بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.
تەراۋىھ نامىزى بولسا كېچىلىك نامزىنىڭ ئۆزى، كۆپچىلىك كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى ناماز ئەمەس، كېچىلىك ناماز رامزاندا تەراۋىھ دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئىلگىرىكى كىشىلەر-ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن- ھەر ئىككى رەكەت ياكى تۆت رەكەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كېچىلىك نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئەجىر-ساۋاپ پۇرسىتىنى غەنىمەت بىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدە بايان قىلغان ياخشىلىقىغا نائىل بولۇش ئۈچۈن ئولتۇرۇپ ئارام ئالاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاننىڭ كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى.» [بۇخارى رىۋايىتى36-ھەدىس].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.