كاتاگورىيە شەجەرەسى
ھەج-ئۆمرەنىڭ سۈپەتلىرى
تاۋاپ قىلىۋېتىپ ھاجەتكە چىقسا، تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى يېڭىدىن باشلامدۇ ياكى كەلگەن يەردىن داۋام قىلامدۇ؟
-ھەنەفىي ۋە شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، بىر كىشىنىڭ تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلسا، چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ ئارىدىن ئۈزۈن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ تاۋاپنى توختىغان جايدىن داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپتا ئارىنى ئۈزمەي تاۋاپنى ئاخىرلاشتۇرۇش شەرت ئەمەس. -مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، بىر كىشىنىڭ تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلسا، چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى يېڭىدىن باشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپ جەريانىدا تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇشى قىلغان تاۋاپنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن تاۋاپنى يېڭىدىن باشلاش كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، تاۋاپنى تولۇق قىلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى تاۋاپلار ئارىسىدا ئۇزۇن پاسىل بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتىمۇ تاۋاپ بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن تاۋاپ ئاخىرلاشقىچە ئۈزمەي ئايلىنىپ تۈگىتىش كېرەك.ساقلاشقانداق قىلغاندا ئۆمرە ئىبادىتى سۈننەتكە مۇۋاپىق ئادا قىلىنىدۇ؟
ئۆمرىدە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: -جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندەك پاكىزە يۇيۇنۇش ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش. -ئېھراملىق كىيىمنى كىيىش، ئەرلەرنىڭ ئاستى-ئۈستى ئىككى پارچە بولىدۇ، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ خالىغان دۇرۇس بولغان كىيىمىنى كىيىدۇ. -تاۋاپ باشلانغانغا قەدەر ئۈزۈلدۈرمەي تەلبىيە ئېيتىش. -كەبىنى ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلاپ يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىپ يەنە ھەجەر ئەسۋەدتە ئاخىرلاشتۇرۇش. -تاۋاپتىن كېيىن ماقامى ئىبراھىمدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش. -ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم مېڭىش، مېڭىش ساپادىن باشلىنىپ ئاخىرى مەرۋىدە تامام بولىدۇ. -ساپا-مەرۋە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەرلەر چېچىنى تولۇق ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش، ئاياللار چېچىنىڭ ئۇچىدىن قىسقارتىش كېرەك. تېما ئۆز ئېچىگە ئالغان مەزمۇنلار: -ئۆمرى ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش. -كەبىنى قانداق تاۋاپ قىلىش ۋە تاۋاپ جەريانىدا ئوقۇش مۇستەھەب بولغان دۇئالار. -ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش ۋە بۇ جەرياندا ئوقۇش مۇستەھەب بولغان دۇئالار. -ساپا-مەرۋە قىلىپ ئۆمرە پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا چاچنى قانداق ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ. -ئۆمرە پائالىيەتلىرىنىڭ خۇلاسىسى.ساقلاشھەجنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
ھەج بولسا ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر، ئۇنىىڭ پەرز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۇنى ئۆچ كۆرگەن كىشى شەكسىز كاپىر بولىدۇ، تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلمىسا، ئۆلتۈرىلىدۇ، ھەج قىلىشقا ھەممە تەرەپتىن قادىر بولغان كىشىنىڭ، پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىشى ۋاجىپ بولىدۇساقلاشكەبىنى تاۋاپ قىلىش ۋە ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنامدۇ؟
تاۋاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاھارەت بىلەن قىلىش شەرتتۇر. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بولغان مەشھۇر قاراشتۇر. شۇنداقلا ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھنىڭمۇ قارىشىدۇر. يەنە بەزى ئالىملار: جۇنۇپ بولمىسا، تاۋاپ ئۈچۈن كىچىك تاھارەت ئىلىش شەرت ئەمەس دېگەن قاراشتا بولغان. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ئەمما سەئيىگە نىسبەتەن سەئيىنى تاھارەت بىلەن قىلىش شەرت ئەمەس، بۇ تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر. بەلكى ھەيزدار ئۈچۈنمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەيزدارنى پەقەت كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىنلا چەكلىگەن.ساقلاشئېھراملىق كىشىنىڭ ئېھرامدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى ئېلىشى ياكى قىسقارتىشى توغرىسىدا
ساقلاشساپا-مەرۋىنى تاھارەتسىز سەئيى قىلىش توغرىسىدا
ساقلاشمىنادىن چېقىپ كېتىشكە ئالدىراش توغرىسىدا
ساقلاشھەجدە شەيتانلارغا تاش ئېتىش بولسا دىننىڭ شۇئارلىرىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا
ساقلاشساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلىپ بولغاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش سۈننەتمۇ؟
ساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش سۈننەت ئەمەس، سەئيىدىن كېيىن ناماز ئوقۇش تاۋاپتىن كېيىنكى ئىككى رەكەت نامازغا سېلىشتۇرۇلمايدۇ.ساقلاشتاۋاپ جەريانىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت ئولتۇرۇش توغرىسىدا
ساقلاش