ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇسۇلمان ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى، ئاللاھنىڭ قانۇنى ۋە بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بويسۇنغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالانى ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى، ياراتقۇچىسى ۋە ئىبادەتكە ھەقلىق دەپ ئاللاھنىڭ ئۈلۈغلۇقى، ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچى ئىكەنلىكى ۋە يەككە-يېگانىلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئۆزىنىڭ قەلبىنى ۋە جېنىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە رازىلىقىنى ئۆزىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەقسىتى قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۆزىنى ياخشى بەندىلەرنىڭ قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنَّنِي هَدَانِي رَبِّي إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ دِينًا قِيَمًا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ . قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ . لَا شَرِيكَ لَهُ وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى، (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم(دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت- ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن. [سۈرە ئەنئام 161-163-ئايەت].
يۇقىرىدىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان مەنانى ھېس قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىنى نىيەتتە ھازىر قىلىدۇ. ئۇخلىسا جىسمىنى راھەتلەندۈرۈپ ئويغانغاندا ئاللاھقا جۇشقۇن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ساۋاپ ئۈمىد قىلىدۇ، بىر نەرسە يېسە-ئىچسە بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا كۈچلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. توي قىلسا ئىپپەتلىك بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ھارامدىن ساقلىنىپ ھالال بىلەن مەشغۇل بولۇشنى، ئەۋلاد تەلەپ قىلسا ئاللاھنىڭ پرىنسىپى بىلەن زېمىننى گۈللەندۈرىدىغان ياخشى پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. سۆزلىسە ياخشى سۆز قىلىدۇ، سۈكۈت قىلسا يامانلىقتىن ساقلىنىدۇ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە قىلغان خىراجىتىگە ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆگەنسە، ئوقۇسا، دەرس بەرسە، بۇنىڭ بىلەنمۇ ساۋاپ ئۈمىد قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا مەقسىتى ئاللاھ رازىلىقى بولىدۇ.
ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۇرۇس ئىشلارنىمۇ ئاللاھنىڭ تائىتىگە ياردەم ئىلىشنى مەقسەت قىلىپ قىلىش كېرەك". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"10-توم 460-461-بەت].
بۇ مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى قانداق قىلغاندا ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش مۇمكىن بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا جۇغلايمىز:
1-قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە شەرىئەت پىرىنسىپىنى لازىم تۇتۇش، بىرەر ۋاجىپنى تەرك قىلماسلىق ۋە چەكلەنگەن ئىشنى قىلماسلىق.
2-قەلبىدە مۇشۇ ئەمەلنى ئەسلىدە دۇنيالىق ئىش بولسىمۇ قانداق قىلغاندا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەلگە ئۇلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەننى مۇلاھىزە قىلىش كېرەك.
بۇنى ئەمدى سىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى يەڭگىللەتتۈرۈش توغرىسىدىكى سوئالىڭىزغا تەتبىقلاش مۇمكىن بولىدۇ، بىر كىشى تىرىشچانلىق قىلىپ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنى خالاپ بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرسە ياكى شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قىلىشنى خالىسا ياكى بۇنىڭ بىلەن ئايالى ئۈچۈن چىرايلىق بولۇپ ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇھەببەت ۋە بەخىت-سائادەتنى ئەمەلىلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن ئاللاھ خالىسا بۇ گۈزەل مەقسىتى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ.
شۇنىڭدەك مۇشۇ دۇرۇس ئىشنى قىلغۇچى بۇنىڭ بىلەن بەزى كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشنى ياكى قىزلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن چىرايلىق بولۇش قاتارلىق شەيتانى مەقسەتلەرنى ئىرادە قىلىدىكەن بۇ كىشى گۇناھ ۋە ئازابقا ھەقلىق بولىدۇ.
باشقا مۇباھ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ، ئىشنى قىلغۇچى پەقەت ياخشىلىق، ئەجىر-ساۋاپ، پەزىلەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلسا، قىلغان ئىشىغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ.
ئىبنى ھاج رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دۇرۇس ئىش نىيەت بىلەن ياخشى ئىشقا ئۆزگۈرىدۇ". ["ئەل مەدخەل"1-توم 21-بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئاللاھقا يېقىن بولغان كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن قىلغان دۇرۇس ئىشلىرى تائەتكە ئايلىنىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى باراۋەر بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى كۈچلۈك بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ["مەدارىجىسسالىكىين"1-توم 107-بەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئەد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: سەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ھەر نەرسە نەپىقە قىلساڭ بۇنىڭغا ئەجىر بېرىلىدۇ ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغان بىر لوقما يېمەككىمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى56-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1628-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسكە ئېزاھات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە، دۇرۇس ئىش بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى مەقسەت قىلىنسا بۇ تائەتكە ئۆرۈلۈپ ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا مۇنۇ سۆزى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن: ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغان بىر لوقما يېمەككىمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ ئايالى دېگەن ئۇنىڭ دۇنيادا دۇرۇس بولغان لەززەت ۋە شەھۋەتنى قاندۇرىدىغان خاس نېسىۋىسى، ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما يېمەك سېلىپ قويۇش ئادەتتە ئوينىشىش، كۆيۈنۈش ۋە دۇرۇس بولغان لەززەتلىنىشتىن ئىبارەت، بۇ ئاخىرەتلىك تائەتلەردىن ئەڭ يىراق بولغان بىر ھالەتتۇر، شۇنداق تۇرۇقلۇق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ بىر لوقما بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنسا ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. مۇسۇلمان كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا بۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردىمۇ ئاللاھ رازىلىقىنى مەقسەت قىلغاندا، ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
ھەقىقەتەن ئىنسان ئەسلى دۇرۇس بولغان بىر ئىشنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىلىدۇ دېگەننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئىنسان كۈچلۈك بولۇپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش مەقسىتى بىلەن يېمەك يېسە، جۇشقۇن ھالەتتە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئۇخلىسا. ئايالى ۋە چۆرىسى بىلەن ئۆزىنى، كۆزىنى ۋە ئۇ ئىككىيلەننى ھارامدىن توساش ئۈچۈن مەنپەئەتلەنسە، ياخشى پەرزەنت قالدۇرۇش ئۈچۈن ھاجىتىنى ئادا قىلسا، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ: سىلەرنىڭ بېرىڭلارنىڭ شەھۋىتىدىمۇ سەدىقە بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 11-توم 77-بەت].
سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ ئادەتتىكى دۇرۇس ئىشلارنى ياخشى نىيەت بىلەن قىلغاندا ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ ياخشى دەلىل: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ھەر بىر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ دېگەن سۆزىدۇر. دۇرۇس ئىشنى ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتى بىلەن قىلسا، بۇ ئىشنى قىلغۇچى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇنى مەقسەت قىلمىسا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ". ["شەرھى سۇيۇتى ئەلا نىسائى"1-توم19-بەت].
ئۆلىمالاردىن بۇ ئىش توغرىسىدا كۆپ دەلىللەر نەقل قېلىنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن 69960-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن دۇرۇس ئىشلارنى ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە قىلىش ھەرگىزمۇ پەرز-ۋاجىپ يولىغا ئاساسەن ئەمەس، چۈنكى ئەگەر دۇرۇس بولماي پەرز-ۋاجىپ بولغان بولسا، بۇنى تەرك قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.
ئەمما پەقەت ئۆز نەپسى ۋە رىغبىتىنى ياكى شەھۋىتىنى ئادا قىلىشنى ياكى ھاجىتىنى قامداشنى ياكى دۇرۇس ئىشلاردىن مەنپەئەتلىنىشنى مەقسەت قىلسا ۋە بۇ شەرىئەت يولغا قويغان ۋە رۇخسەت قىلغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسە، شۇ ئىشنى قىلغانلىقىغىلا گۇناھ بولمايدۇ.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.