چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى بىر كىشىگىلا بېرىلەمدۇ ياكى بىر قانچە كىشىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلەمدۇ؟

سۇئال

پىتىر سەدىقىسىنى بىر قانچە كىشىگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرا بولمىسا، ئۇنىڭ ھەممىسىنى بىر كىشىگىلا بەرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىر كىشىلىك پىتىر سەدىقىسىنى بىر كىشىگە بەرسە توغرا بولىدۇ، بىرقانچە كىشىگە تەقسىم قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى(1204).