ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق بىرسىگە تازىم قىلىش ھارام

15-02-2007

سۇئال 10428

ھۆرمەتلىك ياكى ياشقا چوڭ بىر ئادەم ياكى ئاتا بىلەن كۆرۈشكەندە [ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ] دىگەننىڭ ئورنىغا تازىم قىلىش دۇرۇسمۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئادەتتىكى سالاملىشىش بولسا ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھ ( سىلەرگە ئامانلىق ، ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتى ۋە قۇتلۇقى بولسۇن ) ، چۈنكى ئاللاھ دەيدۇ :
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ)ﺍﻟﻠﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ، ﭘﺎﻙ ﺳﺎﻻﻣﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ، [ نۇر : 61 ]
ھەدىسلەر بۇ سالاملىشىشنى ئوچۇق چۈشەندۈرىدۇ .
بىراق تازىم قىلىش دۇرۇس ئەمەس ، پەقەت سالام قىلىنغۇچى ياشقا چوڭ بولۇپ ئورنىدىن تۇرالمىسا ، ياكى ئاتا-ئاناڭنىڭ بىرسى بولۇپ ، ئۇلارنى سىز بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشكە ياكى سىزنى قۇچاقلاشقا ئورنىدىن قوپۇرۇشنى خالىمىسىڭىز ، شۇنىڭ بىلەن سىز ھۆرمەت يۈزسىدىن تازىم قىلىپ ئۇنىڭ بېشىنى ياكى پېشانىسىنى سۆيسىڭىز ، ئۇنداقتا بۇ ئىبادەتنى شەكىللەندۈرىدىغان تازىم قىلىشنىڭ تۈرى بولمايدۇ . شۈبھىسىزكى تازىم قىلىش ئاللاھقا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەت ، يەنى نامازدا رۇكۇ(تازىم ) قىلشقا ئوخشاش ،شۇڭا ئۇ ئەگەر قول ئىلىشىپ كۆرۈشمەستىن ياكى سۆيمەستىن بولۇنسا ، بۇ شۇ كىشىنى ئۇلۇغلاش ھەركىتى بولىدۇ ھەمدە شۇڭا شىرىك بولىدۇ .
پېشىۋا ئابدۇللاھ بىن جىبرىين .
 
كۆپ ئىلاھىزىم(شىرك)ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش