پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تۇغۇت چەكلەش ۋە كىچىكتۇرۇپ بالا ئىلىش توغرىسىدا

تارقاتقان ۋاقىت : 28-12-2019

كۆرگۈچىلەر : 5312

سۇئال

ئولتۇراق ئاھالىسى كۆپ بولغان دۆلەت-رايونلاردا تۇغۇت چەكلەش تۇزۇمىنى يولغا قويۇش زۆرۈرمۇ؟ ئۇنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىز تۆۋەندە ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇغۇت چەكلەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىنى بايان قىلىمىز: مىلادىي 1988- يىلى 12- ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە (ھىجرىيە1409-يىلى جۇمادىيەلئاخىرنىڭ 1- كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە)، كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، مۇتەخەسسىس تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ تۇغۇت چەكلەش ۋەكىچىكتۇرۇپ بالا ئىلىش توغرىسىداتەييارلىغانئىلمىماقالىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بۇ ھەقتە ئىلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسلام شەرىئىتىدە نىكاھلىنىشتىكى ئاساسى مەقسەت: "ئەۋلاد قالدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تۈرىنىساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت" دەپ قارالغان ئومۇمى قائىدىگە ئاساسەن، بۇ شەرئى مەقسەتنىڭتەقەززاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇنى بىكار قىلىۋېتىش، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ نەسىلنى كۆپەيتىش، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان پرىنسىپ ۋە كۆرسەتمىلىرىگە قارشى كېلىدۇ. نەسىلنى مۇھاپىزەت قىلىش: ئىسلام شەرىئىتىدە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان بەش تۈرلۈك نەرسىنىڭ بىرىدۇر.

ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارى تۆۋەندىكىدىلەردىن ئىبارەت:

1- ئەر-ئاياللارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئەركىنلىكىگە چەك قويىدىغان ئومۇمى قانۇن ماقۇللاش توغرا بولمايدۇ.

2- ئەر-ئاياللاردىكى ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۇرۇقچىلىرىنى تۈپتىن يوق قىلىۋېتىش، يەنى شەرئى ھۆكۈمدە ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان سەۋەب ۋە ئۆزرە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەر-ئاياللارنى تۇغماس ھالىتىگە كەلتۈرۈش چەكلىنىدۇ.

3- شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان ھاجەت، سەۋەب ۋە ئۆزرە تېپىلغاندا، ئەر-خوتۇن ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئىككىلى تەرەپنىڭ رازىلىقى ئاستىدا، ھامىلدار بولۇش مۇددىتىنىڭ ئارىسىنى ئۇزاقلاشتۇرۇش ياكى مەلۇم ۋاقىت ھامىلە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاسىتىلارنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان، شەرىئەت توغرا دەپ قارىغان ۋە ئەر-خوتۇننى تۇغماسلىققا ئىلىپ بارمايدىغان تەدبىرلەردىن بولۇشى شەرتى ئاستىدا، قوللانسا بولىدۇ.

توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تۇغۇت چەكلەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار: 39(15) .

كۆپرەك بىلمەكچى بولسىڭىز ، 7205-سۇئالغا قاراڭ .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى