ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئېھراملىق كىشىنىڭ ئېھرامدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى ئېلىشى ياكى قىسقارتىشى توغرىسىدا

20-06-2023

سۇئال 104197

   ئۆمرە قىلغان كىشىنىڭ ئېھرامدىن چېقىدىغان ۋاقىتتا چېچىنى ئۆزى قىسقارتىشى شۇنىڭدەك ئايالمۇ چىچىنى ئۆزى قىسقارتسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەج قىلغۇچى ياكى ئۆمرە قىلغۇچىنىڭ ھەج ياكى ئۆمرىنىڭ ئېھرامىدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى قىسقارتىشى توغرا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئېھرامدىن چېقىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ چېچىنى قىسقارتىپ قويۇشىمۇ توغرا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھرامدىن چېقىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى قىسقارتسىمۇ ياكى باشقىلار قىسقارتىپ قويسىمۇ بولىدۇ. بەزى ئالىملار: ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى قىسقارتسا ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشنى قىلغان بولىدۇ دەيدۇ، بىز بۇنىڭغا قېتىلمايمىز، بىز دەيمىزكى: ئۇ كىشى ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشنى قىلغان بولمىدى بەلكى ئىبادەت ئۈچۈن چېچىنى قىسقارتتى". ["شەرھىل مۇمتىئ" 7-توم 328-بەت].

   يەنە: ئايال ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى قىسقارتقان بولسا، بۇنىڭغا جازا كېلەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، "ياق جازا كەلمەيدۇ، ئايال ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى قىسقارتسا ياكى ئەر كىشى ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى ئالسا ياكى ئېھراملىق بىر كىشى ئىلىپ قويسا ياكى ئېھرامدىن چېقىپ بولغان بىرسى ئېلىپ قويسا بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن". [ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت" 42-توم 224-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ھەج-ئۆمرەنىڭ سۈپەتلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش