ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەراۋىھ نامىزى بىلەن كېچىلىك نامازنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟

05-04-2022

سۇئال 2730

   كېچىلىك ناماز بىلەن تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     تەراۋىھ نامىزى بولسا كېچىلىك نامزىنىڭ ئۆزى، كۆپچىلىك كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى ناماز ئەمەس، كېچىلىك ناماز رامزاندا تەراۋىھ دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئىلگىرىكى كىشىلەر-ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن-  ھەر ئىككى رەكەت ياكى تۆت رەكەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كېچىلىك نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئەجىر-ساۋاپ پۇرسىتىنى غەنىمەت بىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدە بايان قىلغان ياخشىلىقىغا نائىل بولۇش ئۈچۈن ئولتۇرۇپ ئارام ئالاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاننىڭ كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى.» [بۇخارى رىۋايىتى36-ھەدىس].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

كېچە نامىزى(تەھەججۈد نامىزى) تەراۋى نامىزى ۋە قەدىر كېچىسى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش