جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تاڭ يورۇشتىن بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى بىر نەرسە يېيىشتىن توختىۋېلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرسىدا

سۇئال

   بەزى شەھەرلەردە، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنقى ئون مىنۇت ۋاقىتنى ئىمساك يەنى يېمەك-ئىچمەكتىن توختاش ۋاقتى دەپ قاراپ، كىشىلەر شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ روزىنى باشلايدۇ، بىر نەرسە يېيىشنى چەكلەيدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا روزىدارلار ئۈچۈن تاڭ يورۇغىچە يەپ-ئېچىشنى دۇرۇس قىلىپ مۇنداق دېگەن:   وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمْ الْخَيْطُ الأَبْيَضُ مِنْ الْخَيْطِ الأَسْوَدِ مِنْ الْفَجْرِ  تەرجىمىسى: «تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى كېچىدە ئەزان ئوقۇيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  «ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئوقۇغانغا قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ كۆزى كۆرمەيدىغان بولۇپ، تاڭ يورۇپ، باشقىلار تاڭ يورىدى دېگەندىن كېيىن ئەزان ئوقۇيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 1919-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1092-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس، تاڭ يورۇغانغا قەدەر يېيىش، ئىچىش، جىنسى مۇناسىۋەت ۋە باشقا ئىشلارنى قىلسا توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇل بارى" 4-توم 199-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "رامىزاندا تاڭ يورۇشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن ئىككىنچى ئەزاننى ئوقۇش، ئىبادەت ئىشلىرىدا ئېھتىيات قىلىمىز دەپ، يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىشكە ئالامەت بولىدۇ دەپ چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق ئىشلار مۇشۇ زاماندا پەيدا بولغان ئىنكار قىلىنىدىغان توغرا بولمىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بەزى ۋاقىت جەدۋېلى-كالىندارغا-ئىمساك ۋاقتى يەنى يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىدىغان ۋاقىت تاڭ يورۇشتىن ئون بەش مىنۇت بۇرۇن يېزىلىپتۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: "بۇ سۈننەتتىن ئاساسى بولمىغان، ۋە سۈننەتكە زىت بولغان يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دېگەن:  وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمْ الْخَيْطُ الأَبْيَضُ مِنْ الْخَيْطِ الأَسْوَدِ مِنْ الْفَجْرِ  تەرجىمىسى: «تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بىلال كېچىدە تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەزان ئوقۇيدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىلەر ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىغانغا يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ كۆزى كۆرمەيدىغان بولۇپ، تاڭ يورۇپ، باشقىلار تاڭ يورىدى دېگەندىن كېيىن ئەزان ئوقۇيدۇ».

    كىشىلەرنىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن يېمەك-ئىچمەكتىن توختاپ، روزا تۇتۇشنى باشلىغانلىقى، ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئىشقا بىر نەرسىنى قېتىپ زىيادە قىلىۋالغانلىقى بولۇپ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ دىندا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سۆز-ھەرىكەتتە چوڭقۇرلىشىمەن دەپ ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكۈچىلەر ھالاك بولدى، ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكۈچىلەر ھالاك بولدى، ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكۈچىلەر ھالاك بولدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2670-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى