ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

گۇناھقا تەۋبە قىلغۇچى، ئۆزىنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟

14-03-2023

سۇئال 5220

تەۋبە قىلغۇچى تەۋبە بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدىكى تەۋبىنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق قىلسا، ئۇ بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىغا جەزىم قىلالامدۇ ياكى پەقەت تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئۈمىت قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىز بۇ سوئالنى پەزىلەتلىك ئۇستاز شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىندىن سورىغان ئىدۇق، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ھېچ كىشى ئۆزىنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىغا جەزىم قىلالمايدۇ، پەقەت تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەۋبە قىلىش توغىرسىدىكى ھۆكۈملەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش