ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھەيران قالىدىغان نەرسىنى كۆرسەم، ئۇ نەرسىنى ھەر قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمدا ئاللاھ تائالا بەرىكەت بەرسۇن دېيىشىم كېرەكمۇ ياكى بىر قېتىملا ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن دېيىش كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىدا ھەيران قالىدىغان بىرەر ئىشنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىدا ھەيران قالىدىغان بىرەر ئىشنى كۆرسە ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن». [ئىمام مالىك مۇئەتتا 2-توم 939-بەتتە، ئىمام ئەھمەد مۇسنەد 25-توم 355-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3509-ھەدىس].
بۇيرۇق تەكرار ئادا قىلىشنى بىلدۈرەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ھەر خىل بولۇپ، ئۇسۇل قائىدىسى بويىچە: بۇيرۇق تەكرار قىلىشنى بىلدۈرىدىغان دەلىل بىلەن بىرگە كەلمىگەندە، ئۇ تەكرار قىلىشنى تەقەززا قىلمايدۇ.
شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلغان: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە خۇتبە سۆزلەپ: ئې ئىنسانلار! ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرىز قىلدى، ھەج قىلىڭلار! دېگەن ئىدى، بىر كىشى: ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەر يىلى ھەج قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جاۋاپ بەرمەي جىم تۇردى، ھەتتا ئۇ كىشى بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئەگەر ھەئە ھەر يىلى ھەج قىلىمىز دېسەم، سىلەرگە ھەر يىلى ھەج قىلىش پەرىز بولۇپ، سىلە بۇنى ئادا قىلالمايتتىڭلار، مەن دېمىگەن سۆزنى سىلەر سورىماڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن كۆپ سوئال سوراش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە بىلەن ئىختىلاپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ھالاك بولدى، سىلەرنى بىرەر ئىشقا بۇيرۇسام تاقىتىڭلار يېتىشچە ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، بىرەر ئىشتىن چەكلىسەم ئۇ دەرھال تەرك قىلىڭلار».
بۇ ھەدىستىكى دەلىلنىڭ ئورنى: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرىز قىلدى، ھەج قىلىڭلار!» دېگەن سۆز، ئىمام ئەھمەد بىلەن نەسائىمۇ مۇشۇ ھەدىسكە ئوخشاش ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ، بۇ ھەدىسنى بۇيرۇق تەكرار ئادا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان دەلىل بىلەن كەلمىگەندە، ئۇسۇل قائىدىسىدە بېكىتىلگەندەك، تەكرار ئادا قىلىشنى بىلدۈرمەيدىغانلىققا دەلىل قىلدى". "ئەزۋائۇل بايان" 5-توم 74-بەت.
بۇيرۇق بىلەن تەكرار ئادا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان دەلىل بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا مۇشۇ دەلىل بويىچە بۇيرۇقنى تەكرار ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئۇنداق بولىشى، ئىش شەرىئەتنىڭ ھېكمىتىگە مۇناسىپ ھالەتتە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىللەت ۋە شەرتكە ئاساسەن بېكىتىلسە، ھەر قاچان بېكىتىلگەن شەرت بىلەن ئىللەت تېپىلسا، ئۇ بۇيرۇقنى تەكرار ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ.
ئىبنى لىھام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈمنى يولغا قويغۇچى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭغا زىتلىق توغرا بولمايدۇ، بىرەر ھۆكۈمنى يولغا قويۇپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلسا، ھەر قاچان ئۇنىڭدا سەۋەپ تېپىلسا، ئاشۇ ھۆكۈمنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلىمىز". ["ئۇسۇلنىڭ قائىدىلىرى ۋە پايدىلىرى" 240-بەت].
ئىلگىرى بايان قىلىنغان ھەدىس ھەيران قىلىش تىپىلغاندا، بۇيرۇق بەرىكەت بىلەن دۇئا قىلىشقا تەرتىپلىنىدۇ، مۇشۇنداق بولىشى، ھەيران قالىدىغان ئىشنى تەكرار كۆرگەن ۋاقىتتا تەكرار دۇئا قىلىش كېرەك بولىدۇ.
ئىككىنچى: بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىشنى تەرك قىلىشتا قارىغۇچىغا ئىككى خىل ھالەت بولىدۇ:
بىرىنچى ھالەت: بەك ھەيران قالغان ۋاقىتتا قېرىندىشىغا كۆز تىگىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ قالسا، بۇ ھالەتتە قېرىندىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانغا ئۆز قېرىندىشىغا يېتىدىغان يامانلىق ۋە ئەزىيەتلەرنى چەكلەش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر قارىغۇچى ئۆزىنىڭ قارالغان نەرسىگە كۆزىنىڭ تىگىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە" ئې ئاللاھ! ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرسىلە" دەپ دۇئا قىلىپ يامانلىقنى توسۇشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئامىر ئىبنى رەبىيئە سەھىل ئىبنى ھەنىپكە تىكىلىپ قارىغاندا: «ئۇنىڭغا ئاللاھدىن بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىڭمۇ؟» دېگەن. ["زادىل مىئاد" 4-توم 156-بەت].
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇنىڭغا ئاللاھدىن بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىڭمۇ؟» دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىپ ھەيران قالغاندا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىشنى ۋاجىپ دەپ بايان قىلىپ: ئەگەر قارىغۇچى بەرىكەت بىلەن دۇئا قىلسا قاراشنىڭ زىيىنى بولمايدۇ، باشقىلارغا ئۆتمەيدۇ، ئەگەر بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلمىسا ئۇ ۋاقىتتا كۆز تېگىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيران قالىدىغان بىر ئىشنى كۆرگەن كىشى ئۈچۈن بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسا چەكلىمە چوقۇم يوق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر". ["ئەتتەمھىيد" 6-توم 240-241-بەت].
ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ "ئەتتەپسىر" 11-توم 401-بەتتە ئىبنى ئابدۇلبەرنىڭ بۇ سۆزىگە ئەگەشتى، ئىبنى مۇلەققىنمۇ"ئەتتەۋزىيھ" 29-توم 401-بەتتە بۇ سۆزنى نەقل قىلدى.
ئىككىنچى ھالەت: ئەگەر قارىغۇچى كۆز تېگىدىغان كىشى ئەمەس ئىكەن ھەم ئۆزىدىنمۇ باشقىلارغا كۆزۈم تېگىدۇ دەپ ئەنسىرىمىسە، ئۇ كىشىنى قاراش بىلەن قېرىندىشىڭىزغا زىيان يېتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ قېرىندىشىغا ياخشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن دۇئا قىلىپ قويۇشى كېرەك بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.