جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن مەسچىتتىن باشقا جايدا ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    ئايال كىشى ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئالىملار ئەرلەرنىڭ مەسچىتتىن باشقا جايدا ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ  تەرجىمىسى: «سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يەنى ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار». [سۈرە بەقەرە187-ئايەت]. ئىتىكاپنىڭ مەسچىتتە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇردى. ["ئەل مۇغنى" 4-توم 461-بەت].

    ئەمما ئاياللار توغرىسىدا، كۆپچىلىك ئالىملار ئاياللارمۇ ھۆكۈمدە ئەرلەرگە ئوخشاش بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىتىكاپىمۇ مەسچىتتىن باشقا جايدا توغرا بولمايدۇ دەپ دېگەن قاراشتا بولدى. «(سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يەنى ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار.» [سۈرە بەقەرە   187-ئايەت].

    چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىمۇ  مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت سورىغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رۇخسەت قىلغان، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلغان.

     ئەگەر ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆيدە ئېتىكاپ قىلىشقا بۇيرۇتتى، چۈنكى ئايالنىڭ ئۆيدە  ئىبادەت قىلغىنى مەسچىتتە ئېتىكاپ ئۈچۈن چىققىنىدىن كۆپ ياخشىدۇر.

    بەزى ئالىملار ئايال ئۆز ئۆيىدە ناماز ئۆتەيدىغان جايىدا ئېتىكاپ قىلسا توغرا بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولغان.

     كۆپچىلىك ئالىملار بۇنىڭدىن چەكلەپ: " ئۆيىدە ناماز ئوقۇيدىغان جاي گەرچە ئايالنىڭ مەسچىتى دەپ ئاتالسىمۇ لىكىن ئۇ ئەمەلىيەتتە مەسچىت ئەمەس، ھەقىقى مەسچىتنىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيدىكى ناماز ئوقۇيدىغان جايىغا جۇنۇپ ۋە ھەيزدارلىق ھالىتىدە كىرسە بولىدۇ. ["ئەل مۇغنى" 4 -توم 464-بەت].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەل مەجمۇئ"  ناملىق ئەسەرنىڭ 6 - توم   505 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەرلەرنىڭ ياكى ئاياللارنىڭ مەسچىتتىن باشقا جايدا ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئايالنىڭمۇ ۋە ئېرىنىڭمۇ ئۆز ئۆيىدە ئايرىم ناماز ئادا قىلىدىغان جايىدا ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: " ئايال ئېتىكاپ قىلماقچى بولسا، قەيەردە ئېتىكاپ قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئايال ئېتىكاپ قىلماقچى بولسا، شەرئى چەكلىمە بولمىغان ئەھۋالدا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىدۇ، ئەگەر شەرئى چەكلىمە بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلمايدۇ".  [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  20 -توم 264-بەت].

"پىقھى توپلاملىرى" 5 - توم 212-بەتتە مۇنداق مۇنداق كەلگەن: " ئالىملار ئايالنىڭ ئېتىكاپ قىلىدىغان ئورنى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، كۆپچىلىك ئالىملار ئايالمۇ ئەرگە ئوخشاش بولۇپ پەقەت مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، بۇنىڭغا ئاساسەن، ئايالنىڭ ئۆز ئۆيىدىكى ناماز ئادا قىلىدىغان جايىدا ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: بىر ئايال ئۆزىگە ئۆيىدە ناماز ئادا قىلىدىغان ئورنىدا ئېتىكاپ قىلىشنى لازىم قىلغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، بۇ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىدئەت ئىش، ئاللاھ تائالا بىدئەت ئىشلارنى ھەممىدىن بەك يامان كۆرىدۇ، ئېتىكاپ پەقەت ئەزان ئوقۇپ ناماز ئادا قىلىنىدىغان مەسچىتتە بولىدۇ، ئۆيدە ناماز ئادا قىلىدىغان ئورۇن دېگەن ھەقىقەتتىمۇ ۋە ھۆكۈمدىمۇ مەسچىت ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇ جاينى ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ، جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلىسا بولىدۇ، ئەگەر ئۆيدە ناماز ئادا قىلىدىغان جايدا ئېتىكاپ قىلىش توغرا بولىدىغان بولسا، مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- ئۇنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆيلىرىدە ئېتىكاپ قىلغان بولاتتى".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى