ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەجدە ئېھرام كىيىشتىكى ھېكمەت

01-12-2008

سۇئال 21237

ھەجگە نىيەت قىلغان كىشى نېمە ئۈچۈن ئېھرام كىيىمى كىيدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

   ئاللاھ تائالا ئۆزىگە خاس ھېكمەت بىلەن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق  بىزنى  ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىدە ئېھرام كىيىمى كىيىشكە بۇيرىدى، بىز بۇ ھېكمەتنى بىلەيلى ياكى بىلمەيلى، ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىت قىلغان ئاساستا بۇ ھۆكۈمگە شەرتسىز بويسۇنۇشىمىز كېرەك.

   بەزى ئالىملار  ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىنىڭ ئېھرام كىيىشكە بۇيرۇلۇشىدىكى ھېكمەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئوخشاش ھالەتتىكى ئېھرام كىيىمىنى كىيىش ئارقىلىق قىيامەت مەيدانىدا جۇغلاشقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەش، شۇنىڭدەك ئىنسانلار ئارىسىدىكى باي-كەمبەغەل، پادىشاھ-گاداي قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنسانىيلىقتا باپ-باراۋەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھتىن تا ئەبەد بىز ۋە سىلەر ئۈچۈن تەۋپىق-ھىدايەت ۋە ھەقتە مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.

   ئاللاھ ھەممىگە مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا دۇرۇت سالاملار بولسۇن.

ئېھرام كەيگەندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش