سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

مەسجىدىل ھەرەمگە كېرىشتە يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار

سۇئال

بەزى ئېھراملىق كىشىلەرنىڭ ھەرەمگە كېرىدىغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر بايان قىلىنمىغان مەلۇم دۇئالارنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرەمگە كىرگەندە مەلۇم بىر ئىشىكتىن كېرىشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنداق قېلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەرەمگە كېرىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى مۇنداق ئوچۇقلاشتۇرۇش مۇمكىن:

بىرىنچى: بەزى كىشىلەر، ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلار ھەرەمگە مەلۇم بىر ئىشىكتىن كېرىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بەزى ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۆمرە دەرۋازىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكتىن كېرىدۇ ۋە بۇنداق قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر: چوقۇم سالام دەرۋازىسىدىن كېرىش كېرەك، باشقا دەرۋازىدىن كىرسە گۇناھكار بولىدۇ، ياخشى ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەسلى يوق، ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلار ھەرەمگە قايسى ئىشىكتىن كىرسە بولاۋىرىدۇ. مەسچىتكە كىرگەندە ئوڭ پۇتى بىلەن كېرىپ، باشقا مەسچىتلەرگە كىرگەندە ئوقۇيدىغان دۇئانى ئوقۇيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سالام بېرىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى كەچۈرگىن، ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى713-ھەدىس].

ئىككىنچى: بەزى كىشىلەر ھەرەم مەسچىتىگە كېرىپ كەبىنى كۆرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر بايان قىلىنمىغان خاس بىر دۇئانى ئالدىراپ ئوقۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىدۇ، بۇمۇ دىندا ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى قىلمىغان، سۆز-ھەرىكەت ۋە ئېتىقاد بىلەن ئىبادەت قىلىشنىڭ ئۆزى بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئۈچىنچى: ھاجىلار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئۆز ئېتىقادىدا ھەرەم مەسچىتىگە كىرگەندە، سۈننەت بويىچە مەسچىت ھۆرمىتى ئۈچۈن تاۋاپ قىلىمىز، باشقا مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇيمىز دەپ، بەزى پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىغا تايىنىپ خاتا قاراشتا بولىدۇ، ئىش ئۇنداق ئەمەس، بۇ مەسىلىدە ھەرەم مەسچىتىمۇ باشقا مەسچىتلەرگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بېرىڭلار مەسچىتكە كەرگەندە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ئولتۇرسۇن.[بۇخارى رېۋايىتى444-ھەدىس. مۇسلىم رېۋايىتى 714-ھەدىس].

لېكىن ھەرەم مەسچىتىگە تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كىرگەندە، ھەج-ئۆمرىنىڭ تاۋاپلىرى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى نەپلە تاۋاپلار بولسۇن ئولتۇرمايلا تاۋاپنى باشلىسا، مەسچىت ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ھەرەم مەسچىتىنىڭ ھۆرمىتى تاۋاپ بىلەن بولىدۇ دېگەن سۆزىمىزنىڭ ئوچۇقلىمىسى.

مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن ھەرەم مەسچىتىگە تاۋاپ قىلىش نېيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ناماز ئوقۇش ياكى دەرس ئاڭلاش ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن كىرگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەرەم مەسچىتىمۇ باشقا مەسچىتلەرگە ئوخشاش بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بويىچە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش سۈننەت بولىدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش" ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]