پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمىدىن ئېلىنغان ھۈجەيرىلەر ئىشلىتىلىنىدىغان (كوۋىد 19) كورۇنا ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

كورۇنا (كوۋىد19) ۋاكسىنىلىرىغا چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمىدىن ئېلىنغان ھۈجەيرىلەر ئىشلىتىلىنىدىكەن، بۇ تۈردىكى ۋاكسىنىلارنى ئەملەش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئەگەر ۋاكسىنىغا چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمىدىن ئېلىنغان ھۈجەيرىلەر ئىشلىتىلسە، بىز بۇ تۆرەلمىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىسەك، بۇ تەبىئى چۈشۈرۋېتىلدىمۇ ياكى شەرئى يول بىلەن ياكى شەرئى يولغا ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە قەستەن چۈشۈرۋېتىلدىمۇ؟ ئەگەر بۇنىڭ ئەسلى مەنبىيىنىڭ ئېنىق ھارام ئىكەنلىكىنى كەسكىن جەزىملەشتۈرەلمىسەك، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەش توغرا بولىدۇ، چۈنكى شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھالاللىقدۇر. بۇ مەسىلە مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەپسىلى جاۋاپقا قارالسۇن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:

ۋاكسىنىغا ھۈجەيرە غوللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى.

ئەسلى مەنبىيى ئېنىق ۋە توغرا بولغان ھۈجەيرە غوللىرىنى ۋاكسىنىغا ۋە دورىلارغا ئىشلەتسە توغرا بولىدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، شەرئى يول بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ياكى تەبىئىي چۈشۈپ كەتكەن تۆرەلمىلەرنىڭ ھۈجەيرىسىنى ئىشلىتىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    ئەسلى مەنبىيى ھارام بولغان-چەكلەنگەن بولسا بۇنىڭدىن ئېلىنغان ھۈجەيرە غوللىرىنى ئىشلىتىش ھارام بولىدۇ-چەكلىنىدۇ، بۇ خۇددى شەرئى يولغا ئۇيغۇن بولمىغان ھالەتتە قەستەن چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمىدىن ئېلىنغان، ياكى ئىئانە قىلىنغان تۇخۇمدان بىلەن ئىئانە قىلىنغان جانلىق ئىسپىرمىنىڭ ئارىسىنى قەستەن چاڭلاشتۇرۇپ ئۇنىڭدىن تۆرەلمە ئىشلەپ چىقىرىپ ھۈجەيرە ئېلىشنى مەقسەت قىلغانغا ئوخشاشتۇر. 

   2003-يىلى مەككە مۇكەررەمىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان "ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيسىدە" "ھۈجەيرە غوللىرىنى تىرىش ۋە يۆتكەش، شۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ مەنبىيىنى تەپسىلى بايان قىلىش" تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئون يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتايدا قارار قىلىنغان باياناتلارنىڭ مەزمۇنى 108125- نومۇرلۇق "غوللۇق ھۈجەيرىلەرنىڭ ھۆكمى" ناملىق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىنغان بولۇپ، قارارنىڭ تېكىستى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىشنى توغرا كۆردۇق.

   ئىككىنچى:

ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ھۆكمى.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان "ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى قارارىدا" مۇنداق دېيىلگەن: بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۆرەلمىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆرەلمە چۈشۈرۈۋېتىشكە قارشى تۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ، قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىنغان ھۈجەيرىلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ساقلاشتا ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش توغرا بولمايدۇ.  دىنى جەھەتتە ئىشەنچىلىك بولغان شىركەتلەرنىڭ بۇ ھۈجەيرىلەرنى شەرئى يول بىلەن توپلاش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ ھۈجەيرىلەرنى تېرىش ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرنى داۋالاش  ئىشلىرىغا ئىگە بولىشى زۆرۈر بولىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ، چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمىدىن ئېلىنغان ھۈجەيرە ۋاكسىنىغا ئىشلىتىلگەن بولسا، بىز بۇ تۆرەلمىنىڭ تەبىئى يول بىلەن چۈشۈرۋېتىلگەنمۇ ياكى قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز يوللار بىلەن قەستەن چۈشۈرۋېتىلگەنمۇ بۇنى بىلمىسەك،  شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ھالال بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنى بۇ ھۈجەيرىنىڭ مەنبىيىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى كەسكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ۋاكسىنىنى ئۇدۇرۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى ئېنىق بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى