ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
نەپلە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان كۈنلەر قايسى؟ يەنى بىر كىشى بىر ئايدا نەچچە كۈن روزا تۇتىدۇ؟. ھەپتىنىڭ قايسى كۈنلىرىدە روزا تۇتىدۇ؟. شۇنىڭدەك ئىپتار ۋە سۇھۇرنىڭ توغرا بولغان ۋاقتى قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
مۇستەھەپ بولغان روزىلاردىن ھەپتە ئىچىدە: دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى، ئاينىڭ ئىچىدە ھەر ئايدا ئۈچ كۈن، يىلدا بولسا ئاشۇرا ۋە ئەرەپات كۈنلىرىگە ئوخشاش مەلۇم كۈنلەردە، ۋاقىتتا بولسا شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش، مۇھەررەم ۋە شەبان ئايلىرىدا مۇمكىن بولغانچە روزا تۇتۇش، روزا تۇتۇشى مۇمكىن بولغان ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان يىلنىڭ قايسى بىر كۈنىدە روزا تۇتسا بولىدۇ، لېكىن روزا تۇتۇش چەكلەنگەن كۈنلەردىن: ئىككى ھېيت كۈنلىرى، تەشرىقنىڭ ئۈچ كۈنى روزا تۇتمايدۇ، تەمەتتۇ ھەج قىلىپ قۇربانلىق تاپالمىغان كىشى تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالاغا سۆيۈملۈك بولغان روزا قادىر بولالىغان ۋە ئاجىزلىشىپ قالمايدىغان كىشى ئۈچۈن بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر ئىپتار قىلىشتۇر. بۇنداق قىلالىسا ياخشى بولىدۇ.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.
ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن بەندىلىرىگە ئۇلار ئۆزلىرىگە پەرز قىلىنغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا پەرز قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ تۈرىدىن بولغان نەپلە ئىبادەتلەرنى يولغا قويدى، ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر-ساۋاپلارنى تەرتىپلىدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق كەلگەن: «بەندەم مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىنمۇ ياخشى كۆرەلگۈدەك بىر نەرسە بىلەن ماڭا يىقىنلاشمىدى، بەندەم دائىم نەپلە ئەمەللەر بىلەن ماڭا يېقىنلىشىدۇ، ھەتتا مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، مەن بىر نەرسە سورىسا ئەلۋەتتە سورىغىنىنى بېرىمەن، مەندىن پاناھلىق تەلەپ قىلسا ئەلۋەتتە ئۇنى پاناھلىقىمغا ئالىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى6502-ھەدىس].
نەپلە روزا ئاساسلىق ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ:
ۋە ۋاقىتقا ئالاقىدار بولغان نەپلە زورا.
مۇتلەق نەپلە روزا دېگەن: مەلۇم ۋاقىت ياكى ھالەتلەر بىلەن بېكىتىلمىگەن، مۇسۇلمان يىلنىڭ قايسى كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلسا مۇمكىن بولىدىغان روزىدۇر، لېكىن ئىككى ھېيت كۈنىگە ۋە قۇربان ھېيتتىن كىيىنكى تەشرىقنىڭ ئۈچ كۈنىگە ئوخشاش روزا تۇتۇش ھارام بولغان كۈنلەردە روزا تۇتمايدۇ، تەشرىقنىڭ ئۈچ كۈنىدە ھەج تەمەتتۇ قىلىپ ھەدىيە تاپالمىغان كىشى روزا تۇتسا بولىدۇ، شۇنىڭدەك جۈمە كۈنىدە يالغۇز روزا تۇتمايدۇ، بۇنىڭدىنمۇ چەكلەنگەن، مۇتلەق نەپلە روزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قادىر بولالىغان كىشى ئۈچۈن بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن ئىپتار قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناماز داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى، ئاللاھ تائالا ئەڭ ياقتۇرىدىغان روزا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى، داۋۇد ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ يېرىمىغىچە ئۇخلاپ ئۈچتىن بىردە تۇراتتى، ئالتىدىن بىرىدە يەنە ئۇخلايتتى، بىر كۈن روزا تۇتۇپ يەنە بىر كۈن ئىپتار قىلاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 1131 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1159-ھەدىس] .
ئەۋزەللىكتە ئاجىزلاپ قالماسلىق شەرت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كۈن روزا تۇتاتتى، بىر كۈن ئىپتار قىلاتتى، دۈشمەنگە ئۇچراشقاندا قاچمايتتى». بۇخارى(1977) ۋە مۇسلىم(1159) رىۋايىتى. [بۇخارى رىۋايىتى 1977-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1159-ھەدىس] .
ئومۇمى تەرەپتىن مۇتلەق روزىدىن ئەۋزەل بولىدۇ، ۋاقىتقا ئالاقىدار بولغان نەپلە روزىلار ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:
بىرىنچى: ئىنساننىڭ ھالىتىگە ئالاقىدار بولىدۇ: توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان ياشلار. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىز ھېچ نەرسىمىز يوق بىر تۈركۈم ياشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېدى: «ئى ياشلار جامائىتى! سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، چۈنكى توي قىلىش ئىنساننىڭ كۆزىنى نامەھرەمدىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، ھەقىقەتەن روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقان بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5066-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1400-ھەدىس].
ئەگەر بويتاق بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن نەپلە روزا تۇتۇش تەكىتلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ھىسسىيات قوزغىلىشلىرى زىيادە بولغانسېرى ئۇنىڭغا مەلۇم كۈنلەر بېكىتىلمەستىن روزا تۇتۇش تەكىتلىنىدۇ.
ئىككىنچى: مەلۇم ۋاقىتقا ئالاقىدار بولغان روزىلار. بۇ روزىلار تۈرلۈك بولۇپ، بەزىسى ھەپتىگە، بەزىسى ئايغا يەنە بەزىسى يىلغا ئالاقىدار بولىدۇ.
ھەپتىگە ئالاقىدار بولغىنى دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى بولىشىدۇر. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشنى تاللايتتى». [نىسائى رىۋايىتى2320-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “سەھىھ جامىئۇ سەغىر”دە 4897 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىنىڭ روزىسى توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىككى كۈندە ئەمەللەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرىلىدۇ، ئەمەللىرىمنىڭ مەن روزىدار ھالەتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرىلىشىنى ياقتۇرىمەن.» [نىسائى رىۋايىتى 2358-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1740-ھەدىس. ئەھمەد رىۋايىتى 8161-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ”سەھىھۇل جامى”ناملىق ئەسەر1583 -نومۇرلۇق ھەدىست كەلتۈرگەن].
دۈشەنبە كۈنىنىڭ روزىسى توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇ كۈندە تۇغۇلدۇم ۋە ئۇ كۈندە قۇرئان نازىل بولدى». [مۇسلىم رىۋايىتى1162 -ھەدىس].
ئايغا ئالاقىدار بولغىنى. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياخشى كۆرۈلىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: «دوستۇم ماڭا ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى تەۋسىيە قىلدى، مەن ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ئىشلارنى تەرك قىلمايمەن، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، چاشكا نامىزى ئادا قىلىش ۋە ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇپ ئۇخلاش». بۇخارى رىۋايىتى 1178-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 7211-ھەدىس].
بۇ روزىلارنى ھىجىرىيە ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدا يورۇق كۈنلەر ياكى ئايدىڭ كېچىلەر دەپ ئاتىلىدىغان كۈنلەردە تۇتۇش مۇستەھەپ بولىدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «ھەر ئايدا روزا تۇتساڭ، ئاينىڭ ئون ئۈچ، ئون تۆت ۋە ئون بەشىنچى كۈنلىرى تۇتقىن».] نىسائى رىۋايىتى 2424-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1707 -ھەدىس. ئەھمەد رىۋايىتى 210-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “سەھىھ جامىئۇس سەغىر” ناملىق ئەسەر 673 -ھەدىستە كەلتۈرگەن.]
يىلغا ئالاقىدار بولغان روزىلاردىن مۇئەييەن كۈنلەرگە ئالاقىدار بولغانلىرى بولۇپ، ئۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش ياخشى بولىدۇ، ئۇ كۈنلەردىن:
1- ئاشۇرا كۈنى. بۇ مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى بولۇپ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ كۈندىن باشقا پەزىلىتى تەلەپ قىلىدىغان كۈندە روزا تۇتقانلىقىنى بىلمەيمەن، رامىزان ئېيىدىن باشقا پەزىلىتى تەلەپ قىلىنىدىغان ئايدا روزا تۇتقانلىقىنى بىلمەيمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 2006-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1132-ھەدىس].
يەھۇدىلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاشۇرا كۈنىدىن بىر كۈن ئىلگىرى ياكى بىر كۈن كېيىن بىرگە روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر.
2- ئەرەپات كۈنى. بۇ زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققىزىنچى كۈنى بولۇپ، ئەرەپات مەيدانىدا بولمىغان يەنى ھەج قىلمىغان كىشى ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ياخشى بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆتكەنكى ئۈچ تۈرلۈك روزىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلغاندەك بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، رامزاندا تۇتقان روزا يەنە بىر رامىزانغىچە بۇ يىلنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ، ئەرەپات كۈنىدە تۇتقان روزىدىن ئاللاھ تائالانى ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كېلىدىغان بىر يىللىق گۇناھنى مەغپىرەت قىلىدۇ دەپ ھېسابلايمەن، ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى بىلەن ئاللاھ تائالادىن ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ دەپ ھېسابلايمەن». ] مۇسلىم رىۋايىتى1162-ھەدىس].
ئەمما روزا تۇتۇش سۈننەت بولغان ۋاقىتلار: شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزاندا تولۇق روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1164-ھەدىس].
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن7859 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
مۇھەررەم ئېيىدا مۇمكىن بولغانچە روزا تۇتۇش سۈننەت بولىدۇ، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئېيىدىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل روزا ئاللاھنىڭ ئېيى بولغان مۇھەررەم ئېيىدا تۇتقان روزىدۇر، پەرز نامازدىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل ناماز بولسا كېچىدە تۇرۇپ ئادا قىلغان نامازدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى1163 -ھەدىس].
شەبان ئېيى ، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ئايلار شۇنداق روزا تۇتۇپ كېتەتتىكى ھەتتا بىز بۇ ئايدا ئىپتار قىلمايدىكەن دەپ قالاتتۇق، بەزى ئايلاردا ئېغىزى ئوچۇق بولاتتى بىز بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىكەن دەيتتۇق، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىن باشقا ئايدا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتقانلىقىنى كۆرمىدىم، شەبان ئېيىدىنمۇ كۆپ روزا تۇتقان بىر ئاينى كۆرمىدىم، شەبان ئېيىدا ئاز كۈنلەردىن باشقا ۋاقىتتا تولۇق روزا تۇتاتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 1969-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1156-ھەدىس].
ياخشىلىققا رىغبەتلىنىدىغان مۇسۇلمان ئاللاھ ئۈچۈن نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ ئەجىر-ساۋابنىڭ كاتتا ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن نەپلە روزا تۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى جەھەننەمدىن يەتمىش يىللىق يىراق قىلىدۇ.» [نىسائى رىۋايىتى 2247-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “نىسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” 2121-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. ]
ئاللاھ تائالادىن بىزلەرنى جەھەننەمدىن ۋە ئۇنىڭ ھارارىتىدىن يىراق بولغان ۋە نېمەتلىك جەننەت ئىگىلىرىدىن قىلىشىنى سورايمىز.
ئەمما ئىپتارنىڭ ۋە سۇھۇرنىڭ توغرا ۋاقىتلىرى روزىنى چۈشەندۈرگەندە بايان قىلىنغان: تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە بولغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن يېمەك، ئىچمەك، جىنسى مۇناسىۋەت ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن قول يىغىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ﴾ تەرجىمىسى: «تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار ». [سۈرە بەقەرە 187 -ئايەت].
روزا تاڭ يورىغانلىق ئېنىق بولغاندىن كېيىن باشلىنىپ ھەتتا كۈن پاتقۇچە روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن قول يېغىش بىلەن بولىدۇ. ئىپتار ۋاقتى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچە بۇ تەرەپتىن يۈزلەنسە، كۈندۈز ئۇ تەرەپكە يۈزلەنسە، كۈن ئولتۇرسا روزا تۇتقانلار ئىپتار قىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى1818-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1841-ھەدىس].
ئەمما سۇھۇر ۋاقتى توغرىسىدا كۆپچىلىك ئالىملار: سۇھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى دېگەن: يېرىم كېچە بىلەن تاڭ تولۇق يورىغانغىچە بولغان ئارىلىق دېگەن قاراشقا باردى. كۆپچىلىك ئالىملار يۇقىرىقى ئايەتنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىنىڭ ھۆكمىگە كۆرە، تاڭ يورۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىمىسە سۇھۇرلۇق كېچىكتۈرۈپ يېيىشنى سۈننەت دېگەن. « ئىپتارنى ۋاقتىدا قىلىڭلار، سۇھۇرلۇق تاڭ يورۇشقا يېقىن يەڭلار.» [تەبرانى رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “سەھىھ جامى” دا 3989 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].
چۈنكى سۇھۇرلۇق يېيىشتىن بولغان مەقسەت روزىنى كۈچلۈك ھالەتتە تۇتۇشتۇر. سۇھۇرلۇق تاڭ يورۇشقا يېقىن يېيىلسە، روزىغا ياردىمى بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن بىزنى شەرىئەتكە باغلانغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلىشىنى سورايمىز.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.