جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تاۋاپ جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار

سۇئال

ۋىدا تاۋاپىدا بەزى ھاجىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇخارى ۋە مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە، ئىبنى ئابباس مۇنداق دېگەن: كىشىلەرنىڭ مەككىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئاخىرقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇپ، بۇ ئىش ھەيىزدار ئاياللاردىن يەڭگىللىتىلدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1755-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1328-ھەدىس].

ئىنساننىڭ ھەج ئەمەللىرىدىن ئەڭ ئاخىرقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولىشى كېرەك. كىشىلەر ۋىدا تاۋاپى قېلىش جەريانىدا بىر قانچە خاتالىق يۈز بېرىدۇ:

بىرىنچى: بەزىلەر تاۋاپنى ئاخىرقى ئىشى قىلمايدۇ، بەلكى مىنادىن مەككىگە كېرىپ ۋىدا تاۋاپىنى قىلىدۇ، ئاندىن مىناغا چېقىپ چالا قالغان تاشلىرىنى ئېتىپ ئاندىن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، بۇنداق قىلىش خاتا، بۇنداق ھالەتتە ۋىدا تاۋاپىنى قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا كىشىنىڭ قىلىدىغان ئاخىرقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولماستىن بەلكى شەيتانغا تاش ئېتىش بولىدۇ.

ئىككىنچى: بەزى كىشىلەر ۋىدا تاۋاپىنى قىلىپ بولۇپ مەككىدە تۇرۇپ قالىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ۋىدا تاۋاپى ئەمەلدىن قىلىپ، سەپەرگە چېقىدىغان ۋاقىتتا قايتىدىن ۋىدا تاۋاپى قىلىشى لازىم بولىدۇ. ئەگەر ۋىدا تاۋاپى قىلىپ بولۇپ مەككىدە ئۆزىنىڭ سەپەر لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن ياكى يۈك- تاقىسىنى بىسىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن تۇرۇپ قالسا بۇنىڭ ھېچ زېيىنى بولمايدۇ.

ئۈچىنچى: بەزى كىشىلەر ۋىدا تاۋاپىنى قىلىپ بولۇپ ھەرەمدىن چېقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا كەبىگە كەينىمىزنى قىلساق بولمايدۇ دەپ كەينىچە مېڭىپ چىقىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەردىن ھېچ بىرى قىلمىغان بىدئەت ئىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇللانى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلايتتى، بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ بەيتىنى ئۇلۇغلاش بولىدىغان بولسا ئەلۋەتتە بۇنى ئاۋۋالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان بولاتتى، بۇنداق ۋاقىتتا سۈننەت بويىچە ئىنسان ۋىدا تاۋاپىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن كەبىگە كەينى بولۇپ قالسىمۇ تۈز مېڭىپ چېقىپ كېتىدۇ.

تۆتىنچى: بەزى كىشىلەر ۋىدا تاۋاپىنى قىلىپ بولۇپ ھەرەمنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىغا كەلگەندە كەينىگە ئۆرۈلۈپ، كەبىگە يۈزلىنىپ، خۇددى كەبە بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك دۇئا، سالام ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئەگەر ياخشى ئىش بولغان بولسا ئەلۋەتتە بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان بولاتتى.

مەنبە: ["ھەج-ئۆمرى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ قويۇش" دېگەن كىتاپچىدىن ئېلىندى