جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئايالى نامازغا ھۇرۇنلۇق قىلسا تالاق قىلىۋېتەمدۇ؟

102049

تارقاتقان ۋاقىت : 29-08-2020

كۆرگۈچىلەر : 3734

سۇئال

مەن توي قىلىغان، ئىككى قىزىم بار، ئايالىم ئۆي ئىشلىرىنى تۇلۇق ۋە ياخشى قىلىدۇ، مەن ئۆيدە يوق ۋاقىتلاردا ئۆيگە ياخشى قارايدۇ ۋە ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ دىنى ئىشلىرىغا كەلگەندە سۇسلۇق قىلىدۇ، ناماز ئۇقۇشقا بەك سەل قارايدۇ، مەن ئۇنىڭغا بۇ توغرىدا كۆپ سۆزلىدىم ۋە نەسىھەت قىلدىم، ھەر قېتىم سۆزلىگەن ۋاقتىمدا ئەمدى قىلىمەن- ئەمدى قىلىمەن دەيدۇ، ئەمما قىلمايدۇ، يەنە ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ، مەن بەك سىقىلدىم، نەچچە قېتىم تالاق قىلىشنى ئۆيلىدىم ئەمما قىزلىرىمنى ئويلاپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم، بۇ ئايالنى قانداق قىلىشىم كېرەك؟، داۋاملىق بىرگە ياشىشىم كېرەكمۇ ياكى ئايرىلىپ كەتسەم بۇلامدۇ؟. مەن بۇ ئىش ئۈچۈن بەك چارچىدىم، ماڭا بىر چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. ناماز بولسا، ئىككى شاھادەت ئېيتىشتىن كېيىنكى ئىسلامنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاساسلىرىدىن بولۇپ، ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: نامازنى تەرك قىلغۇچى ئۈچۈن ئىسلامدا ھېچ بىر نەسىبە يوق، قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا، نامازنى تەرك قىلىش ئىنساننى كۇپرىلىق دائىرىسىگە كىرگۈزۇپ، ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئەمەللەردىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ مەسىلە ئۈچۈن 5208 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئۆزىنىڭ رەببىنى، پەيغەمبىرىنى ۋە قۇرئاننى، دىنىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىنسان، قانداقمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغان، ئادا قىلىش ئاسان ھەم ۋە گۈزەل، ئۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ قەلبى راھەتلىنىپ روھى ھۇزۇرلىنىدىغان، بەدىنىنى پاك تۇتۇشقا سەۋەب بولىدىغان شەرەپلىك بىر پەرزنى قانداقمۇ زايە قىلىۋېتىدۇ؟!.

نامازغا ھۇرۇنلۇق قىلىپ، ۋاقتىدىن كىچىكتۇرۇپ ئادا قىلغۇچى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە دەلىللەر بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا تەرجىمىسى: ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشىلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. [سۈرە مەريەم 59 - ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەللىرى بىكار قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 553-ھەدىس].

سىز ئۇ ئايالىڭىزغا نىسبەتەن ناماز ئىشلىرىدا بىرئاز قاتتىق قول بۇلۇپ، ئۇ ئايال نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان بولغانغا قەدەر، ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا كۆزىتىپ، نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكىچە نامازنى تەرك ئېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ نەسىھىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىشىڭىز لازىم.

ئۇ ئايالنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ، نامازغا ھۇرۇنلۇق قىلىشىدىن يېنىشى ئۇچۇن، ئۇنىڭغا نامازنى ساغلام ئادا قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرىنى بايان قىلغاندىن سىرت، نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ھۆكمىنى، بەزى ئۆلىمالارنىڭ بىر ۋاخ نامازنى ۋاقتى چىقىپ كەتكىچە ئۆزرىسىز تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى، بەزى فىقھىي ئالىملىرىنىڭ نامازنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ نىكاھىنىڭ بۇزىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى بىلدۈرۈش لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ اللَّـهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۆئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ. [سۈرە تەھرىم 6- ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇلدۇر، ئۇ چوقۇم ئائىلىسىدىكىلەر توغرىسىدا سۇئال قېلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 893-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1829-ھەدىس].

سىز ئايالىڭىزنى ناماز ئۇقۇشقا تەرغىب قىلىش، ۋە نامازنى تەرك ئېتىشتىن قورقۇتۇش ئىشلىرىدا مۇمكىن بولغان بارلىق مەنىۋى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشىڭىز، نەسىھەت قىلغاندا مۇلايىم ۋە سىلىق-سىپايە بۇلىشىڭىز لازىمدۇر. مۇئامىلىدە سىلىق-سىپايە بۇلۇش دائىم گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئۇ ناماز ئوقۇسا گۈزەل سۆزلەرنى قىلىڭ ۋە مۇكاپاتلاڭ، نامازنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت ۋە مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئاچقۇسى ئىكەنلىكىنى، رىزىقنىڭ كەڭرى بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئەسلىتىڭ. سىزنىڭ بۇنەسىھەتلىرىڭىز نەتىجە بېرىپ ئايالىڭىزنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانسا، بۇ بىزنىڭ ئۇ ئايالدىن كۈتكىنىمىز ۋە ئۈمىت قىلغىنىمىز، ئەگەر ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ ئايال ئوڭشالغانغا قەدەر نەسىھەتنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئانچە-مۇنچە قاتتىق قوللۇق قىلىشمۇ كېرەك بولىدۇ.

ئەگەر ئايالىڭىز نامازنى تەرك ئېتىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، بىر مەزگىل يالغۇز تاشلاپ قويۇڭ ۋە تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت قېلىشىڭىز لازىم. بۇ ئارقىلىق نامازنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغان ئەك مۇھىم ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. گەرچە ئۇ ئايال دۇنيا ئىشلىرىدا تىرىشچان بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ ئىسلامدىكى ئاساسلىق ئىبادەتلەردە ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان ئايال بىلەن بىرگە تۇرىشىڭىزنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلسۇن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۇ ئايالنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇ ئايالنىڭ يۈرىكىنى سىقماستىن، ئۇ ئايالغا قارىتا سەۋرچان بولىشىڭىزغا تەۋسىيە قىلىمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد!ئائىلەڭدىكىلەرنى ۋە ئۈممىتىڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۈزەڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن. سۈرە تاھا132- ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ ئايالىڭىزنى ئىسلاھ قىلىپ توغرا يولغا يېتەكلىشى ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىڭ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى