شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىقامەتنىڭ شەكلى

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 10555

سۇئال

مەن باڭلادىشلىق . بىز بۇ يەردە ئىقامەت ئىبارىلىرىنى ئەزاندا قىلغانداق ئككى قىتىم ، ئىككى قىتىم تەكرارلايمىز . لىكىن كۆپلىگەن ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئىقامەت ئىبارىلىرىنىڭ تەكرارلانماستىن بىر قىتىملا دىيىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم . بۇ شەكىلدە ئىقامەت قىلىش ھەققىدە كەلگەن سەھىيھ دەلىل نىمە ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
پەيغەمبەردىن ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىر نەچچە شەكىلدىكى ئىقامەت كەلگەن .
بىرىنچى شەكىل ( 11 ئىبارە) :

ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر
ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ
ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ
ھەييە ئەلەسسەلاھ
ھەييە ئەلەل فەلاھ
قەد قامەتىس سەلاھ قەد قامەتىس سەلاھ
ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر
لا ئىلاھە ئىللەللاھ
بۇ شەكىلنىڭ دەلىلى : ئەھمەد( 15881) ، ئەبۇ داۋۇد( 499) ئابدۇللاھ بىن زەيدتىن نەقىل قىلدىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قوڭغۇراقنى كىشىلەرنىڭ نامازغا يېغىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇشقا بۇيرىغاندا ، مەن ئۇخلاۋاتقىنىمدا بىر كىشى قولىدا قوڭغۇراقنى تۇتقىنىچە مىنىڭ ئەتراپىمدا ئايلاندى-دە ، مەن : " ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى ، قوڭغۇراقنى ساتامسەن ؟ " دىدىم. ئۇ : " ئۇنىڭ بىلەن نىمە قىلىسەن ؟ " دىدى . مەن : " ئۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىرىمىز ." دىدىم .ئۇ : " ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نىمىنى كۆرسىتىپ قويمايمۇ ؟ " دىدى . مەن : " ھەئە . " دىدىم . ئۇ دىدى : " ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ھەييە ئەلەل فەلاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەيسەن ." ئۇ مۇنداق دىگەن : " ئاندىن ئۇ مىنىڭدىن ئانچە يىراققا كەتمىدى . ھەمدە ئۇ : " نامازغا ئىقامەت قىلساڭ : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ، قەد قامەتىس سەلاھ قەد قامەتىس سەلاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەيسەن ." دىدى . شۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقاندا ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىغا كىلىپ ، ئۇنىڭغا چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنى خەۋەر قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : ئاللاھ خالىسا ، ئۇ راست چۈش . بىلال بىلەن تۇر ھەمدە ئۇنىڭغا كۆرگەنلىرىڭنى ئۆگەت ، ئۇ ئاشۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىرسۇن ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى سىنىڭكىگە قارىغاندا بەكرەك مۇڭلۇق . دىدى . شۇنىڭ بىلەن بىلال بىلەن بىللە تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئۆگىتىشكە باشلىدىم ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىردى . ئۇمەر بىن خەتتاب ئۆيىدە تۇرۇپ ئۇنى ئاڭلاپ ، تونىنى سۆرىگىنىچە چىقتى ھەمدە : " سىنى ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەن كىم بىلەن قەسەم ، ئى ئاللاھ ئەلچىسى ! مەنمۇ ئۇنىڭ كۆرگىنىگە ئوخشاشنى كۆردۈم . " دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن ! دىدى .
[ ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىدى ، 469 ]
كۆپچقلقل ئالىملار بۇ شەكىلنى تاللىدى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىمام مالىك ، شافىئېي ، ۋە ئەھمەدلەر بار ، ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن . لىكىن مالىك(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) : قەد قامەتىس سەلاھ بىر قىتىم دىيلىدۇ دىگەن .
ئىككىنچى شەكىل( 17 ئىبارە ) :

ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر

ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ
ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ
ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ
ھەييە ئەلەل فەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ
قەد قامەتىس سەلاھ قەد قامەتىس سەلاھ
ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر
لا ئىلاھە ئىللەللاھ
بۇ شەكىلنىڭ دەلىلى : ئەبۇ داۋۇد( 502) ، تىرمىزىي( 192) ، نەسائىي( 632) ۋە ئىبنۇ ماجەھ( 709) ئەبۇ مەھزۇرەدىن نەقىل قىلدىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ماڭا ئەزانغا 19 ئىبارە ، ئىقامەتكە 17 كەلىمە ئۆگەتتى ، ئەزان بولسا : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ،ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ
، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ. ئاندىن ئۇ مۇنداق دىدى : « قايتىپ ، ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ ئاندىن مۇنداق دىگىن : ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ، ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ
ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ . » ئىقامەت بولسا 17 ئىبارە : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ،ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ
، قەد قامەتىس سەلاھ ، قەد قامەتىس سەلاھ ،ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ . "
[ ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىدى ، 474 ]
بۇ شەكىلنى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن ) تاللىدى .
بۇ ئىككى شەكىل پەيغەمبەردىن ئىسپاتلانغان بولۇپ ، كىمكى ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسى بىرىنى قىلسا سۈننەتنى تاپقان بولىدۇ .
پېشىۋا ئىبنۇ بازدىن ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن ) : ئىقامەت ئەزان سۆزلىرىنىڭ سانى بىلەن بولسا بولامدۇ ؟ دەپ سورالدى .
ئۇ مۇنداق دىدى :
" ئۇ بولىدۇ ، بەلكى ئۇ ئەزان ھەققىدىكى سۈننەت تۈرلىرىنىڭ بىرى . چۈنكى ئۇ ئەبۇ مەھزۇرەنىڭ ھەدىيسىدىن ئىبارەت سەھىيھ ھەدىيستە ئىسپاتلانغان بولۇپ ، پەيغەمبەر فەتھى كۈنى مەسجىدى ھەرامدا ئۇنىڭغا ئەزان ۋە ئىقامەتنى ئۆگەتكەن .
ھەمدە ئىقامەتتە قەد قامەتىسسەلاھ ۋە تەكبىردىن باشقىسىنى تاق قىلىشقا بولىدۇ ، خۇددى بىلالنىڭ ئۇنى پەيغەمبەرنىڭ باريېرىدە ، ئۇنىڭ تەلىمى بىلەن ئۇنىڭ مەسچىتىدە قىلغىنىدەك . ئىككى سەھىيھتە نەقىل قىلىندىكى ، ئەنەس مۇنداق دىگەن : " بىلال پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئالدىدا ئەزاننى جۈپ قىلاتتى ، ئىقامەتنى تاق قىلاتتى . "'
مجموع فتاوى ومقالات متنوعة (10/366) .
ئىقامەتنى تاق قىلىش دىگەنلىك : ئىقامەت سۆزلىرىنى بىر قىتىمدىن تاق دىيىشنى كۆرسىتىدۇ .
بىراق ھەر خىل شەكىللەردە كەلگەن ئىبادەتلەردە مۇسۇلماننىڭ مۇئەييەن بىر شەكىلنى تۇتىۋالماي ،ۋە باشقا شەكىللەرنى تاشلىۋەتمەسلىكى ئەۋزەل . بەلكى سۈننەت بولسا پەيغەمبەردىن ئىسپاتلانغان نىمىنىڭ ھەممىسىنى قىلىش ، يەنى بۇ قىتىم بىلالنىڭ ئىقامىتى بىلەن ئىقامەت قىلىش ، يەنە بىر قىتىم ئەبۇ مەھزۇرەنىڭ ئىقامىتى بىلەن ئىقامەت قىلىش .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن )مۇنداق دىگەن :
" ئىش شۇنداق بولغانىكەن ، توغرا قاراش بولسا ھەدىيسشۇناسلار ۋە ئۇلارغا قېتىلغانلارنىڭ قارىشى بولۇپ ، يەنى پەيغەمبەردىن( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) نەقىل قىلىنغان ھەرقانداق نەرسىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە بۇ نەقىللەرنىڭ ھىچقايسىسىغا قارشى تۇرماسلىق . چۈنكى ئەزان ۋە ئىقامەتنىڭ ھەرخىل بولۇشى قىرائەتلەر ، تەشەددۇدلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ھەرخىل بولۇشىغا ئوخشايدۇ . ھىچكىمنىڭ ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۈممىتىگە بەلگىلىگەن ھەر قانداق نەرسىنى ياقتۇرماسلىققا ھوقۇقى يوق .. .
بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەردە سۈننەتكە ئەگىشىشتىكى مۇكەممەللىك بولسا : بەزىدە ئۇنى ، بەزىدە بۇنى قىلىش ، بۇ جايدا ئۇنى ، ئۇ جايدا بۇنى قىلىش . چۈنكى سۈننەتتە كەلگەن نىمىنى تاشلاپ ، باشقا نىمىلەرنى چىڭ تۇتۇش سۈننەتنىڭ بىدئەت دەپ قارىلىشىغا ھەمدە مۇستەھەب نىمىنىڭ ۋاجىپ دەپ قارىلىشىغا ئىلىپ بارىدۇ ، ھەمدە ناۋادا باشقىلار ئۇنى باشقىچە ئۇسۇلدا قىلسا ، بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپقا ئىلىپ بارىدۇ .
" الفتاوى الكبرى " ( 2 / 43 ، 44 ) .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى