پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پەرىشتىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

تارقاتقان ۋاقىت : 12-02-2016

كۆرگۈچىلەر : 4054

سۇئال

ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئازار يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى جىنلار مۇھاپىزەت قىلاتتى دەيدىغان مەزمۇندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟ ئەگەر بۇ سۆز توغرا بولسا، ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى توغرىسىدا سۆزلەنگەن باشقا ھەدىسلەر بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى  سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئەبۇلەھەبنىڭ ئايالىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن جىنلاردىن ھىمايە قىلاتتى دېگەن سۆزنى دېگەن ئادەم چوقۇم بۇنىڭغا دەلىل بايان قىلىش كېرەك. بەلكىم ئۇ كىشى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن پەرىشتىلەرنىڭ ھىمايە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىلنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.

2- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاللَّـهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ تەرجىمىسى: ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. [سۈرە مائىدە 67-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى رەسۇلۇللاھنى ساقلىغانلىقى ۋە ھىمايە قىلغانلىقىدىندۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالىنىڭ كۆزىدىن مەخپى قىلدى. ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئالدىدا تۇرسىمۇ كۆرەلمىدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّتەرجىمىسى:ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى دېگەن ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا، ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئولتۇرغان جايغا قاراپ كەلدى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىرئاز يوشۇرۇنغان بولسىلا، ئۇ خوتۇن سىلىگە ئازار يەتكۈزۈپ قويمىسۇن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىنى توسىۋىتىدۇ دېدى، ئۇ ئايال ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يىنىغا كىلىپ: ھەمراھىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىپتىغۇ؟ دېدى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ياق ئۇنداق ئەمەس، مۇشۇ كەئبىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ شېىر ياكى قالايمىقان سۆزلەرنى قىلمايدۇ دېدى، ئۇ خوتۇن: سەن ھەقىقەتەن راس گەپ قىلدىڭ دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئۇ ئايال سىلىنى كۆرمىدىغۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايال كەتكەنگە قەدەر بىر پەرىشتە مېنى توساپ تۇردى، دېدى.» [بۇ ھەدىسنى بەززار ئۆزىنىڭ مۇسنەد ناملىق ئەسىرى 1-توم 68-بەتتە كەلتۈرگەن ۋە بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ياخشى دېگەن. ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھمۇ "پەتھۇل بارىي" ناملىق ئەسەرنىڭ 8-تومى 958-بېتىدە ئىسنادىنى ياخشى دېگەن].

ب- ئاللاھ تائالانىڭ ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالىنى رەسۋا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەردىن: جۈندۇب ئىبنى سۇپيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي، ئىككى ياكى ئۈچ كېچە تەھەججۇت نامىزىغا تۇرالمىدى، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: ئى مۇھەممەد! مېنىڭچە سېنى شەيتىنىڭ تاشلىۋىتىپتۇ، ئىككى ياكى ئۈچ كۈندىن بىرى ئۇنىڭ ساڭا يېقىنلاشقىنىنى كۆرمىدىمغۇ؟ دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىدۇ: ﴿وَالضُّحَىٰ . وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ . مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰتەرجىمىسى:چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى، قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق.. [سۈرە زۇھا 1-3 ئايەت. ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى 4667-ھەدىس. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى1797-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ لەھەبنىڭ ئايالى ئۇممۇ جەمىل بىنتى ھەرب بولۇپ، بۇ ۋەقەلىكنى كېچىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ بابىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق." [پەتھۇل بارى ناملىق ئەسەر 8-توم 921-بەت].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقى بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەردىن يەنە بىرى، ئەبۇ جەھىل بىلەن بولغان ۋەقەلىك بولۇپ، بۇ ۋەقەلىكنى ئىمام مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل كەئىبنىىڭ ئەتراپىدىكى مۇشرىكلارغا: مۇھەممەد كەئبىنىىڭ يىنىدا ناماز ئوقۇغاندا، مەن ئۇنىڭ يۈزىنى توپىغا بۇلايمەن دېدى، باشقىلار ئۇنىڭغا: سەن شۇنداق قىلالايسەن دېدى. ئۇ: لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقىنىنى كۆرسەم، ئۇنىڭ بوينىغا دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن دېدى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىلىپ كەئبىنىىڭ يىنىدا ناماز ئوقۇشقا باشلىدى، ئەبۇ لەھەب پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بوينىغا دەسسەيمەن دەپ كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يىقىن كەلمەي تۇرۇپلا چۆچۈپ كەينىگە يىنىپ، ئىككى قولى بىلەن ئۆزىنى قوغدىدى، ئەتراپتىكىلەر: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىغاندا، ئەبۇ لەھەب: مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا لاۋۇلداپ ئوت يىنىۋاتقان خەندەك ۋە قاناتلىق كىشىلەر بار ئىكەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئەبۇ جەھىل ماڭا يىقىنلاشقان بولسا ئېدى، پەرىشتىلەر ئۇنى پارچە-پارچە قىلىپ ئوتقا تاشلىۋىتەتتى، دېدى. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ﴿كَلَّا إِنَّ الْإِنسَانَ لَيَطْغَىٰ. أَن رَّآهُ اسْتَغْنَىٰ . إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الرُّجْعَىٰ . أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَىٰ . عَبْدًا إِذَا صَلَّىٰ . أَرَأَيْتَ إِن كَانَ عَلَى الْهُدَىٰ .أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَىٰ . أَرَأَيْتَ إِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰتەرجىمىسى: شەك - شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھ قا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستلا ھەددىدىن ئاشىدۇ (ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن) ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا، ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟ ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)،) ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟. [سۈرە ئەلەق 6-13-ئايەتكىچە. سەھىھ مۇسلىم2797-ھەدىس]. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد