ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە

06-12-2008

سۇئال 36526

مېنىڭ ھەج قىلىش شەرتلىرىم ھازىرلاندى، لېكىن ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھەجنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ يىل ھەج قىلسام يەنە ئىككى يىلغىچە ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەجنى كېچىكتۇرۇشۇم ياكى ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

مۇسۇلمان كىشى ئىمكانىيىتى يەتكەنگە قەدەر ھەج قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭلار، سىلەرنىڭ بېرىڭلار كېيىن نېمە ئىشلارغا دۈچ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد(1314) رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي ئىرۋائۇل غەلىلدە (990) ھەسەن دېگەن.

ھەج-ئۆمرەنىڭ ھۆكمى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش