دۇشەنبە 24 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 25 نويابىر 2024
Uygur

جۇنۇپ كىشىنىڭ زىكرىلەرنى ئېيتىشى

سۇئال

بىر كىشى جۇنۇپ ھالەتتە ئاللاھقا دۇئا قىلىشى ۋە ئۇنى زىكرى قىلشى ، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىنىدىغان زىكرىلەر ھەققىدە بىلمەكچىدىم .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
كىشى جۇنۇپ ھالەتتە ئاللاھقا دۇئا قىلسا ۋە ئۇنى زىكرى قىلسا بولىدۇ ، مەيلى ئۇ ئۇخلاش زىكرىلىرى ۋە باشقىسى بولسۇن . چۈنكى ھەدىيستە كەلدىكى ، ئائېشە ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئاللاھنىڭ ھەممە ھالىتىدە ياد ئىتەتتى( زىكرى قىلاتتى ) . " [ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ، ھەيىز 558 ] . بىر قىسىم ھەدىيس شەرھىيچىلىرى مۇنداق دىگەن : " بۇ ھەدىيس بىر ئاساسى پىرىنسىپنى ، يەنى ئاللاھنى ھەر قانداق ئەھۋالدا مەيلى كىشى تاھارەتسىز ياكى جۇنۇپ بولسۇن زىكرى قىلىشنى مۇقەررەرلەشتۇرىدۇ . تەسبىيھ( سۇبھانەللاھ( ئاللاھ پاك ) دىيىش )، تەھلىيل( لا ئىلاھە ئىللەللاھ ( بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ) دىيىش )، تەكبىير( ئاللاھۇ ئەكبەر( ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ ) دىيىش ) ، تەھمىيد( ئەلھەمدۇ لىللاھ( مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن) دىيىش ) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زىكرىلەر بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق قارىشى( ئىجمائى) بىلەن دۇرۇس . زىكرىدىن چەكلەنگىنى بولسا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش مەيلى بىر ئايەت ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ بولسۇن ، مەيلى ئۇنى مۇسھەپتىن ياكى يادقا ئوقۇسۇن ئوخشاش . چۈنكى ئۇ ھەقتە چەكلىمە كەلگەن . لىكىن جۇنۇپ كىشى ئۇخلىماقچى بولسا فەرجىنى يۇيۇۋىتىشى ۋە تاھارەت ئىلىشى ياخشى . چۈنكى ھەدىيستە ئۇمەر( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دىگەن : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلامدۇ ؟ " ئۇ : شۇنداق ، تاھارەت ئالسا . دىگەن . [ ئۇنى بۇخارىي نەقىل قىلغان ، غۇسلى 280 ]

[ انظر الشرح الممتع لابن عثيمين 1/288 , توضيح الأحكام للبسام 1/250 , فتاوى إسلامية 1/232. ]

پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد