مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بىرىنچى :
سانىغا كەلسەك ، بىرلا جەننەت ۋە بىرلا دوزاخ بار . لىكىن ھەر بىرىدە مەرتىۋە ۋە
دەرىجىلەر بار . جەننەت ھەدىيسلەردە بەزىدە كۆپلۈك ساندا ئىلىنىدۇ . بىراق بۇ بىر
نەچچە تۈرلۈك جەننەتنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ . پەقەت ئۇنىڭ كاتتىلىقى ، ئۇنىڭدىكى
دەرىجە ، مەرتىۋىلەرنىڭ ھەرخىللىقى ياكى ئۇنىڭغا كىرگەن ھەربىر كىشىنىڭ ئەجرىنىڭ
كاتتىلىقىغا ئىشارەت . خۇددى ئەنەس بىن مالىكنىڭ ھەدىيسىدە كەلگەندەك ، ئۇممۇ
رەبىيئى بىنت بەرا –ھارىسە بىن سۇراقەنىڭ ئانىسى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)قېشىغا كەلدى . ۋە : " ئى ئاللاھنىڭ
پەيغەمبىرى ، ھارىسە ھەققىدە ئېيتىپ بەرمەمسىز ؟ ئۇ بەدرى جىڭىدە بىر ئازغان ئوق
تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى . ئەگەردە ئۇ جەننەتتە بولسا سەۋىر قىلىمەن ، بىراق ئۇ
ئەكسىنچە بولسا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يىغلايمەن . " دىدى . ئۇ : ئى ھارىسە نىڭ
ئاپىسى ، جەننەتتە جەننەتلەر( باغچىلار )بار . يەنە بىر نەقىلدە : ئۇ بولسا كۆپ
جەننەت(باغچا) – ھەمدە سىنىڭ ئوغلۇڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولغان فىردەۋىسكە ئىرىشتى .
دىدى .[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 2809 ]
ئىككىنچى :
دوزاخنىڭ قاتلاملىرى ئۇنىڭ دۇنيادىكى كىشىرىنىڭ كاپىرلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ
ھەرخىل بولىدۇ . مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قاتلىمىدا بولىدۇ . خۇددى ئاللاھ
ئېيىتقاندەك : مذناصعقلار حوقذم دوزاخنعث ظةث ظاستعنقع قةؤعتعضة(يةنع
قةظرعضة)تاشلعنعدذ،ظذلارغا هةرضعزمذ (ظازابتعن قذتقذزعدعغان) مةدةتكار تاصالمايسةن
.
[ نىسا ( ئاياللار ) : 145 ]
ئۇنىڭ قاتلاملىرىنىڭ ئەڭ يەڭگىلى – ئاللاھ ئۇنىڭدىن ساقلىسۇن –بولسا پەيغەمبىرىمىز
ئۇنى كۆرسەتكەن . نۇئىمان بىن بەشىير دىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : دوزاخ كىشىلىرىنىڭ ئەڭ
يەڭگىل ئازاپلىنىدىغىنى – بىر ئادەم بولۇپ ، ئۇنىڭ ئوتتىن بىر جۈپ ئايىقى ، ۋە بىر
جۈپ بوغقۇچى بولىدۇ . يەنە بىر نەقىلدە : ئىككى چوغ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئويمىنىغا
قويۇلىدۇ-دە ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مىڭىسى خۇددى چۆگۈن قاينىغاندەك قاينايدۇ . ئۇ
ھىچكىم ئۆزىدىن قاتتىقراق ئازابلانغان دەپ ئويلىمايدۇ . ھالبۇكى ، ئۇ ئەڭ يەڭگىل
ئازاپلىنىدىغانلارنىڭ بىرى . [ بۇخارىي ( 6562) ، مۇسلىم ( 212) نەقىل قىلغان . ]
بىر نەقىلدە ھىلىقى ئادەم ئىنىق ئاتالغان بولۇپ ، ئۇ بولسا پەيغەمبەرنىڭ (
ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دادا تەرەپ تاغىسى ئەبۇ تالىب
بولۇپ ، ئۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇنى قوغداشتا رولى بولغانلىقتىن ،
ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئازاپنى كىمەيتىۋەتكەن .
ئۈچۈنچى :
بىز جەننەتنىڭ سانىغا چەك بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلمەيمىز . ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇنىڭ
ھەدىيسىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇنىڭ سانى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سانىغا تەڭ كىلىدۇ ،
دىيلىدۇ . ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )
مۇنداق دىگەن : قۇرئاننىڭ ھەمرىيىغا ( ئۇنى دائىم تىلاۋەت قىلغۇچى) دىيلىدۇكى :
ئوقۇغىن ، خۇددى بۇدۇنيادا تىلاۋەت قىلغىنىڭدەك تىلاۋەت قىلغىن ھەمدە ئۆرلىگىن .
سىنىڭ ئورنۇڭ سەن ئوقۇيدىغان ئاخىرقى ئايەتتە بولىدۇ . [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد( 1464)
، تىرمىزىي( 2914) نەقىل قىلغان . ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا ئۇنى سەھىيھ دەپ
تۈرگە ئايرىغان . ]
مۇنزىرىي تەرغىيبتا مۇنداق دىگەن : خەتتابىي مۇنداق دىدى : " نەقىلدە كەلدىكى ،
قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ سانى بولسا ئاخرەتتە جەننەتتىكى دەرىجە ۋە مەرتىۋىلەرنىڭ
سانى . ھەمدە قۇرئان ئوقۇغۇچىغا : سەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇغان مىقداردا
دەرىجىگە ئۆرلىگىن ، دىيلىدۇ . كىمكى قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى تىلاۋەت قىلسا ، ئۇ
ئاخىرەتتە جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە يىتىدۇ . ھەمدە كىمكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى
تىلاۋەت قىلسا ، ئۇ شۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئوخشاش دەرىجىگە ئۆرلەيدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ
ئەجرىنىڭ ئاخىرقى چېكى قىرائىتىنىڭ ئاخىرقى چېكىدە بولىدۇ . " [ تەرغىيب ۋە تەرھىيب
، 2 228 ]
لىكىن ئۇنىڭ بۇ سۆزىدە باشقىچە قاراشلار بار ؛ چۈنكى ھەدىيس قۇرئاننى يادقا
ئالغۇچىلارنىڭ دەرىجىسى ھەققىدە ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئورنى ھەققىدە بولۇپ ، دەرىجە
ئۇلارنىڭ بۇدۇنيادىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، كىشىلەر
بىر-بىرى بىلەن يۇقۇرى-تۆۋەن بولىدىغان باشقا ئىش-ئەمەللەر بار . مەسىلەن ، ساپ
ئىيمان، جىھاد ۋە باشقىلار . شۇڭا بىز پۈتكۈل قۇرئاننى يادلىغۇچى مۇتلەق ھالدا
جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە بولىدۇ دەپ ئېيتالمايمىز .
جەننەت دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولسا فىردەۋىس . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل
قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )
مۇنداق دىگەن : سىلەر ئاللاھتىن سورىغان چېغىڭلاردا ، ئۇنىڭدىن فىردەۋىسنى
سوراڭلار . چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەمدە جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرسى بولۇپ ،
ئۇنىڭ ئۈستىدە مىھرىبان ئاللاھنىڭ تەختى( ئەرشى) بار ، ئۇنىڭدىن جەننەتنىڭ
دەريالىرى ئىتىلىپ چىقىدۇ . [ ئۇنى بۇخارىي( 2637) ، مۇسلىم( 2831) نەقىل قىلغان
. جەننەتنىڭ ئوتتۇرسى نىڭ مەنىسى : ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى . ئۇ ئاللاھنىڭ مۇنۇ
سۆزىگە ئوخشايدۇ : ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنى ئوتتۇردىكى( ئەڭ ياخشى) ئۈممەت قىلدۇق .
[ بەقەرە( ئىنەك) : 143]
سۈننەت بىر قىسىم ئىش-ئەمەللەرنى ۋە ئۇنى قىلغۇچىلارنىڭ دەرىجىلىرىنى بايان قىلغان
، ئۇلاردىن :
1- ئاللاھ ھەققىدە ئىشىنىش ۋە ئەلچىلەرگە ئىشىنىش
ئەبۇ سەئىيد خۇدرىيدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : «جەننەت كىشىلىرى ئۈستىلىرىدىكى
ياتاق-ئۆيلەردىكى كىشىلەرنى خۇددى شەرق ياكى غەرىپ ئۇپۇقىدىكى چاقناپ تۇرغان
يۇلتۇزلارنى كۆرۈشكىنىدەك كۆرۈشىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىد ايۇقۇرى-تۆۋەنلىك بار
. ئۇلار : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورۇنلىرى ئۇلاردىن باشقىلار
يىتەلمەيدىغان ئورۇن ، شۇنداقمۇ ؟ " دىدى . ئۇ : ياق ، جىنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان
زات بىلەن قەسەم ، ئۇلار بولسا ئاللاھ ھەققىدە ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە
ئىشەنگەنلەر . [ ئۇنى بۇخارىي( 3083) ، مۇسلىم( 2831) نەقىل قىلغان . ]
2- ئاللاھ ئۈچۈن جىھاد قىلىش
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : جەننەتتە يۈز دەرىجە بار . ئاللاھ
ئۇلارنى ئاللاھ ئۈچۈن جىھاد قىلغان كىشىلەرگە تەييارلىغان . ھەر ئىككى دەرىجىنىڭ
ئارىسىدىكى ئارلىق ئاسمانلار بىلەن زىمىننىڭ ئارىسىدىكى ئارلىققا تەڭ كىلىدۇ .
[ ئۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 2637 ]
3- شەھىيدلىكنى راستچىللىق بىلەن ئارزۇ قىلغۇچى ئۇنىڭغا يىتىدۇ
سەھل بىن ھەنىيفتىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : كىمكى ئاللاھتىن راستچىللىق بىلەن شەھىيدلىكنى
تىلىسە ، گەرچە ئۇ كارۋىتىدا ئۆلسىمۇ ئۇنى شەھىيدلەرنىڭ ئورنىغا يەتكۈزىدۇ .
[ ئۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 1909 ]
4- ئاللاھ ئۈچۈن خىراجەت قىلىش
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : نامراتلار پەيغەمبەرنىڭ (
ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قېشىغا كىلىپ مۇنداق دىدى : " باي
كىشىلەر ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلىۋالدى . ئۇلار بىز ناماز ئوقۇغاندەك
ناماز ئوقۇيدۇ ، بىز روزا تۇتقاندەك روزا تۇتىدۇ . لىكىن ئۇلارنىڭ ھەج قىلىدىغانغا
، جىھاد قىلىدىغانغا ۋە سەدىقە بىرىشكە ئارتۇق مال-مۈلكى بار . ..."
[ ئۇنى بۇخارىي ( 807) ، مۇسلىم ( 595) نەقىل قىلغان .]
5 – قېيىن پەيىتتە بولسىمۇ تاھارەتنى مۇۋاپىق ئىلىش ، مەسچىدكە كۆپ قەدەم ئىلىش
ھەمدە نامازدىن كىيىن نامازغا ساقلاش .
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : سىلەرگە ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق گۇناھلارنى
ئۆچۈرىدىغان ، ئورنۇڭلارنى كۆتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ ؟ ئۇلار : "
ھەئە ، ئى ئاللاھ ئەلچىسى . " دىدى . ئۇ : گەرچە قېيىن پەيىتتە بولسىمۇ تاھارەتنى
مۇۋاپىق ئىلىش ، مەسچىدكە كۆپ قەدەم ئىلىش ھەمدە نامازدىن كىيىن نامازغا ساقلاش .
ئۇ بولسا چىگرانى قوغداش ( يەنى ، شۇنىڭغا تەڭ ) . دىدى .
[ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 251 ]
6 – قۇرئان يادلاش
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : قۇرئاننى ھەمراھ قىلغۇچىغا( دائىم
ئوقۇپ تۇرغۇچى) : سەن خۇددى بۇدۇنيادا تىلاۋەت قىلغىنىڭدەك ، تىلاۋەت قىلغىن ۋە
ئۆرلىگىن . سىنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتە بولىدۇ ،دىيلىدۇ
. [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد( 1646) ، تىرمىزىي( 2914) نەقىل قىلغان ، ئەلبانىي سەھىيھ
ئەبۇ داۋۇدتا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان .]
ھېرىسمەن ئادەم ئۆزىنىڭ نەزىرىنى جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنغا قارىتىشى ھەمدە
ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىشكە ۋە ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئەڭ يۇقۇرى ئورۇن فىردەۋىسكە
كىرىشكە كۈرەش قىلىشى كىرەك .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .