پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

گۇناھ-مەسىيەتنى پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا چەكلەنگەن ئىشلانى قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان زات ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ سوئال پەزىلەتلىك شەيخ ئۇستازىمىز مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىينگە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) سۇنۇلدى، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن!. پەرزەنتلىرىگە ناچار تەربىيە بېرىشتىنمۇ چوڭ گۇناھ-مەسىيەت بولامدۇ!، بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئىش.

چەكلەنگەن ئىشلارنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا قىلماستىن، ئائىلىسىدە، ئۆي ئىچىدە قىلسىمۇ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنامدۇ؟، دەپ سورالساق، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بىرىمىز: شۇنداق، گەرچە گۇناھ-مەسىيەتنى ئۆزى يالغۇز ئىچكىرى ئۆيىدە ئىشلىسە، بىز بۇنى گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق دېمەيمىز. ئەمما چەكلەنگەن ئىشلارنى ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدا سادىر قىلسا، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن خەتەرلىك بولغىنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە، پەرزەنتلىرى ئالدىدا قىلغان بۇقىلمىشىئائىلە تەربىيىسىنى ياخشى قىلمىغانلىق دەپ قارايمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن، تاماكا چېكىدىغانلار بولسا، ئائىلە ئەزالىرى ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئۇنداق قىلمىغاندا، پەرزەنتنى ئۆز قولى بىلەن تاماكا چېكىشكە ئادەتلەندۈرۈشتەك ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ.

توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.