پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كۈندۈز بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولىدىغان دۆلەتلەردە روزىنى قانداق تۇتۇش توغرىسىدا

سۇئال

ىسكىندىناپىيە تەرەپلىرىدىكى بەزى دۆلەتلەردە كۈندۈز كۈن يىل بويى كېچىدىن بەك ئۇزۇن بولىدۇ، يەنى كېچە ئۈچ سائەت، كۈندۈز 21 سائەت بولىدۇ. رامىزان ۋاقتى قىش پەسلىدە كەلسە مۇسۇلمانلار پەقەت ئۈچ سائەت ئەتراپىدا روزا تۇتىدۇ، ئەمما ياز پەسلىدە كەلسە كۈندۈز كۈن 21 سائەت بولغانلىقى ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتمەي روزا تۇتمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن رامىزان ئېيىدا روزا تۇتىدىغان مۇددەتنى، ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق ۋاقتىنى بېكىتىپ بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئىسلام شەرىئىتى مۇكەممەل تولۇق ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ٱلۡيَوۡمَ أَكۡمَلۡتُ لَكُمۡ دِينَكُمۡ وَأَتۡمَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ نِعۡمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ ٱلۡإِسۡلَٰمَ دِينٗاۚ تەرجىمسى: بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم [سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: قُلۡ أَيُّ شَيۡءٍ أَكۡبَرُ شَهَٰدَةٗۖ قُلِ ٱللَّهُۖ شَهِيدُۢ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡۚ وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانُ لِأُنذِرَكُم بِهِۦ وَمَنۢ بَلَغَۚ تەرجىمسى: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، مىنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟ ئېيتقىنكى، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر. ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر. بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە قىيامەتكىچەقۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قېلىندى [سۈرە ئەنئام-19 ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا كَآفَّةٗ لِّلنَّاسِ بَشِيرٗا وَنَذِيرٗاتەرجىمسى: سېنى بىز پەقەتپۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن، خوش خەۋەر بەرگۈچى ۋە كاپىرلارنى ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق [سۈرە سەبەئ 28- ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە رامىزان روزىسىنى پەرز قىلغانلىقى توغرىسىدا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ تەرجىمسى: ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىركىلەرگە يەنى ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى. [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

ئاللاھ تائالا روزىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ ٱلۡخَيۡطُ ٱلۡأَبۡيَضُ مِنَ ٱلۡخَيۡطِ ٱلۡأَسۡوَدِ مِنَ ٱلۡفَجۡرِۖ ثُمَّ أَتِمُّواْ ٱلصِّيَامَ إِلَى ٱلَّيۡلِۚتەرجىمسى: تاڭنىڭ ئاقلىقىقارىلىقىدىن ئايرىلغانغا قەدەر يەنى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەڭلار، ئېچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بۇ ھۆكۈمنىمەلۇم بىر رايون ياكى ئايرىم كىشىلەرگە خاس قىلمىدى، بەلكى ئومۇمى ئىنسانلارغا پرىنسىپ قىلىپ بېكىتتى. مەزكۇر دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارمۇ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئېچىگە كېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىبان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئادا قىلىشى بېكىتىلگەن ئەمەللەرنى ئاسانلىق بىلەن ئادا قىلىشى ئۈچۈن شەرىئەت پرىنسىپلىرىنى ئۇلارغا قولايلىق قىلىپ بېكىتتى. كېسەللەر ۋە مۇساپىرلار ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ، ئۇلارغا رامىزاندا ئېغىز ئىچىشنى دۇرۇس قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: شَهۡرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلۡقُرۡءَانُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡفُرۡقَانِۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهۡرَ فَلۡيَصُمۡهُۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلۡيُسۡرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلۡعُسۡرَ تەرجىمسى: رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن، كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە يەنى مۇساپىر بولۇپ تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ. [بەقەرە 185-ئايەت].

بالاغەتكە يەتكەن ئەقلى-ھوشى جايىدا كىشىلەر ئۈچۈن رامىزان ئېيى بولغاندا روزا تۇتۇش پەرز بولىدۇ، كۈندۈز كۈن ئۈزۈن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن ئوخشاشتۇر. ئەگەر روزىنى تاماملاشتىن ئاجىز كەلسە ۋە ئۆز نەپسى ئۈچۈن ئۆلۈم ياكى كېسەللىكتىن ئەنسىرىسە ئۇ كىشى ئۈچۈن ئېغىز ئىچىش دۇرۇس بولىدۇ. يەنى ئۆزىگە يېتىدىغان زىياننى چەكلەپ ھاجىتى مىقدارىدا بىر نەرسە يەپ، كۈننىڭ قالغان قىسمىدا بىر نەرسە يېمىسۇن، روزا تۇتۇشقا ئىمكانىيىتى يار بەرگەندە تۇتالمىغان كۈنلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ قازاسىنى تۇتسا بولىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى 10\114