ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
جىنسى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنىڭ زىيانلىرىنى بايان قىلدۇق. دوختۇرلار جىنسى ئاجىزلىق ھالەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى داۋالاپ، بىر قانچىلىغان پايدىلىق يول ۋە ۋاستىلارنى بايقىدى، ئۇلار:
-"فىياجىرا" ۋە "سىيالىس" دېگەندەك تابلىت شەكىلدىكى ئېغىز ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان روھلاندۇرغۇچى دورىلار بىلەن داۋالاش.
-تومۇرلارنى كېڭەيتىدىغان ئوكۇللار بىلەن داۋالاش.
-سۈيدۈك يولىغا كېچىك دورىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق داۋالاش
-يۇقىرىدا بايان قىلغان ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش مۇمكىن بولمىغاندا، ئوپېراتسىيە قېلىش ئارقىلىق ياردەمچى ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق داۋالاش.
بۇ داۋالاش يوللىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى ۋە قوشۇمچە تەسىرلىرى بار، بولۇپمۇ ئېغىز ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان روھلاندۇرۇش دورىسى ۋە شۇنىڭدەك ياردەمچى ئۈسكۈنىلەر بىلەن داۋالاشنىڭ پايدىسىز تەرىپى كۆپ بولىدۇ.
ئېغىزدىن ئىستىمال قىلىنىدىغان تابلىت شەكلىدىكى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنىڭ ھەممىسى: باش ئاغرىقى، بۇرنىغا قان چۈشۈش، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ ئاشقازان ئاغرىش، يورۇقلۇققا سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش، ئۇچىسىنىڭ ئاستى ۋە پەيلىرىدە ئاغرىق پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدۇ.
شۇنىڭدەك يۈرەك تومۇرلىرى توسۇلۇپ قىلىش كېسىلى بولۇپ قالغان كىشىلەر بۇ دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىسىز ئىستىمال قىلغاندا ئۇلارغا يېتىدىغان زىيانلار زور بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى "نايتىرايت" تابلىتىنى ئىستىمال قىلىدۇ، بۇ تابلىتنى "فىياجىرا" تابلىتى بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلغاندا رىئاكسىيە قىلىدۇ، "فىياجىرا" تابلىتى "نايتىرايت" تابلىتىنىڭ كېسەلنىڭ جىسمىدا پارچىلىنىشىنى چەكلەپ قويىدۇ، بۇ قان بىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ، بەزىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ئىككىنچى:
جىنسى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھۆكمى:
جىنسى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ئىككى تۈرلۈك ھالىتى بولىدۇ:
بىرىنچى ھالەت: ياشىنىپ قالغانلىق ياكى كېسەللىككە دورا قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىشلىتىشكە ھاجەت بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنى ئىستىمال قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولغان ئىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئىسلام مۇسۇلمانلارنى دورا قىلىشقا ۋە داۋالىنىشنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: داۋالىنىڭلار! ئاللاھ تائالا ئۆلۈم بىلەن قېرىلىقتىن باشقا ھەرقانداق كېسەلنىڭ دورىسىنى چۈشۈردى دېگەن. [تىرمىزى سەھىھ دەپ رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
بەزى ۋاقىتتا بۇ دورىلارنى ئىستىمال قىلىش شەرئى دەلىللەر تەۋسىيە قىلغان پەرزەنتكە ئېرىشىشكە سەۋەپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن شەرئى تەرەپتىن ياخشى دەپ قارىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَالآَنَ بَاشِرُوهُنَّوَابْتَغُوا مَاكَتَبَ اللَّهُلَكُمْ﴾ تەرجىمىسى: ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تۇغۇمچان ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلار بىلەن باشقا ئۇممەتلەرگە پەخىر قىلىمەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، نەسانى سەھىھ دېگەن].
لېكىن مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىس ۋەبىلىم ئىگىلىرى بايان قىلغان قائىدە-پرىنسىپلارغا رىئايە قىلىش كېرەك، ئاشۇ قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ جۈملىسىدىن:
1- جىنسى ئاجىزلىق كېسىلى بولۇپ قالغان كىشى جىنسى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى خاس ۋە ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدىن كېيىن ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
ب- پۈتۈنلەي روھلاندۇرغۇچى دورىلارغىلا تايىنىۋالماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولغاندا جىسىم ئۇ دورىلارسىز ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمايدۇ.
ج- دورىنى بەلگىلىمىدىن زىيادە ئىستىمال قىلماسلىققا رىئايە قىلىش كېرەك، زىيادە ئىستىمال قىلىش بەزى ۋاقىتتا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان چوڭ زىيانغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئىككىنچى ھالەت: ئارتۇقچە راھەتلىنىش ئۈچۈن جىنسى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ھالەتتە ھۆكۈم ھاجەتتىن سىرت روھلاندۇرغۇچى دورىنى ئىشلەتكەنلىكتىن كىلىپ چىقىدىغان ئەھۋالغا قاراپ بولىدۇ، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەر ساغلام كىشىلەر راھەتنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن بۇ دورىنى ئىستىمال قىلغاندا ئېغىر زىيىنى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى، تىببى تەتقىقاتلار ساغلام كىشىلەرنىڭ جىنسى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەكس تەسىرگە ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى روھلاندۇرغۇچى دورا جىسىمغا بىر قانچە سائەت داۋاملىشىدىغان جۇشقۇنلۇقنى بېرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي جىسىم بەك ھارغىنلىق ۋە چارچاش بىلەن ئاشۇ جۇشقۇنلۇقنىڭ بەدىلىنى ئۆتەيدۇ، ئومۇمى قائىدە ۋە شەرئى دەلىللەر زىيىنى كۈچلۈك بولغان ياكى زىيانلىق بولغان نەرسىلەرگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.
مۇراقى مۇنداق دېگەن:
ھۆكۈم شەرىئەت كۆرسەتمىسى بىلەن بولىدۇ، ئەسلى قائىدىدە زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ.
بۇ شەيخ سەئەد ئىبنى تۈركى خەسلاننىڭ يىتەكچىلىكىدىكى شەيخ زەينىل ئابىدىن ئىبنى شەيخ ئىبنى ئەزۋىيننىڭ "ئەننەۋازىل فىل ئەشرىبە" ناملىق ماگىستىرلىق رىسالىسىنىڭ 237-240-بېتىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
"شەرىئەتنىڭ قارىشى قانداق" دېگەن سۆزنىڭ ھۆكمىنى بىلىش ئۈچۈن (72842)- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر