جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى قايسى ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك

سۇئال

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چېچىنى ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

 شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن باشلاپ قۇربانلىقنى قىلىپ بولغىچە چېچىدىن، تىرناقلىرىدىن ۋە بەدەن مۇيلىرىدىن بىر نەرسە ئېلىشى چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: زۇلھەججە ئېيىنى كۆرسەڭلار يەنە بىر رىۋايەتتە: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋالقى ئون كۈنى كىرگەندە، سىلەردىن قۇربانلىق قىلماقچى بولغانلار، چاچ، تىرناقلىرىدىن بىر نەرسىنى ئالمىسۇن. [ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    يەنە بىر رىۋايەتتە: قۇربانلىقنى قىلىپ بولمىغىچە چېچىدىن ۋە تىرنىقىدىن بىر نەرسىنى ئالمىسۇن دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: چېچىدىن ۋە بەدەن مۇيلىرىدىن بىر نەرسىنى ئالمىسۇن دېيىلگەن.

    ئەگەر زۇلھەججىنىڭ ئاۋالقى ئون كۈنى ئىچىدە قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلسا، شۇ مەقسەت قىلغان ۋاقىت باشلاپ قۇربانلىقنى قىلىپ بولغىچە ئالمايدۇ، مەقسەت قىلىشتىن بۇرۇن ئالغانغا گۇناھ بولمايدۇ.

    بۇنىڭدىن چەكلىنىشتىكى ھېكمەت: قۇربانلىق قىلغۇچى ھەجنىڭ بەزى ئەمەللىرىدە ھاجىلار بىلەن ئورتاق بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ مال بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش، چاچ ۋە تىرناق ئالماسلىق بىلەن ئېھرامدىكى بەزى ئىشلاردا ئورتاقلىشىشتىن ئىبارەت.

     بۇ ھۆكۈم قۇربانلىق قىلغۇچىغىلا خاس بولىدۇ، ئەمما ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلىپ قويغۇچىغا ئالاقىسى بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :سىلەردىن بىرىڭلار قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلسا دېگەن، ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلىپ قويغۇچى دېمىگەن، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلاتتى، ئەمما ئۇلارنى بۇ ئىشلاردىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەر نەقىل قىلىنمىغان.

    شۇنىڭغا ئاساسەن، قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى زۇلھەججە كىرگەندىن كېيىنمۇ چېچىنى تىرناقلىرىنى ۋە بەدەن مۇيلىرىنى ئالسا دۇرۇس بولىدۇ.

     قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچى چېچىدىن، تىرناقلىرىدىن ۋە بەدەن مويلىرىدىن بىر نەرسىنى ئالغان بولسا، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ بۇ قىلمىشىنى قايتا تەكرارلىماسلىقى كېرەك، بۇ كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ، ھەم بەزى نادان كىشىلەر ئويلىغاندەك بۇ ئىش قۇربانلىق قىلىشنى چەكلەپ قويمايدۇ، ئەگەر ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن ئالغان بولسا ياكى چاچلىرى ئۆزلىگىدىن چۈشۈپ كەتسە، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر تىرنىقى سۇنۇپ كېتىپ ياكى چاچلىرى كۆزىگە چۈشۈپ قىلىپ ياكى بېشىدىكى بىرەر جاراھەتنى داۋالاش ئۈچۈن ئالسا دۇرۇس بولىدۇ".

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 316-بەت].