ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قانداق قىلغاندا پەرزەنتلىرىمىزنى ياراملىق تەربىيىلەيمىز؟

10-01-2025

سۇئال 10016

پەرزەنتلىرىمنى ياراملىق تەربىيىلەشتە قىيىنچلىققا ئۇچراۋاتىمەن، كۆپ ۋاقىتلاردا ئاچچىقلىنىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇرىمەن. ماڭا بۇ توغرىدا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى ۋە بۇ تېمىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان پايدىلىق بىر كىتابنى تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ئاتا-ئانىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان مۇھىم ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە بۇنىڭغا بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.» [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].

ئىمام تەبەرى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئايەتتە: «ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى تەستىق قىلغان مۆمىنلەر! بەزىلىرىڭلار بەزىلىرىڭلارغا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان ئەمەللەر بىلەن دوزاختىن ساقلىنىدىغان، يىراق قىلىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرۈڭلار، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئائىلە-بالىلىرىڭلارغا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى دوزاختىن ساقلايدىغان ئەمەللەرنى تەلىم بېرىڭلار» دەيدۇ. [“تەپسىر تەبەرى”  28-توم 165-بەت].

ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: مۇقاتىل مۇنداق دېگەن: “دوزاختىن ساقلىنىشنى ئۆزىگە، ئەۋلادلىرىغا، ئائىلىسىگە، قۇل-چۆرىلىرىگە تەلىم بېرىش زۆرۈر بولىدۇ”.

ئىلكىيا مۇنداق دەيدۇ: “ئەۋلادلىرىمىز، ئائىلىمىزگە دىننى، ياخشىلىقنى، ئەدەپ-ئەخلاقلاردىن ئېھتىياجلىق بولغاننىڭ ھەممىسىنى تەلىم بېرىش بىزنىڭ مەجبۇرىتىمىزدۇر. بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىن، سەبىر قىلغان» دېگەن ئايىتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: «يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلغان تەۋسىيىسى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەرزەنتلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇڭلار» دېگەن ھەدىسىدىن ئىبارەتتۇر. [“تەپسىر قۇرتۇبى” 18-توم 196-بەت].

ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىدىغان ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئىنسانلاردىن ئەڭ ئاۋۋال دەۋەت قىلىدىغىنى: ئۆزىنىڭ ئەۋلادى، ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى بولىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنى دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇغاندا: «يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن»دېدى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، ياخشىلىققا ۋە ئېھسانغا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەردۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىنى ئاتا-ئانىنىڭ ئۈستىدە قىلدى ۋە ئۇلاردىن بۇنى تەلەپ قىلدى:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سورىلىدۇ، ئەر كىشى ئائىلىسىدىن مەسئۇل بولىدۇ، شۇ دائىرىدە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ دائىرىدە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، دائىرىدە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەر ئۆز ئاتىسىنىڭ مېلىغا مەسئۇل بولىدۇ، شۇ دائىرىدە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سورىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى1829-ھەدىس].

سىزنىڭ مەسئۇلىيتىڭىز ئۇلارنى كېچىكىدىن باشلاپ ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە ئىسلام تەلىماتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائەت قىلغانلارنى مۇكاپاتلايدىغان جەننەت، ۋە كاپىرلارنى جازالايدىغان دوزاخنى تەييار قىلغانلىقىنى، دوزاخنىڭ يېقىلغۇلىرىنىڭ ئىنسانلار ۋە تاشلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك. بۇ توغرىدىكى ئىبرەتلىك بىر ۋەقەنى بايان قىلىمىز:

ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مال-دۇنياسى بەك كۆپ بىر پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى يوق پەقەت بىرلا قىزى بار ئىكەن، پادىشاھ قىزىغا بەك ئامراق ئىكەن، ئۇنى تۈرلۈك ئويۇنلار بىلەن ئوينىتىدىكەن، بىر مۇددەت شۇنداق ئۆتۈپتۇ، پادىشاھنىڭ سارىيىنىڭ يېنىدا بىر ئابىد ياشايدىكەن، بىر كېچىسى ئابىد قۇرئان ئوقۇپ بۇ ئايەتنى ئۈنلۈك ئوقۇپتۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ‏ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.» [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].

پادىشاھنىڭ قىزى ئابىدىنىڭ ئوقۇغان بۇ ئايىتىنى ئاڭلاپ دېدەكلەرگە: بۇ كىشىنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەڭلار دەپتۇ، ئۇلار چەكلىيەلمەپتۇ، ئابىد بۇ ئايەتنى تەكرار-تەكرار ئوقۇپتۇ، پادىشاھنىڭ قىزى دېدەكلەرگە: بۇ كىشىنى قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەڭلار دەپتۇ، ئۇلار چەكلىيەلمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ قىزى ياقىلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ داد-پەرياد قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خىزمەتچىلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلىپتۇ، پادىشاھ كېلىپ: سۆيۈملۈك قىزىم! كېچىدىن بىرى سىزگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن يىغلايسىز؟دەپ باغرىغا بېسىپتۇ، قىزى: ئى ئاتا! مەن سىلىدىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالانىڭ يېقىلغۇلىرى ئىنسانلاردىن ۋە تاشتىن بولغان دوزاخ دەپ ئاتىلىدىغان جايى بارمۇ؟ دەپتۇ، ئاتىسى: ھەئە دەپتۇ، قىز: ئى ئاتا! نېمە ئۈچۈن ئىلگىرى ماڭا بۇ توغرىدا خەۋەر بەرمىدىلە؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن بۇندىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ ئورنۇمنىڭ جەننەتتە بولامدۇ ياكى دوزاختا بولامدۇ بۇنى بىلمىگۈچە لەززەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەيمەن، ئېسىل تۆشەكلەردە ياتمايمەن”دەپتۇ. [“سەپۋتىس سەپۋە”4-توم 437-438-بەتلەر].

سىز ئالدى بىلەن ئۇلارنى بۇزۇقچىلىق، ناشايان ئىشلار بولىدىغان ئورۇنلاردىن، ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا تۈرلۈك بۇزۇق تىلېۋىزىيە پىلىملىرىنى كۆرۈشتىن، يالغۇز تىلىپۇن ئويناشتىن ۋە باشقا ئەخلاقنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك، ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن ياراملىق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن تىكەن تېرىغان كىشى ئۈزۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ، تەربىيىلەش كېچىك ۋاقتىدىن باشلىنىدىكەن، چوڭ بولغاندا ئاسان بولىدۇ، ئۇلارنى كېچىكىدىن بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگە كۆندۈرسەك، چوڭ بولغاندا سىزگە ئىتائەت قىلىشى ئاسان بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلارنى ئۇلار يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇڭلار، ئۇلار ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازنى ئادا قىلمىسا ئۆز لايىقىدا ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ياتاقلىرىنى ياكى ئورۇنلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 495-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى”5868-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

لېكىن ئەدەپ-ئەخلاق تەلىم بەرگۈچى رەھىم-شەپقەتلىك، مېھرىبان، كۆڭلى-كۆكسى كەڭرىي، مۇلايىم بولىشى، ناچار، سەت سۆزلەرنى قىلماسلىقى، ئۇرۇپ-تىللىماسلىقى، قاتتىق قول بولماسلىقى كېرەك،  ئەگەر پەرزەنت ئاتىسىغا ئىتائەت قىلمايدىغان، ياخشىلىقنى قىلمايدىغان ناچار ئىشلارغا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا زەرەر بەرمىگەن ئاساستا قاتتىقراق مۇئامىلە قىلىش لايىق بولىدۇ.

مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىنساننىڭ بالىسى ئەقىل تېپىپ تەربىيە قىلىش يېشىغا يەتسە، ئۇنى سالىھ مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقى بىلەن يېتىشتۈرۈش، ناچار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلىسا، قۇرئان تەلىم بەرسە، ئەدەپ ئۆگەتسە، ئەرەب تىلىدىن دەرس بەرسە، ھەدىسلەرنى ئاڭلاتسا، سەلەپ -سالىھلارنىڭ نەمۇنىلىرىنى سۆزلەپ بەرسە، مۇھىم بولغان دىنى ئەھكاملارنى تەلىم بەرسە، ئەگەر بۇ شەكىلدە تەربىيىلەش جەريانىدا قاتتىق قوللۇق قىلسا، نامازنى تەرك قىلغانلىقىغا كۆرە ئۇرسا، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن مال-دۇنيا سەدىقە قىلغاندىن ياخشىدۇر. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ پەرزەنتىنى ئەدەپلىگەنلىكى سەدىقە جارىيە بولدى، مال-دۇنيا سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى ئۈزۈلىدۇ ئەمما سەدىقە جارىيەنىڭ ساۋابى بولسا مۇشۇ پەرزەنتنىڭ داۋام قىلىشى بىلەن داۋاملىشىدۇ، ئەدەپ دېگەن روھنىڭ غىزاسىدۇر، ئۇنى تەربىيىلەش ئاخىرەت ئۈچۈندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ئۆزۈڭلارنى ۋە ئەھلىڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار دېدى» [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].

ئۆزىڭىزنى، ئەۋلادىڭىزنى دوزاختىن ساقلاش دېگەن: ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە دوزاخقا بېرىپ قالىدىغان ئىشلاردىن چەكلەش، ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئەدەپلەش ئارقىلىق بولىدۇ. ۋەز-نەسىھەت قىلىش، ئازاپلارنى بايان قىلىش، تەھدىت قىلىش، لايىقىدا ئۇرۇش، سىرتقا چىقارماسلىق، ھەدىيە بېرىش، ياخشىلىق قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپلەزنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئېسىل زېرەك بالىنى ئەدەپلەش بىلەن گالۋاڭ، ناچار بالىنى ئەدەپلەش ئوخشىمايدۇ”. [“پەيزىل قەدىر” 5-توم 257-بەت].

ئەدەپلەش بولسا بالىنى دۇرۇس قىلىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر، ھەرگىزمۇ ئۇرىۋېلىشنىڭ ئۆزى مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ گەدەنكەشلىك ۋە ئىسيانكارلىقىنى تۈزەيدۇ.

ئىسلام دىنىدا جازا قانۇنى يولغا قويۇلدى، ئىسلامدا بۇ قانۇنلار كۆپتۇر، زىناخورنى جازالاش، ئوغرىنى، بۆھتان قىلغۇچى قاتارلىقلارنى جازالاشقا ئوخشاش، بۇ قانۇنلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى يامانلىقتىن چەكلەپ، ئەھۋالىنى دۇرۇس قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى.

بۇ توغرىدا يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىغا تەلىم ۋە بالىغا چەكلىمە بولىدىغان تەۋسىيىسى كەلدى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قامچىنى پەرزەنت كۆرىدىغان ئورۇنغا ئېسىپ قويۇڭلار» [تەبرانى رىۋايىتى 10-توم 248-بەت. ھەيسەمى بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ دەپ “مەجمەئىل زەۋائىد” 8-توم 106-بەتتە بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ “سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى”ناملىق ئەسەر 4022-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن قورقۇتۇش ئارىسىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەممىسىدىن مۇھىم بولغىنى ئەۋلادلار ياشايدىغان مۇھىتنى بارپا قىلىش، ئۇلارغا ھىدايەتنىڭ سەۋەپلىرىنى تولۇق قىلىپ بېرىش، بۇ تەربىيىچىلەر، مەسئۇل بولغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈلگە بولىشى بىلەن بولىدۇ.

تەربىيىچىنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەشتە ئۇتۇق قازىنىدىغان يولىدىن بىرى: ۋەز-نەسىھەت، قۇرئان تىلاۋېتى، خۇتبە ۋە ئالىملارنىڭ دەرسلىرىنى كۆپ ئاڭلىتىشغا ئوخشاش بۇنىڭ يولى كۆپتۇر.

سوئالدا سورىغان كىتابلارغا كەلسەك، سىزگە ئەۋلاد تەربىيىلەشتە    تۆۋەندىكى كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1-مۇھەممەد ھامىد ناسىې ۋە خەۋلە ئابدۇلقادىر دۇرەيشنىڭ: “بالىلارنى ئىسلام پرىنسىپىدا تەربىيىلەش”  ناملىق كىتابى.

2- مۇھەممەد سەئىد مەۋلەۋىينىڭ: “مۇسۇلمان كىشى  ئەۋلادىنى قانداق تەربىيىلەيدۇ “ناملىق كىتابى.

3-مۇھەممەد جەمىل زەينۇنىڭ: “ئىسلامدا ئەۋلاد تەربىيىلەش”  ناملىق كىتابى.

4-مەھمۇد مەھدى ئىستانبۇلىنىڭ: “بالىلىرىمىزنى قانداق تەربىيىلەيمىز؟ ” ناملىق كىتابى

5-ئەدنان با ھارىسنىڭ: “مۇسۇلمان ئاتىنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەشتىكى مەسئۇلىيىتى”  ناملىق كىتابى.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

پەرزەنتلەر تەربىيسى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش