جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەر ئۈچۈن ئانا ئەۋزەلمۇ ياكى خوتۇن

تارقاتقان ۋاقىت : 25-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 5481

سۇئال

سوئال: بىر مۇسۇلمان ئەر ئۇچۇن ئېھسان قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشى ئانىسىمۇ ياكى ئايالى؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
پۈتۈن ھەمدۇ- سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ئۇچۇن ئېلپ ئېيتقاندا ئانىسى ئايالىغا قارىغاندا بەكرەك ئەۋزەلدۇر. ھەدىستە بايان قلىنىشچە: ساھابىلاردىن بىرى رەسۇلۇللاھتىن مېنىڭ ياخشلىق قىلىشىمغا كىم بەكرەك ھەقلىق، دەپ سورىغاندا پەيغەمبىرىمىز ئانىڭىز دېگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ دەپ سورىغاندا يەنە ئانىڭىز دېگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ دېگەندە، يەنە ئانىڭىز دېگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ دېگەندە ئاتىڭىز دەپ جاۋاپ بەرگەن بۇ ھەدىسنى بۇخارى 5514- مۇسلىم 4621- نومۇرلۇق ھەدىسلەردە بايان قىلغان. يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن ئانىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز مۇمكىن.
ئايالى بولسا بىر ئشتىلا ئانىسىدىن ئەھمىيەتلىك سانىلىپ، ئۇ بولسىمۇ ئايالىغا نەپىقە بېرىشتۇر. ئەگەر ئەر كىشى كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن ئانىسى ۋە ئايالىغا كېرەكلىك تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى يەتكۈزۇپ بېرىشتىن ئاجىز كەلگەن بولسا، بۇھالەتتە ئايالى ئانىسىدىن ئۇستۇن (يەنى ئايالىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش) ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە ئەقىل ۋە ئىمان ئىگىسى بولغان بىر ئىنسان بۇنداق قېيىن ۋەزىيەتتە ئەلۋەتتە ئوتتۇرىھال يول تۇتىدۇ. مۇسۇلمان ئەر ئۇچۇن ھەممىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك. ئەگەردە ئانىسى ئايالىغا زۇلۇم قىلغان بولسا بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى چىرايلىق ياراشتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. شۇنداقلا ئانىسى نارازى بولىدىغان ئىشلاردىن قەتئى ساقلىنىشى لازىم.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد