جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئاساسىدۇر

سۇئال

تەۋبە قىلىشنى قارار قىلدىم، گۇناھ-مەسيەتنى تەرك قىلدىم، گۇناھقا قايتماسلىق ئىرادىسىگە كەلدىم، لېكىن مەن دىلىمدا قىلچە پۇشايمان تۇيغۇسىنى تاپالمىدىم، پۇشايماننى قانداق ھاسىل قىلىمەن؟، ئۇنى ئەمەلىلەشتۈرۈش بەك تەسكەن، چۈنكى پۇشايمان دېگەن ئىنساننىڭ تاقىتىدىكى ئىش-ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر تۇيغۇ، بۇ ئىختىيارلىق بىلەن بولمايدۇ، ۋە خالىغاندا بۇنىڭغا قادىر بولالمايدۇ؟ پۇشايماننى پەيدا قىلىشنىڭ يولى قانداق؟، ئاللاھ تائالادىن دىلىمغا پۇشايمان سېلىشنى سوراپ دۇئا قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    توغرا بولغان تەۋبىنىڭ شەرتلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

   1-گۇناھدىن قول ئۈزۈش.

   2-ئۆتكەنكى ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىش.

   3-ئۇ ئىشقا قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش.

   تەۋبە قىلىش ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكى، يۈز-ئابرۇيى ۋە جېنىغا زۇلۇم قىلىش سەۋەبىدىن بولسا، بۇنىڭغا تۆتىنچى شەرت قېتىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ھەق ئىگىسىدىن ئەپۇ سوراش ياكى ھەققىنى بېرىشتىن ئىبارەت. تەۋبىنىڭ ھەقىقىتى ۋە شەرتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 13990-ۋە 182767- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ بىرىنچى شەرتى ۋە كاتتا ئاساسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پۇشايمان قىلىش تەۋبە قىلىشتۇر دېگەن. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلتۈرگەن].

    بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: "تەۋبىدە پۇشايماننى ئەمەلىلەشتۈرۈش كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى گۇناھدىن قول ئۈزۈشتە پۇشايمان قىلىش، ئۇ گۇناھقا ئىككىنچى قايتماسلىق ئىرادىسى كېرەك بولىدۇ، بۇ ئىككى ئىش پۇشايمان بىلەن بولغان ئەسلى ئەمەس بەلكى پۇشايماندىن پەيدا بولغان". ["پەتھۇلبارى"13-توم471-بەت].

    موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پۇشايمان قىلىش تەۋبە قىلىشتۇر چۈنكى پۇشايمانغا تەۋبىنىڭ گۇناھدىن قول ئۈزۈش ۋە قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش ۋە ھەق ئىگىلىرىنى تېپىش مۇمكىن بولسا ئىگىسىگە قايتۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىرى تەرتىپلىنىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتكە پۇشايمان قىلىشتىن بولغان مەقسەت، ئۇ ئىشنىڭ پەقەت گۇناھ-مەسىيەت بولغانلىقىدۇر. [مىرقاتۇل مەپاتىھ 4-توم 1637-بەت].

    پۇشايماننىڭ مەنىسى: سادىر بولغان ئىشقا نادامەت قىلىش دېمەكتۇر. ["لىسانۇل ئەرەب"1-توم 79-بەت. 6-توم 4386].

   پۇشايماننى"ئەپسۇسلىنىش"دەپ چۈشەندۈرۈپ، ئاندىن ئەپسۇسلىنىشنى بەك قايغۇرۇش دەپ چۈشەندۈرگەن.

    موللا ئەلى قارىنىڭ ئىلگىرىكى سۆزىدە "پۇشايماننى" ئاسىيلىق قىلمىشىغا قايغۇرۇش، قىلغان ئىش ئاسىيلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭ مەنىسى: ھەرقانداق كىشى قىلمىشىنىڭ گۇناھ-مەسىيەت بولغانلىقىغا قايغۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشىدىن تەۋبىدە مەقسەت قىلىنغان پۇشايمان ھاسىل بولىدۇ.

    راستىن پۇشايمان قىلغان بولسا ئۇ كىشى ئاسىيلىقنى تەرك قىلىدۇ، قايتا ئاسىيلىق قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەۋبە مۇكەممەل بولۇپ ئۇنىڭ شەرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىلەشكەن بولىدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: گۇناھنى ئاللاھقا بولغان ئاسىيلىق دەپ، ئاللاھدىن قورقۇپ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ تەرك قىلغان كىشى، ئاسىيلىقنىڭ ئورنىغا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قايتا گۇناھ قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىدۇ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭدىن كەسكىن پۇشايمان ھاسىل بولغان بولىدۇ، بۇ پۇشايمان ئۇ كىشىنى گۇناھنى تەرك قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

    ئىمام غەزالى رەھىمەھۇللاھ "ئىھيائۇلۇمىددىن"4-توم 4-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككى، تەۋبە دېگەن تەرتىپلەنگەن ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ مەنىسىدىن ئىبارەتتۇر: ئىلىم، ھال ۋە پېئىلدىن ئىبارەت.

   بىرىنچىسى ئىلىم، ئىككىنچىسى ھال ۋە ئۈچىنچىسى پېئىلدۇر.

   بىرىنچىسى ئىككىنچىسىنى، ئىككىنچىسى ئۈچۈنچىسىنى لازىم تۇتىدۇ، پادىشاھلىق ۋە سەلتەنەتتە ئاللاھنىڭ پىرىنسىپىنىڭ باغلىنىشىنىڭ تەقەززاسى بۇنى لازىم تۇتىدۇ.

   ئىلىم بولسا گۇناھنىڭ زېيىنىنىڭ كاتتىلىقىنى، گۇناھنىڭ بەندە بىلەن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئارىسىغا توساق بولىدىغانلىقىنى بىلىشتۇر. بۇنى ھەقىقى بىلگەن ۋاقتىدا، دىلىغا بىر ئىشەنچ غالىپ كېلىدۇ، بۇ بىلىشتىن ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويغانلىق سەۋەبىدىن دىلىدا دەرت-ئەلىم قوزغىلىدۇ، ھەقىقەتەن قەلب ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنىڭ يوقالغانلىقىنى ھېس قىلسا دەرت تارتىدۇ، ئەگەر ئۇ نەرسىنىڭ يوق بولىشى ئۆزىنىڭ پېئلى بىلەن بولغاندا، يوقۇتۇپ قويغان پېئلىغا بەك ئەپسۇسلىنىدۇ، ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويغان پېئلى سەۋەبىدىن دەرت تارتىش پۇشايمان دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ دەرت دىلىغا غالىپ كېلىپ ئورناشسا، بۇنىڭدىن دىلىدا يەنە بىر ھالەت قوزغىلىدۇ، بۇ ھازىرقى، كەلگۈسى ۋە ئۆتكەنكى زامانغا ئالاقىدار بولغان ئىشنى مەقسەت قىلىش ۋە ئىرادە قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى زامانغا ئالاقىدار بولغىنى قىلىۋاتقان گۇناھنى تەرك قىلىش بولىدۇ.

   كەلگۈسى زامانغا ئالاقىدار بولغىنى: ئاخىرقى ھاياتىغىچە ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان گۇناھنى تەرك قىلىش ئىرادىسىگە كېلىش.

   ئۆتكەن زامانغا ئالاقىدار بولغىنى: ئەگەر يوقۇتۇپ قويغان نەرسىسىنى تولۇقلاش مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش ئارقىلىق تولۇقلاش.

   بىلىش، پۇشايمان ۋە مەقسەت قىلىش دېگەن ئۆتكەن زاماندىكى تولۇقلاش، كەلگۈسى ۋە ھازىرقىنى تەرك قىلىشقا ئالاقىدار بولغان ئۈچ مەنانى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن  تەرتىپلىنىدۇ، بۇنىڭ ئومۇمىغا تەۋبە دېگەن ئىسىم مۇتلەق ئېشلىتىلىنىدۇ.

   كۆپ ۋاقىتلاردا تەۋبە دېگەن ئىسىم پۇشايماننىڭ ئۆزىگە يالغۇزمۇ ئېشلىتىلىنىدۇ، ئىلىمنى ئىلگىرىكى ۋە باشتىكىگە ئوخشاش قىلىدۇ، تەرك قىلىشنى نەتىجە ياكى كېيىنكى ئەگەشكۈچىگە ئوخشاش قىلىدۇ، مۇشۇ ئېتىبار بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پۇشايمان قىلىش تەۋبە قىلىشتۇر دېگەن. چۈنكى پۇشايمان دېگەن ئۇنى ئېتىبارغا ئالىدىغان ۋە نەتىجە بېرىدىغان قىلمىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان ئىپادىدىن خالى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۇشايمان ئىككى تەرەپتىن ئورالغان بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ نەتىجە ۋە نەتىجىنى سادىر قىلغۇچىدىن ئىبارەتتۇر.

    يەنە 3-توم 144-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قورقۇش ئۆتكەن زاماندىكى ئىشتىن بولسا، پۇشايماننى پەيدا قىلىدۇ، پۇشايمان ئىرادىنى پەيدا قىلىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: پۇشايمان قىلىش تەۋبە قىلىشتۇر دېگەن.

    گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قايتماسلىق ئىرادىسى ئاشكارا بولىدۇ، بۇ دىلىدا پۇشايماننىڭ ھاسىل بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

    سىزنى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان ۋە ئىغۋا قىلىدىغان ۋە سىزنى سەن تەۋبە قىلمىدىڭ ياكى تەۋبە قىلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس ياكى سەن تەۋبە قىلىشقا قادىر بولالمايسەن دەيدىغان ۋەھىيمىىلەرنى تەرك قىلىڭ، بولمىسا بۇ ئىش سىزنى ئۈمىدسىزلىككە تاشلايدۇ ۋە سىزگە تەۋبىنىڭ ئېشىكى تاقىلىپ بولدى دەپ گۇمان قىلدۇرىدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەننى قوغلانقۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىشىنى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى