ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىشچىلارنىڭ پىتىر زاكىتىنى بېرىش توغرىسىدا

17-06-2017

سۇئال 34519

بىزنىڭ زاۋۇت ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىمىز بار، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئىشچىلار بار، ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالىدۇ، بىز ئۇلار ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بەرسەك بولامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزى بېرىشى لازىممۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

زاۋۇت ۋە تېرىلغۇ يەرلەردە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار، قىلغان ئىشىنىڭ بەدىلىگە ئىش ھەققىنى تولۇق ئالغان بولسا، ئۇلار ئۆزىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئۆزى بېرىدۇ، چۈنكى ئەسلىدە پىتىر سەدىقىسى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە پەرز قىلىنغان بولغاچقا، سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات

پىتىر سەدىقىسى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش