جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ناركۇز ئۇكۇلى روزىنى بۇزمايدۇ

سۇئال

رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ناركۇز ئوكۇلىنى ئىشلىتىش روزىنى بۇزامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ناركۇز ئوكۇلى روزا تۇتقۇچىنىڭ روزىسىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەكمۇ ئەمەس ياكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدىكى نەرسىمۇ ئەمەس.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "رامزاننىڭ كۈندۈزدە چىشىغا ناركۇز ئوكۇلى ئىشلەتسە ئۇ كىشى شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: قازاسىنى قىلمايدۇ، چۈنكى ناركۇز ئوكۇلى روزىنى بۇزمايدۇ. ئۇ قويۇلغان ئورۇنغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاشقازانغا يەتمەيدۇ، پەرز روزا ياكى نەپلە روزا تۇتقان كىشى بۇنى ئىشلەتسە ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى"پەتىۋالىرى. "شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"15 -توم 259-بەتكە قارالسۇن].

لېكىن ناركۇز ئوكۇلىنى تولۇق ئىشلىتىپ پۈتۈن كۈندۈزدە تۇيغۇسىنى يوقۇتۇپ قويغان بولسا، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۈندۈزنىڭ ھەممىسىدە تۇيغۇسىنى يوقاتسا، كۈندۈزدە پەقەت تۇيغۇسى ئەسلىگە كەلمىسە، شۇ كۈنلۈك روزىسى توغرا بولمايدۇ". بۇ ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام شافىئىينىڭ سۆزىدۇر.

ئاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: "تۇيغۇسىنى يوقاتقان كىشى كۈندۈزدە مەيلى ئەتتىگەندە بولسۇن ياكى كەچتە بولسۇن قاچان ھوشىنى تاپسا ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ". ["ئەلمۇغنى"3 -توم 12-بەت].

مۇشۇنىڭغا ئاساسەن روزا تۇتقۇچى روزا تۇتۇپ كۈندۈزدە ناركۇز ئۇكۇلى سالدۇرسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئوكۇل بەدەننىڭ بەزى ئەزاسىنى مەلۇم مۇددەتلىك ناركۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن روزىنى بۇزىۋەتمەيدۇ. بۇ ئوكۇلنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن سالدۇرۇپ بۇنىڭ تەسىرىدە كۈن پاتقۇچە ئۇخلىغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ شۇ كۈنلۈك روزىسى توغرا بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى