ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

دوختۇر رامزاندا كېسەل داۋالاپ چارچاپ كەتكەندە ئېغىز ئىچىۋەتسە بولامدۇ؟

26-05-2016

سۇئال 132438

ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا دوختۇر كېسەل داۋالاپ كەتكەندە ئېغىز ئىچىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟، ئەگەر بىر قانچە سائەت داۋاملىشىدىغان ئوپېراتسىيەدە ياكى بىمار تىز قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتلاردا ھۆكۈم ئۆزگىرەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

"ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا دوختۇرنىڭ كېسەل داۋالايمەن دەپ روزىسىنى بۇزۇۋېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما كېسەلنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ بۇنى داۋالاش دوختۇرنىڭ روزىسىنى بۇزۇشقا ئالاقىدار بولۇپ قالسا، بۇنداق ھالەتتە پاك بىر جاننى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ روزىسىنى بۇزۇۋېتىشى دۇرۇس بولىدۇ. جانابى ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ۋەسەللەللاھۇممە ئەلا نەبىييىنا مۇھەممەد ئەلا ئالىھى ۋەسەھبىھى ئەجمەئىين".

[سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى ئىشلارپەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئالى شەيخ، شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار.].

روزىدىكى مەسىلىلەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش