ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قازاسىنى قىلىش كېرەك بولغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغانلىقى توغرىسىدا

23-03-2021

سۇئال 11185

مەن ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قىلىش سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىدا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلالمىدىم، مەن قانچە رامىزاندا شۇنداق بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئەي ھەمشىرەم! سىز ئالدى بىلەن زادى قانچە يىل شۇنداق بولدى بۇنى ياخشى ئويلىنىڭ، ئاندىن كۆڭلىڭىزگە مۇنچە يىل تۇتماپتىمەن دەپ بىر پىكىر كەلگەندە، شۇ يىللاردىكى رامزاننىڭ روزىسىنىڭ يەنى ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىڭ، ئاللاھ تائالادىن بۇنىڭغا ياردەم بېرىش ۋە مۇۋەپپەق قىلىشنى سوراڭ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا   تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا ھېچ كىشىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرىمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    سىز ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، كۆڭلىڭىزگە مۇنچە يىل رامزاندا ئادەت كۆرۈپ روزا تۇتماپتىمەن دەپ بىر ۋاقىتنى بېكىتىپ، سەبىر قىلىپ، قالغان روزىلارنى تولۇق تۇتۇشقا تېرىشىڭ. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

كاپارەت
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش