارغا قاتناشماسلىقى، تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇپ ھەممە ئىشىدا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۇنيالىقتىكى بولۇش ياكى بولماسلىق ئېھتىماللىقى بولغان، ئاز-تولا ماددى زىياننى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلمان ئەقىدىسىنىڭ غۇلى بولغان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش تەك، بۇ بۈيۈك نېمەتتىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتلىكىنى زىيان تارتماسلىقى لازىم.- مۇھەررىر-)
ئاللاھ ھەممەيلەننى دىننى توغرا چۈشىنىدىغان ئۆزى رازى بولۇپ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.


 

مەنبە: www.islamqa.com