ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەرنىڭ ئايالىغا قىلىدىغان مۇھىم ئەمەللىرى قايسى؟. ئەرنىڭ ئايالىنى دائىم بەختلىك قىلىشى كېرەكمۇ؟. ئىرىم ماڭا ئۆز تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، يەنى ئاتا-ئانا، ھەمشىرىلىرىگە ماڭا كۆڭۈل بۆلگەندىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنىڭ ماڭا ۋە كېلىچەك ھاياتىمىزغا، تۇغقانلىرىغا ھېسداشلىق قىلغاندىنمۇ بەكراق كۆڭۈل بۆلىشىنى مەقسەت قىلىمەن. ئېرىمنىڭ ماڭا بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىرەر سەۋەپ بولسا ئېيتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.
ئەر ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىشى، كېرەكلىك بولغان يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ جايلارنى ھازىرلاپ بېرىشى ۋاجىپتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار سۈرە نىسا 19-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلىرىنىڭ ھەقلىقى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللىرىنىڭمۇ ھەقلىقى بار، يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىشى، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەت ئۆتىشى كېرەك. ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن، ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىز قىلغۇچىدۇر سۈرە بەقەرە 228-ئايەت.
ئىمام ئەھمەد بىلەن ئەبۇ داۋۇد مۇئاۋىيە ئىبنى ھەيدەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىغان سوئالىنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! بىزلەرنىڭ ئۈستىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ھەققى قايسى؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك قىلىپ بېرىش، يۈزىگە ئۇرماسلىق، سەت سۆزلەر بىلەن تىللىماسلىقىڭ، سىنى رەنجىتىپ قويغاندىمۇ ئۆز ئۆيۈڭدىن باشقا ئۆيگە چىقىپ كەتمەسلىكىڭدىن ئىبارەتتۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نۇرغۇن ھەدىسلىرىدە، ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، ئەرنىڭ ئايالى ھەققىدە ئاللاھدىن قورقۇشى، تىگىشلىك ھەققىنى تولۇق بېرىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىغا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن، ئايالىغا ئېھتىرام قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈپ، خەيرى ئېھسان قىلىش بىر-بىرىگە زىت ئىش ئەمەس. قىز ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيلىق مۇجەسسەملەشكەن تۆۋەندىكى ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇبارەك سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلار، مەن ئائىلەمدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغۇچىمەن. بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىگە ئېھتىرام قىلىشنى ياخشىلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلدى. كىمكى ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەير-ئېھسان قىلسۇن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئېھسانلىرىڭغا، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئېغىزىغا سىلىپ قويغان بىر لوقما تائامىڭغىمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.
سىز ئېرىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ تولۇق بولماسلىقىدىكى سەۋەبنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بەلكىم سىز ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئائىلىدىكى شەخسى تۇرمۇشىغا ئەستايدىللىق بىلەن كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىڭىزدىن ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن چىرايلىق ياسىنىپ، ياخشى كۈتمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. سىز تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ چىقىڭ، بەلكىم سىز ئويلىمىغان يەردىن مەسىلە خاتىرجەملىك بىلەن ھەل بولىشى مۇمكىن.
كۆپ سەبرى قېلىڭ، بۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق ۋە گۈزەل ئاقىۋەتلەر بولىشىدا شەك يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سەبرى قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەبرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. يەنە بىر ئايەتتە: كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەبرى قىلىدىكەن، ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. يەنە بىر ئايەتتە: سەبرى قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.
ئاللاھتىن ئائىلىڭىزگە ئىللىقلىق، تەقۋادارلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان گۈزەل تۇرمۇش ئاتا قىلىشىنى سورايمەن.
ئاللاھ تائالادىن بىزنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشىنى سورايمىز.