جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرامدۇ؟

سۇئال

رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق ئىنسان بەدىنىدىن قان ئالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئوكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق ئېلىنغان قان ئاز مىقداردا بولسا، ئۇ كۈندىكى روزىنى قايتا ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ. ئەمما ئىلىنغان قان كۆپ بولسا، ئىختىلاپتىن ساقلىنىش ۋە ئېھتىيات يۈزىسىدىن شۇ كۈنلۈك روزىنى قايتا ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (10263)].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن قان تەكشۈرتۈش ئۈچۈن رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قان ئالدۇرسا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "قان تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئىلىنغان قان روزىنى بۇزمايدۇ بەلكى بۇنىڭدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال پاك شەرىئەتتە روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن بولماستىن، بەلكى سالامەتلىكنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈندۇر. ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 133-بەت].

شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر رامىزان ئېيىنىڭكۈندۈزى روزا تۇتقۇچى بىرەرسىگە كۆپرەك قان ئىئانە قىلسا، ھىجامە قىلدۇرغانلىققا قىياس قىلىش بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئۇ بىرەر كېسەلنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن ياكى جىددى قان كېرەك بولغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن تومۇردىن ئېلىنغان قاندىن ئىبارەتتۇر. ئەمما قان تەكشۈرۈتۈش ئۈچۈن يىڭنە بىلەن ئاز مىقداردا قان ئالدۇرغان بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 133-بەت.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى